iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟

 

ھازىر جۇڭگو ۋاقتى بويىچە ھېسابلىساق 12-چىسلا بولغىنى بىلەن ئامېرىكىدا ئۇلار ھازىر 11-ئۆكتەبر كەچتە ئۇخلاۋاتىدۇ. iOS 5 كە مەخسۇس ئىشلەنگەن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان Beta نۇسقىسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن iTunes 10.5 نىڭ بۈگۈن ھەقىقىي نۇسقىسى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. تۆۋەندىكىدەك 2 يول ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  • iTunes نىڭ ئۆزىدىكى 帮助 دىن 检查更新 نى باسساق، بىرئازدىن كىيىن قىستۇرما رەسىمدىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ كۆزنەكتىكى 下载iTunes نى باسساق Apple Software Update قوزغىلىپ، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئالما ئەپلىرىنى چۈشۈرىدۇ.
  • 2-خىل ئۇسۇل ئورگان تەرەپ تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى. بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تور بەتنى زىيارەت قىلىپ، سول تەرەپتىكى  Download Now نى باسساقلا بولىدۇ. بېسىشتىن ئەۋۋەل دۆلەت تاللايدىغان جايغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە سىزنىڭ IP رىڭىزغا ئاساسەن ئاپتۇماتىك تاللايدۇ. رازى بولمىسىڭىز ئاستىدىكى جايدىن ئىزدەپ خالىغان تىلدىكىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ. رەسىمگە قاراڭ

itunes-105-available-to-download

بۇنى ھازىرچە چۈشۈرگەچ تۇرۇڭ. ئامېرىكا ۋاقتى 12-چىسلا بولىشىغا يەنە نەچچە سائەت بار. بەلكى كەچ تەرەپلەردە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. iOS 5 ئېلان قىلىنغان 1-ۋاقىتتا ئىنشا ئاللاھ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرىمەن.

سەمىمى ئەسكەرتىش: ئەڭ ياخشىسى iTunes نىڭ ئۆزىدىكى ئەسكەرتمە بويىچە چۈشۈرمەڭ. مەن قالدۇرغان ئادرىستىن چۈشۈرۈپ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىر جايغا ساقلاپ قويۇڭ. كىيىن سېستىما بۇزۇلۇپ قالسا قايتۇرۇشقا قولايلىق.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



25 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەنمۇ ھازىر itunesنى يېڭىلاپ سىز تەمىنلىمەكچى بولغان ئادرېسقا ساقلاپ ئولتۇرۇپتىمەن

  2. ماۋۇ تېمىدا iOS5 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلىنىپتىكەن. مەن چۈشۈرۈپ ئايتۇنېس نەشرىنى كۆتۈرۈپ قاچىلاي دەپ ئىشنى باشلىسام 3194 خاتالىقى چىقىپ نەشر كۆتۈرۈش مەشغۇلاتىم مەغلۇپ بولدى. بۇ نېمە سەۋەبتىندۇر؟ بەلكىم تېخى رەسمىي يوسۇندا iOS5 تەمىنلەنمىگەن بولغاچقا شۇنداق بولغاندۇ. ئەگەر ئۇنداق بولسا ماۋۇ گۇيلار iOS5 نى نەدىن تاپتىكىنە؟
    http://ios.pconline.com.cn/news/1110/2547895.html

    • ئۇ دىگەن رەسمىي نەشىرى ئەمەس، 5-چىسىلادىكى يېغىندىن كىيىنلا ئىلان قىلىنغان (Gold Master(GM دەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى سىناق نۇسقىسى، بۇنى قاچىلىۋالغىنىڭىز بىلەنمۇ ھامىنى رەسمىي نەشىرىنى قايتا قاچىلىمىسىڭىز بولمايدۇ. رەسمىي نەشىرىنى چۈشۈرگىلى بولسا ئۇنداق بىر بۇلۇڭلاردىلا بولماي، تور دۇنياسىنى بىر قاپلاپ كىتىدۇ.

  3. iTunes 10.5 的新功能

    iTunes 云服务。iTunes 现在可将您购买的音乐和电视节目储存在 iCloud 云端,您无需交付额外费用即可通过设备随时随地欣赏这些内容。
    自动下载的项目。从任一台设备或电脑购买音乐,将副本自动下载到您的 PC 和 iOS 设备上。
    下载已购项目。您无需交付额外费用即可再次下载已经购买的音乐、电视节目、应用程序和图书。但是如果 iTunes Store 不再提供以前购买的项目,则无法再次下载。
    与安装了 iOS 5 的 iPhone、iPad 或 iPod touch 同步。
    Wi-Fi 同步。只要您的 iPhone、iPad 或 iPod touch 与 iTunes 在同一个 Wi-Fi 网络中,即可让二者随时自动同步。

  4. تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايغۇننىڭ نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن باشقىچە ئالاھىدە مۇھىت ھازىرلاش كىرەكمۇ ياكى ئۇدۇللا iOS5 گە كۆتۈرسە بولاۋىرەمدۇ؟

    • ئەگەر قۇلۇپى بار ئايفونلا بولمىسا يېڭىلىغاندا نورمال سېستىما يېڭىلىغاندەك يېڭىلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئاۋال زاپاسلىۋېلىپ ئاندىن يېڭىلىسىڭىز يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن دەسلەپكى زاپاسلىغان ھالەتتە يېڭىلىنىدۇ. باشقا ئوشۇقچە مەشغۇلاتنىڭ ھاجىتى يوق.

  5. مېنىڭكىنى تۇرمىدىن قاچۇرۇپ بولغان نەشىرى 4.33 يېڭىلىۋالسام يا تۇرمىدىن قاچۇرالماي ، يا ئۇيغۇرچە چىرايلىق فونتلارنى قاچىلىيالماي ، يا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ، يا خەنزۇچە كىرگىزگۈچ قاچىلىيالماي ئاۋارە بوپ كەتكۈدەكمەن ، شۇڭا يېڭى نەشىرىنىڭ تۇرمىدىن قاچقانلىق خگۋىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن قاچىلساممۇ بولغۇدەك.

    يەنە بىر تەرەپتىن قارىسام 4.33 تە تۇرسىمۇ بولىۋەگۈدەك.

    يېڭى نەشىرى ئاساسەن قوش نېگىزلىك ئايفوندا بەك ئوبدان ئىشلەيدىغۇ دەيمەن.

    مېنىڭ قولۇمدىكىسى 4-ئەۋلاد بولغاندىكىن تۇرىۋەسىنچۇ بولدى.

  6. بۇ يېڭى نەشرنى تۈرمىدىن قېچىپ بولدى دەيدىغان خەۋەرلەر كەڭرىغۇ توردا. سىناق نۇسخىسىنىغۇ قاچۇرغاندەك قىلغان. رەسمىي نۇسخىسىدا بۇ يوچۇقنى ئەتمىگەنمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا قالتىس ئىش بولاتتى-دە. مەن سىناق نۇسخىسىنىمۇ قاچىلاپ باقمىغان… سىنىغانلاردىن ئاڭلىشىمچە بۇ يېڭى نەشرگە سۆزلىشىش خاتىرىسىدىكى نومۇرلارنى تاللاپ ئۆچۈرۈش (نىشانلىق ئۆچۈرۈش) ئىقتىدارى قېتىلىپتۇدەك… مەن بۇ نەشرنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمەن. ئايتۇنېس نەشرىنى كۆتۈرۈپ بولدۇم. ئەمدى رەسمىي نەشرگىلا قاراپ قالدىم. ئېلان قىلىنسا قىلچە ئىككىلەنمەي نەشر كۆتۈرۈپ سىناپ باقاي. ئەگەر ئىشلەتكۈم كەلمىسە ياكى تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چىقمىسا 4.3.2 ياكى 4.3.3 كە يېنىۋالارمەن.

    • تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقسۇن چىقمىسۇن، چوقۇم ئىككىلەنمەي يېڭىلاش كېرەك. ئەگەر مېنىڭ ئامېرىكا نۇسقىسى بولمىغان بولسا چوقۇم يېڭىلاپ ئىشلىتەتتىم. تۈرمىدىن قاچۇرۇش بەك بەلەن ئىشمۇ ئەمەس. ئەگەر يېڭى ئايفون ئالسام، ئىنشا ئاللاھ تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىمەن. يېڭى نەشىرىدە يېڭىلىقلار كۆپ. بەزى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا ئىشلىمەيدىغان ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان. شۇڭا ھاجىتى يوقمىكىن دەيمەن. ھەم يېقىندىن بۇيان قاچۇرماسلىق كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
      iOS 5.0 نى Chronic Dev Team شۇ چاغدىلا تۈرمىدىن قاچۇرۇش يوچۇقىنى تېپىپ بولغانلىقىىنى ئېيتقان ھەم ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان. ناۋادا ھەقىقىي نۇسقىسىدا بۇنى ئالما تەرەپ بايقىمايلا قالغان بولسا ئىنشا ئاللاھ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى ئەتە يازما قىلىپ يوللىشىم مۇمكىن (ھىجارىغان چىراي ئىپادىسى).

  7. يىڭى نەشرى ئىلان قىلىنمايدىغۇ .؟ تىلفۇنۇمنى ئايتونىسقا چاتسام 19- چىسلا نەشىرنى يىڭىلاڭ دەپ چىقتى . بۇگۈنمۇ ئىلان قىلماي قالامۇ ؟

  8. ئالدىنقى قىتىم قايسى بىر شىركەتنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇرچە يىزىقنى نورمال تونۇتۇش توغۇرلۇق ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم ،قاچان شۇنداق بولىدىغاندۇ؟ياكى iOS5 نورمال تونۇيامۇ؟

    • قارلۇق شىركىتى شۇنداق قىلغان. تېخىچە ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ. Mac تە ئۇيغۇرچە يېزىش ئەمەلگە ئاشقىنى نەچچە يىل بولدى. ئەمدى iOS كە قوشسا بولاتتى زادى. نېمە بولىۋاتقانكىن ھېچ بىلمىدۇق

  9. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، چەۋەندازلارنىڭ يېڭى بېتى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ دوستانە ئۇلانمىلىرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سىزنىڭ بېتىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى! چەۋەندازلار دوستلىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    http://chewendazlar.com

  10. نەشىر يىڭىلاش بۈگۈنمۇ يەنە كىچىكەمۇ ؟ بىر دوستۇمنىڭ تىلفۇنىنىڭ سىگىنالى نورمال ئەمەس بوپ قالغان ئىدى بىر ئايچە بولدى مۇشۇ يىڭى نەشىرنى ساقلاپ بەكمۇ جىلە بوپ كەتتۇق .

  11. ئامېرىكىدا تاڭ نىمانچە كېچىكىپ ئاتىدىغاندۇ؟! مانا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىنمۇ ئاشتى ئايتۇنېسخاندا ھېچ خەۋەر يوق دېسە…

  12. ئەتىگەندىن بىرې ساقلاۋاتىمىز . كەچتە چىقىپ قالارمۇ يە.

  13. قانداق تېلفۇننىڭ قۇلۇپى بولىدۇ؟ئۇنى قانداق بىلىمىز؟مەن ئۆتكەندە بىلمەيلا نەشىرنى كۆتۇرۇپ ساپتىمەن..لىكىن ساپمۇ ساق بولمىسا..

    • قۇلۇپى بار دېگىنى ئامېرىكا نەشىرى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەگەر يېڭىلاپ ئۆزلىرىنىڭ خالىغان كارتىلىرىنى سالسىلىرى نورمال ئىشلىسە ئۇنى قۇلۇپى يوق نەشىرى دەيمىز.

  14. مەن يېڭىلاۋاتىمەن.لىكىن بەك ئۇزۇن كېتىدۇ دەيدىغۇ…ساقلاپ ئىڭىكىم چۇشۇپ قالاي دەپ قالدى. :cry2:

  15. 2-خىل ئۇسۇل بىلەن چۈشۈرەي دەپتىم .لىكىن ،ئېې …..ئۇلانمىنى باسسام مۇشۇ بەت قايتا ئىچىلىپ قايلا……پ تۇرىدىيا؟

  16. ئايتۇنېس نىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرسەم ئىتولىس. ئېچىلمايۋاتىدۇ
    قانداق مەسىلە كۆرۈلدىكىن بىلەلمىدىم يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن

    • مۇنداق ھەل قىلالىشىڭىز مۇمكىن:
      C:\Program Files \ Common Files \ Apple \ Apple Application Support نىڭ ئاستىدىكى SQLite3.dll ناملىق ھۆججەتنى iTools بار مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈپ ئەكەپ قويۇڭ. ئوڭشىلىشى مۇمكىن.
      ھازىر iTools نى ياسىغۇچىلار يېڭى نەشىرىدە iOS 5 بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەزى مەسىلىلەرنى تۈگىتىشى مۇمكىن.

  17. ئوڭشالدى.!! رەھمەت پاسىبان ئەپەندىگە.! نىمىدىگەن ياخشى بىلىم سەھنىسى ھەبۇ :good: :good: :o))):

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش