4-ئاپرىل Dev team ئۆزىنىڭ دەھشەت سۈرئېتى بىلەن ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلغان iOS 4.3.1 نىڭ Jail Break (تۈرمىدىن قاچۇرۇش) قورالىنىڭ Windows ۋە Mac نۇسقىسىنى بىراقلا ئېلان قىلدى. لېكىن ھازىرچە iPad 2 گە كۈچى يەتمەيدىكەن. iPhone 4 ۋە 3GS ئابونتلىرى پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ Sn0wBreeze 2.5 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان Redsn0w بولۇپ، iOS 4.3.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئامېرىكا نۇسقىسىغا ئوخشاش قۇلۇپى بار ئايفونداشلار ھازىرچە بۇ Jailbreak نى ئىشلەتمەي تۇرغان ئەۋزەل. چۈنكى بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن Firmware نەشىرى (基带版本) يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ھازىرقى ئەڭ يېڭى UltraSn0w 1.2 تېخى 4.1 iOS نىڭ يۇقىرىسىدىكى FirmWare نى يېشەلمەيدۇ. يېشەلىگەنلەردە ئاران 1 تال سېگنال چىقىۋالامىش. شۇڭا DevTeam نىڭ 1.3 نەشىرىنى ساقلىشىڭلارنى سورايمىز. 1.3 نەشىرى چىققاندىمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن يېڭىلاپ كەتمەي يېشەلەيدىغان FirmWare نىڭ ئارىسىدا سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ بارمۇ يوق شۇنى ئوبدان ئاختۇرۇپ ئاندىن قاچىلىغايسىز.

لازىملىق قورال RedSn0w نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ:

Redsn0w 0.9.6rc9 نىڭ Mac ۋە Windows نۇسقىسى

ئايفون 4 ۋە 3GS ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىنى ئاللاھ خالىسا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. دىققىتىڭلار كۇلۇبىمىزدا بولغاي…

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئايفون4 دىن بىرنى سىتىۋالغان شاڭگاڭبەن دەيدىغىنىكەن ئوزىدىكىسى 4.1 نەشىرىكەن تۇرمىدىن قانداق قاچۇرىمەن چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز(بۇ توربەتنى بۇگۇن تىپىپ بەك خوش بولدۇم)مەن بۇرۇن تىلفوندا بۇنداق مەشغۇلات قىلىپ باقمىغان تەپسىلىرەك چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.تۇرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن قاچىلاپ بولغان يۇمشاق دىتاللار يوقاپ كەتمەيدىغاندۇ

  2. چ چ دا راسىم يوللىسام قارشى تەرەپ تاپشۇرۇپ ئالدى لىكىن ماڭا يوللىسا قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ چ چ ئايفوندا رەسىم قوبۇل قىلالمامدۇ؟

    • سىزگە يوللىغىلى بولمايدىغاندۇ؟ ئايفوندا QQ غا چىقسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ كۆزنىكىدە ھۆججەت ئېۋەتىدىغان ۋە رەسىم يوللايدىغان يەر كۆرۈنمەيدۇ. چىراي ئىپادىلىرى ئارىسىدىكى ئۆزىمىز قوشىۋالغان رەسىملەرمۇ كۆرۈنمەيدۇ. سىزگە قانداق يوللىغىنىنى بىلمىدىم

  3. ئايفۇندا چ چ غا رەسىم يوللىسا قارشى تەرەپ قۇبۇل
    قىلىدىكەن ئەمما باشقىلار يوللىغان رەسىمنى قۇبۇل
    قىلغىلى بولمايدىكەن.

  4. پاسىبان ئەپەندى. ئايفۇننىڭ لىيەنتۇڭ دىن ئالغىنى بىلەن. ئامرىكا نۇسخىسىنىڭ قانداق
    پەرقى بار؟ قارىسام لىيەنتۇڭنىڭمۇ بوپقالىدىغاندەك تۇرىدۇ.

    • لىيەنتوڭنىڭ قۇلۇپى يوق ئايفون. سېستىمىنى قورقماي يېڭىلاۋەرسە بولىدۇ. جۇڭگودا ئېچىلمايدىغان يۇتيۇب تەك ئارتۇقچە نەرسىلەرنى ئېلىۋەتكەن. باشقا جايلىرى ئاساسەن ئوخشاش.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش