iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. يىل ئاخىرىدا Pod2g تۈرمىگە سولىنىپ ياتقان قاچقۇن كىشىلەرگە بىر سوۋغا تەقدىم قىلدى-دە! لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى، A5 CPU لۇق ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەل قاچۇرالمايدىكەن.

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

بۇ قورال ئارقىلىق iPhone3GS, iPhone4, iPhone4-CDMA, iPad1, iPod touch 3G, iPod touch 4G قاتارلىقلارنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ. Mac  ۋە Windows نۇسقىسى تەڭلا ئېلان قىلىنغان.

چۈشتىن كىيىن يېڭىلانغىنى:

تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى چۈشتىن بۇرۇنقى 0.9.10b1 دىن 0.9.10b2 گە، 29-چىسلا يەنە b3 كە يېڭىلىنىپ، بەزى مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. بۇ نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ يېڭى قورال ئارقىلىق قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ.

تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى (Win ۋە Mac نۇسقىسى): redsn0w_0.9.10b3

ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن سېستىما يېڭىلاش ياكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىنى باشلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم زاپاسلىۋېلىڭ. iTunes قا iPhone نى چېتىپ، 我的设备 دېگەن جاينىڭ ئاستىدىكى «پالانچىنىڭ ئايفونى» دېگەن جايدىكى iPhone نىڭ ئىسمىغا ئوڭ تەرەپنى چېكىپ 备份 نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

سېستىمىڭىز 5.0.1 بولسا بولغانچە، ئەگەر بۇ نەشىردە بولمىسا كۇلۇبنىڭ ئەڭ ئاستىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان 5.0.1 سېستىما بولىقىنى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن iPhone نى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ، iTunes نى ئېچىپ Shift بىلەن 恢复  نى بېسىڭ. چىققان كۆزنەكتىن، چۈشۈرۈپ قويغان 5.0.1 نىڭ سېستىما بولىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. (لېكىن چوقۇم ئاۋال زاپاسلىۋېلىڭ) ئەگەر سېستىمىڭىز 5.0.1 بولسا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

چۈشۈرگەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى redsn0w نى ئېچىڭ. (Win7 دە باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئاچىسىز) ئاچقاندىن كىيىن Jailbreak نى باسىمىز.

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

باسقاندىن كىيىن 2-باسقۇچقا كىرىمىز. بۇ باسقۇچ DFU ھالىتىگە ئۆتۈش باسقۇچى.

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

بۇ ھالەت كۆرۈنگەندىن كىيىنلا DFU غا كىرىشكە باشلىساق بولىدۇ. بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باققانلار بىلىدۇ. ئۇسۇلى مۇنداق:

ئاۋال ئۈستى تەرەپتىكى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ «يانغا سىيرىپ ئۆچۈرۈڭ» دېگەن خەت چىققاندا سىيرىپ ئۆچۈرىمىز. پۈتۈنلەي ئۆچكەندىن كىيىن:
1. ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى بېسىپ 2 سېكونت تۇرىمىز.
2. ئارقىدىنلا قايتىش كونۇپكىسىنىمۇ بىللە بېسىپ 10 سېكونت تۇرىمىز.
3. ئاندىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويۇۋېتىپ، قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق باسىمىز. ۋاقتى 15 سېكونت.

مۇشۇ باسقۇچ بويىچە توغرا ماڭساق DFU ھالىتىگە كىرىدۇ ۋە قورال DFU ھالىتىدىكى iPhone نى تاپالايدۇ. ئەگەر مۇۋاپپىقىيەتلىك كىرەلمىسەك قايتىدىن يۇقارقى باسقۇچى بىر قېتىم باسىمىز (تاكى تاپالىغۇچە).

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىiOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىiOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

redsn0w ئۈسكۈنىنى تاپقاندىن كىيىن قايتا قوزغىتىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلارنى باشلىۋېتىدۇ.

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

بۇ باسقۇچمۇ تۈگىگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرىنىدۇ. بۇنىڭدىن Install Cydia نى تاللاپ قويىمىز.

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

ئاندىن Next نى بېسىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بارلىق باسقۇچلار ئاپتۇماتىك تاماملانغاندىن كىيىن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان iDevice نى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ.

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى

شۇنىڭ بىلەن iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش تاماملاندى.

ئىلاۋە:

ئەگەر سىزدە نامۇكەممەل قاچقان 5.0.1 سېستىمىسى بولسا:
1.  Cydia نى ئېچىپ بارلىق يېڭىلايدىغان نەرسىلەرنى يېڭىلىۋېتىڭ. ئاندىن Corona 5.0.1 Untether دەپ ئىزدەپ تېپىپ مۇشۇ نەرسىنى قاچىلىۋېتىڭ. بۇ نامۇكەممەلنى مۇكەممەل قىلىدىغان نەرسە.
2. يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قايتا بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرىۋېىتڭ.

 

قاچىلىغاندىن كىيىنكى بەزى كىچىك مەسىلىلەرنى مۇنبەردە ھەل قىلىۋاتىمىز. مەنزىل: http://bbs.pasiban.com/forum.php?mod=viewthread&tid=80

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



41 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مۇنبەردىمۇ ئالاقىدار تىما بار، تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريەنىدا يولۇققان مەسلىلەر توغۇرلۇق مۇنبەردە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ:
    http://bbs.pasiban.com/forum.php?mod=viewthread&tid=80

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر سالامەت تۇرۇپلا. ئاللاھ تەنلىرنى سالامەت قىلسۇن.iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرساق
    بۇرۇنقى 4.3.3 تىكى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ،ۋە ئۇيغۇرچە خەت شەكىلنى نورماللاشتۇرۇش فونىتلىرنى قاچىلاش مۇمكىن بۇلارمۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. فونت قاچىلىغىلى بولىدۇ. كىرگۈزگۈچنى قاچىلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سېستىمىدىن چاتاق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. يېقىنقى يېڭى سېستىمىلارغا كىرگۈزگۈچ تازا ماس كېلەلمەيۋاتىدۇ.

  3. ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم نامۇكەممەل قاچۇرۇلغان ئايفوننى يەنە قايتا تۈرمىدىن قاچۇرساق قاچىلىغان ئەپلەر يۇيۇلۇپ كىتەمدۇ ؟ سىدىيا دېن چۇشۈرگەن ئەپلەر چۇ ؟

    • ياق، يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ. سېستىمىنى قايتا قاچىلىماي پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچىنى قايتا باسسىڭىز بولىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ زاپاسلىۋېلىڭ.

  4. cydiya قاچىلىنىپتۇ ئەمما نورمال ئەمەس..cydiyaقاچىلىنىپلا بىر تال يامىقىنى ياماش ئۇچۇرى باركەن شۇنىمۇ يامىيالمىدى…ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسام Winterboard مۇ قاچىلاندى بىراق ئىچىدە ئۇيغۇر دىگەن تاللاش تۈرى كۆرۈنمىدى..
    http://apt.weiphone.com بۇ مەنبە نى قوشاي دىسەم ئاخىرىدا 2-3 قۇر قىزىل خەت چىقىۋالدى نورمال قوشول مىدى دەپ ئويلىدىم..
    قىسقىسى مەن تۈرمىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك قاچقاندەك ئەمەس

  5. تازا مۇكەممەل ئەمەسكەن .سىرى نىمۇ قاچىلاپ كۆردۇم .يەنىلا تۇرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتكەن ياخشى ئوخشايدۇ. :-o

  6. بۇ بىر ياخشى خەۋەركەن .لىكىن مەن تۆت س ئىشلىتىۋاتقان ئۇ توغۇرلۇق ھېچقانداق خەۋەر يوقمىدۇ ؟

  7. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىسا تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتى .تىلفۇنىمىزدىنمۇ قىممەت ۋاختىمىزنى ئۇيۇنغا ئىسراپ قىلمايلى.

  8. مەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ باقتىم تولىمۇ ئەپسۇس نورمال ئىشلىمىدى… تىخى كۇنۇپكا تاختىسى كۆرۇنمەي يىزىش تاختىسى چىقىۋالدى.. قولدا يىزىپ باقسام سادا يوق(كۇلگەن چىراي)… ئارىمىزدا كىرگۈزگۈچنى نورمال قاچىلاپ ئىشلەتكەنلەر بارمۇ؟

  9. siri نورمال ئىشلەمدىكەن ؟

    • سىرىنى ھازىرچە مۇكەممەل يۆتكەپ ئەكىلىشتى. لېكىن ئۇسۇلى ئېلان قىلىنمىدى. شۇڭا ھازىر ھەرقانداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ھازىرچە مېنىڭ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ ئەمما ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمەي يامان بولدى ئۇيغۇرچە فۇنتنىمۇ قاچىلسام بولمىدى. cydiaغامەنبە قوشقاندا خاتالىق چىقۋالسا قايتا بىرنەچچە قېتىم سېناپ بېقىڭلا مەن شۇنداق قىلسام بولدى.

  11. تۈرمىدىن قاچۇرمىساق قانداق بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرساق قانداق بولىدۇ. چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. مەن يېڭى كەلداخۇن ئىدىم.

    • تۈرمىدىن قاچۇرمىسىڭىز ئالمىنىڭ ئورگات تەرەپ تەمىنلىگەن ئەپلىرىنىلا ئىشلىتەلەيسىز. سېستىما ئەسلى ھالەتتە نورمال خىزمەت قىلىۋېرىدۇ. سېستىما مۇقىم بولىدۇ. ئاسان چاتاق چىقمايدۇ. باتارىيەسى نىسبەتەن ئۇزۇن يېتىدۇ.
      قاچۇرسىڭىز ئالما ئەپ بازىرى App Store دىن باشقا يەردىكى ئەپلەرنىمۇ قاچىلىيالايسىز. ئايفوننى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزەلەيسىز. سېستىمىنى ئۆزىڭىزنىڭ رايىڭىز بويىچە ئۆزگەرتەلەيسىز. ئۇيغۇرچە فونتنى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن ئاندىن قاچىلىيالايسىز. Cydia دەيدىغان بىر سۇپا بار، شۇ سۇپا ئارقىلىق خاككىرلار تەمىنلىگەن ھەرخىل قوشۇمچە ئىقتىدارلارنى تولۇقلايمىز، قاچىلايمىز. بۇنىڭ زىيىنى، سېستىمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكتىن، سېستىمغا بەلگىلىك زىيىنى بار. ئاسان چاتاق چىقىپ قېلىشى، سېستىمىنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى تۇرۇپلا ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  12. بۇمۇ ئاخىرى چىقتى،سىزگىمۇ رەھمەت دوستۇم…

  13. ھەراس يەنە بىر ئىش تۆۋەن نەشىردىكىلەر نەشىرنى 5.0.1 كۆتۇرۇپلام ،ھېلىقى سىدىيادىكى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تۇرمىدىن قاچۇرسا بولىۋىرەمدۇ قانداق؟

    • نەشىر يېڭىلىغاندا سېستىما تۈرمىگە كىرىپ كېتىدۇ. يېڭى سېستىما قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش. شۇڭا قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرىشىڭىز كېرەك. تۈرمىدىن قاچۇرمىسىڭىز Cydia مۇ يوق.

  14. DFU ھالىتىگە كىرمەي قاچقىلى بولمايدېكەندە… بولى قىلسام بولغۇدەك، مېنىڭدىكى ئايتاچنىڭ ئۇخلىتىش كۇنۇپكىسى ئىشلىمەيتتى.

  15. بۈگۈن ماۋۇ قورال يەنە يېڭىلىنىپتۇ. ئىچىدىكى MobileSubstrate-base نىڭ ئىجرا بولىشى توختاپ قالىدىغان كاشىلىلارنى ئوڭشاپتۇدەك. ئەگەر سىلەردە مۇشۇنىڭدەك خاتالىقلا كۆرۈلگەن بولسا b3 نۇسقىسىنى قايتىدىن چۈشۈرۈپ قايتىدىن بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرىۋېتىڭلار. قاچۇرغاندا يەنە ئوخشاشلا Install Cydia نى تاللاش كېرەككەن.
    يازمىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى Redsn0w 0.9.10 b3 غا يېڭىلاندى

  16. سىز قانداق قىلدىڭىز ؟! قاچۇرمىغان بولسىڭىز،نىمىشقا؟ قاچۇرغان بولسىڭىز، ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ؟

  17. مىنىڭ تىلفونۇم ئامرىكا نۇسقىسىدىكى 3ئەۋلاد ئىدى،بۇگۇن تۇرمىدىن قاچۇردۇم،مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندەك قىلىدۇ.
    بىراق قانچە ھەپىلىشىپمۇ كارتىنى تونۇتالمىدىم…
    بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر دوستۇم قىلىپ بەرگەن بەك تەستە بۇقېتىم ئۆزەم قىلىپ سىگنالنى قەتئىي كەلتۇرەلمىدىم….
    قانداق قىلسام بولار ياردەم قىلىڭلار….

    ھە ئەسكەرتىپ قوياي سىدىيامۇ قاچىلاندى ھەم تىلفونمۇ نورمال قوزغىلىدۇ…

  18. چىۋەر،ئەگەر يازمىدا دىيىلگەندەك ئۇسۇلدا 5.0.1 گە كۆتۈرۈپ نەشىر يېڭىلاش،ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشخۇلاتى قىلغان بولسىڭىز مودىم نەشىرى چۇقۇم كۆتۈرۈلدى.شۇنداقتىمۇ سىناپ كۆرۈڭ : ئاۋال wifi ئارقىلىق cydia نى ئېچىڭ ياكى ئۈسكۈنىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ،91 نى قاچىلاڭ،ئەگەر قاچىلانمىسا ئىككى قېتىم قايتا قوزغاتسىڭىز قاچىلىنىدۇ. ئاندىن يۇقارقى cydia ياكى 91 دېتالىنىڭ ئىزدەش ھالىتىگە ئۆتۈپ ultrasn0w1.2.5 دىگەن دېتالنى ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ.ئۈسكۈنىنى بىر قېتىم ئۆچۈرۈپ قوزغىتىڭ،ئەگەر يەنە سىگىنال چىقمىسا يەنە بىر قېتىم قايتا قوزغىتىڭ.

    ئەگەر يەنە چۈشەنمىسىڭىز كۇلۇپتىكى ماۋۇ يازمىغا نەزەر سېلىڭ :/ultrasn0w-upgrated-to-1-2-5.html

  19. مەن سىز دىگەندەك قىلدىم بىراق يەنە سىگنال يوق……سىز دىگەن دىتالمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاندى بولمىسا….

  20. چىۋەر،مودىم نەشىرىنى قالدۇرۇڭ.

  21. سىزنىڭ دىگىنىڭىز جىدەي دىگەن شۇمۇ،قارىسام ئۇمۇ ماس كىلىدىكەن.

  22. ئۇنداقتا يېڭىدىن نەشىر يېڭىلاش مەشخۇلاتى قىلىڭ،ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇپلا تۇنجى قېتىمدا ultrasn0w1.2.5 نى قاچىلاپ يانفوننى بىر قوزغىتىڭ،بىر ئاز ساقلىسىڭىز سىگىنال چىقىدۇ،ئەگەر يەنە چىقمىسا قايتا بىر قېتىم قوزغىتىڭ.مەشخۇلاتلارنى توغرا قىلسىڭىزلا چۇقۇم سىگىنال چىقىدۇ.

  23. بولىدۇ يەنە سىناپ كۆرەي رەھمەت سىزگە

  24. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،پاسىبان ئەپەندى،يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! 2011-يىلىدا ماڭا قىلغان ياردەملىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، سىزدىن يەنە مۇنداق بىر ئىشنى سورىماقچى ئىدىم، سېستىما يېڭىلاشتىن بۇرۇن زاپاسلىۋالغان مەزمۇنلار قايەرگە زاپاسلىنىپ ساقلىنىدۇ، سېستىما يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمىز؟قاچىلىغان ئەپ، ئويۇنلارمۇ زاپاسلىنامدۇ؟

    • بۇ ئادەتتە C دېسكىغا زاپاسلىنىدۇ. سىز ھەقىقىي ئورنىنى iTunes نىڭ تەڭشىكىدىن كۆرەلەيسىز. لېكىن كۆرگىنىڭىز بىلەنمۇ نېمىنى قانداق ھالەتتە زاپاسلىغاننى كۆرەلمەيسىز. يېڭى سېستىما قاچىلىغاندىن كىيىن iTunes سىزدىن ئۆزى سورايدۇ. بۇنى يېڭى ئايفون قىلىپ تەڭشەمدىمەن ياكى ئىلگىرىكى بىرەر زاپاستىن قايتۇرامدىمەن دەپ. سىز ئىلگىرىكى زاپاستىن قايتۇرۇشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
      ئەپ ۋە ئويۇنلارنى زاپاسلاپ ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى ئەپ ۋە ئويۇنلارنى iTunes ئارقىلىق قاچىلايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەر iTunes ئامبىرىدا بولىدۇ. سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاللىسىڭىز ئىلگىرى قاچىلىغان ئويۇنلارنى ئامباردىن ئەچىقىپلا يەنە قاچىلاپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز iTools دېگەندەك 3-تەرەپ دېتاللىرى ئارقىلىق قاچىلىغان بولسىڭىز، كەچۈرۈڭ. سىز يەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن قاچىلىۋېلىڭ…

  25. يەنە بولمىدى، ھەراس بۇ تىلفوننى ئالغاندا قۇلۇپى يوق دەپ ئالغان .
    سېستىمىنى يېڭىلىسا يەنە قۇلۇپلىنىپ قالامدا؟
    يەنە بىر مەسىلە توردا قارىسام ئەڭ ئاۋال سىم كارتىنى تونىتىۋىلىپ ئاندىن تۇرمىدىن قاچۇردۇ دەيدۇ…
    بۇ دۆلەت ئىچىدىن ئالغان تىلغونغا قارتىلغانمۇ ياكى ھەممىسىگىمۇ…بۇنىمۇ بىلۋالاي….

    • يېڭى سېستىمىنى تۈرمىدىن قاچۇرمىسىڭىزمۇ كارتا تونىمايۋاتامدۇ؟
      سېستىما يېڭىلىسا تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. لېكىن ئامېرىكا نۇسقىسى بولمىسىلا قۇلۇپ سېلىنىپ قالمايدۇ. سىزنىڭ قۇلۇپسىز نەشىرى بولسا كارتا تونىمىغىنى غەلىتە ئىش بوپتۇ.

  26. چىۋەر يۇلۇققان مەسلىگە مەنمۇ يۇلۇقتۇم، كارتىنى تۇنىماۋاتىدۇ، مەشخۇلاتلارنى توغرا قىلدىم بولمىسا، ياردەم قىلساڭلا……

  27. كۆپ رەھمەت سىزگە، مەن تېلفۇنۇمنى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان، شۇڭا ئۈچىنچى تەرەپ دىتاللىرى ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرۈپ باقمىدىم، بۇندىن كىيىنمۇ تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتەيمىكىن دەيمەن.

  28. چىۋەر ۋە مۇزىكا ئەپەندىملەر. مودىم نەشىر ئۇچۇرىنى ئېنىق قالدۇرڭلار.

  29. مىنىڭ مودىم نەشرى 06.15.00مۇشۇنداق، مەن سەل زىرىكىپ نەشرىمنى 4.3.3گە چۇشۇردۇم..
    ناۋادا مۇكەممەل تورقۇلۇپىنى يېشىش قۇرالى چىقىپ قالسا خەۋەر قىلۋىتەرسىز…
    ھە راس 4-ئەۋلادنىڭمۇ تورقۇلپى ئىچىلمىدى ،،،مىنىڭكىگە ئوخشاش سىگىنال يوق….

  30. مەن قىلىپ بولالماي ھېرىپ قالدىم ،بولسا ئەستايىدىل تېخنىكىغا پىششىق دوسلار بولسا قىلغۇزساممۇ بولىتى….
    بىلسىڭىز ئالاقىلىشىش ئۇسسۇلىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ رەھمەت…ماۋۇ خەقلەرگە راھىم يوق…
    بىلشىمچە كۆپ ساندىكىلەرنىڭ بۇ باش ئاغرىقى بار ئوخشايدۇ،،،قارغاندا بۇ قورال تازا دىگەندەك مۇقىم ئەمەسمۇ قانداق؟؟؟

  31. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار….
    مەن ئاخىرى تىلفونۇمنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تۇرمىدىن قاچۇردۇم،،،،ۋە سىگنالمۇ نورمال چىقتى….بىراق بۇ بىلوگدىكى ئۇسسۇل بولمىدى…
    شۇنداقتىمۇ پاسىبان ئەپەندىمنىڭ ياردەمدە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن…
    مەن قىلغان ئۇسسۇل مانا بۇ ئۇلىنىشتا باشقا دوسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-3687764.html

    • سىزنىڭ قۇلۇپى بار ئايفونكەن ئەمەسمۇ؟ قۇلۇپى بار ئايفون دېگەننى بۇنداق يېڭىلىمايدۇ. مېنىڭمۇ شۇنداق. مەن ئۆزۈممۇ يېڭىلىماي قويۇپ قويىۋاتىمەن. بىرەر مەشغۇلات ئېگىز-پەس بوپقالسا چاپلاق ئىشلىتىدىغان كۈنگە قالىدىغان گەپ.

  32. شۇنداقمۇ،ئۇنىڭ خەتىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن….
    بولسا مۇشۇ قۇلۇپى بار نەشىردىكى تىلفونلار نوغۇرلۇق چۇشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن…
    قۇلۇپ بار يوقلىقىنى قانداق ئايرىيمىز دىگەندەك….
    مەن ئالغاندا قۇلۇپى يوق دەپ سەل قىممەت ئالغان بولمىسا….
    قايسى دۆلەت ماللىرىنىڭ قۇلىپى بار،،،ئاۋەرە قىلدىم…

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش