ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %10 iPhone ئىشلەتكۈچى iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرىدىكەن. ئەلۋەتتە، تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئالما ئورگان تەرەپ ئېتىراپ قىلمايدىغان 3-تەرەپ دېتاللىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن. ئالما شىركىتى ۋە لىيەنتوڭغا ئوخشاش ھوقوق بېرىلگەن ساتقۇچى ئورگانلار تۈرمىدىن قاچۇرغان iPhone ئۈچۈن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن. لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنغا ئۇيغۇنلاشقاندىن بۇيان، Cydia غا ئوخشاش 3-تەرەپ پروگرامما سۇپىسى iPhone نى تېخىمۇ خاسلىققا ۋە رەڭدارلىققا ئېگە قىلىشنى خالايدىغان ئابونتلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى AppStore بوپقالدى! ئۇنداقتا Cydia نىڭ قۇرغۇچىسى (Jay Freeman(Saurik نىڭ iPhone ى زادى قانداقتۇ؟
iPhone نىڭ ئۆزىدىكى AppStore دا سېتىلىدىغان بارلىق پروگراممىلار ئالما شىركىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن AppStore دا سېتىلىدۇ. گەرچە بۇ جايدىكى ئەپ(پروگرامما)لەرنىڭ سانى يېتەرلىك كۆپ بولسىمۇ، بەزىبىر خاسلاشتۇرۇش خارەكتىرىدىكى ئەپلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ ئايفوننىڭ ئەسلى كودىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئالما شىركىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئەپلەرنى تەستىقلىشى ئاساسەن %0 . لېكىن بۇ پروگراممىرلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى. (Jay Freeman(Saurik دەل مۇشۇ سەۋەبتىن Cydia سۇپىسىنى قۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان پروگراممىرلارنىڭ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن بايلىقلىرى بار.
Cydia دا قانداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى تەخمىنەن بىلىپ يەتتۇق. Cydia نىڭ قۇرغۇچىسى Saurik (بۇ ئۇنىڭ تەخەللۇسى) يېقىندا لاۋ-ۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن Mobile Connections ناملىق يىغىنغا قاتناشقاندا خىزمەتدېشى Robert Scoble بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار سۆزىدە نېمە ئۈچۈن iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەكلىكىنى، تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى قۇرۇپ چىققان Cydia Store نى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
Cydia Store بولسا 2009-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە Saurik ئۈچۈن نەچچە مىليون دوللارلىق كىرىم يارىتىپ بەردى. Cydia Store دىكى ئەڭ چوڭ ئېلان ھەمكارلاشقۇچى شىركەت ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان TOYOTA شىركىتى. (ئالما شىركىتى Toyota نىڭ بۇ ئىشى سەۋەبلىك ئېلاننى بېكار قىلىۋېتىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپتۇدەك. نەتىجىسى ھازىرچە نامەلۇم)
زىيارەتتە Saurik ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغان iPhone 4 تېلىفونىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفوننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بۆلەكچىلا ئۆزگەرتىلگەن. ئاستى تەرەپتىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپ ئورنىغا 5 دانە ئەپنى قويغىلى بولىدىكەن. ئۈستى تەرەپتىن تەڭشەك قىسمىنى بىر چېكىپلا پەيدا قىلىپ ئەڭ لازىملىق تەڭشەكلەرنى كۆرسەتكىلى بولىدىكەن. بەت ئالمىشىشتىكى ھەرىكەتلىك كۆرۈنمە ئاجايىپ پەچچەتكەن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇش – ئايفوننى تېخىمۇ ئەركىن ئىشلىتىش ئۈچۈنكەن.
Saurik نىڭ ئۆزىمۇ ئېيتىپ ئۆتتى، بۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىللىكى خالىغانچە يېڭى نەشىرگە يېڭىلىغىلى بولمايدۇ. يېڭى نەشىرى چىقىپ ئۇنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققۇچە ساقلاپ تۇرماي ئامال يوق. Saurik تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا RedSnow نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. Saurik نىڭ ئېيتقانلىرى گەرچە يېڭىلىق بولمىسىمۇ بۇنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىساق بەكرەك تەسىر قىلسا كېرەك. تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنلىشىشقا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا ئادەتلىنىۋاتىدۇ. Cydia Store دا ئالما بازىرىدا يوق بولغان خاسلاشتۇرۇلغان ئەپلەر كۆپىيىۋاتقانلىقى ئۈچۈن Saurik يېڭى قوشۇن تەشكىللەپ Cydia نى تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىقتىدارلىق قىلىشقا ھەرىكەتلىنىدىكەن.
تۆۋەندە ئۇنى زىيارەت قىلغان سىننى كۆرۈپ باقايلى.









































مائاداش ئايفونىنى نىمانداق پەيزى قىلىۋالغاندۇ.بۇنداق ئىش بولسا مەنمۇ يانفۇنۇمنى ئەركىنلىككە چىقارسام بولغۇدەك…
Cydia قۇرغۇچىسىنىمۇ ئاخىرى كۆردۇق مانا ، تېلىفۇنىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن .
ئەمدى پاسىبان ئەپەندى بىلەن تېلىفۇنىنى بىر كۆرسەك بولاتتى
بۇرۇن 150~200 ئويۇن قاچىلىۋېلىپ قايسىسىنى ئويناشنى بىلمەي تۇرۇپ قالاتتىم. ھازىر كۆپ ھەپىلەشمەيمەن. بەلكى سىلەرنىڭ تېلفۇنىڭلاردا مېنىڭكىدىن كۆپرەك نەرسە باردۇر
مەنمۇ تۆپىدىكى (ئىسىم)دېشىم نىڭ پىكرىنى قوللايما…..顶
بۇ گەپتىن قارىغاندا ITOUCH نى تۈرمىدىن قاچۇرساق ھېچقانداق زىيىنى يوقكەن دە؟ ئەمما Cydia ئەپ لىرىمۇ ھەقسىز ئەمەستۇ ھەقاچان، مەن Ipod نى تېخى يېقىندىلا تۈرمىدىن قاچۇردۇم، بەزىلەر 91 دىگەن نەرسە بىلەن ئەپ قاچىلىما، بەقەت Ipa ھوججەتلىرىنى Itunes غا ئەكىرىپ قاچىلىغنى دەپتىكەن، شۇ بويىچە دىتىاللارنى قاچىلاپ كىلىۋاتىمەن. 91 ھەقىقەتەن زىيىنى بارما؟ Cydia دىمۇ ھەقسىز ئىسىل ئەپ لەر بارمۇ؟ بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار!
Cydia Store دېگەن Cydia دۇككىنى بولۇپ AppStore غا ئوخشاش ھەقلىق دېتاللار بار. لېكىن ھەرخىل مەنبەلەر(Sources)نى قوشۇش ئارقىلىق ۋە ئۆزىدە ئەسلىدە بولغان كۆپلىگەن ئىقتىدار كۈچەيتىدىغان نەرسىلەرنى ھەقسىز قاچىلىغىلى بولىدۇ.
چوڭراق پروگراممىرلارنىڭ نەرسىلىرىنى قاچىلىسا ھېچنىمە بولمايدۇ. بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا تەستىقلاش تۈزىمى بار. تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئېلان قىلىنىدۇ. ھەقلىق دېتاللار ئەلۋەتتە تېخىمۇ بىخەتەر. Cydia دېگەن 91 دىن كۆپ ياخشى. 91 نى كۆپ ئىشلەتسىڭىز سېستىما ئاسان كاردىن چىقىدۇ. ئەخلەت بىلەن توشۇپ كېتىشى، قېتىۋېلىشى، ئاق ئالما بولۇپ قوزغالماي تۇرىۋېلىشى، نورمال ئىشلەيدىغان ئەپلەرنىمۇ ئاسان بۇزۇلىدىغان قىلىپ قويىشى … ۋەھاكازالار.
تەپسىلى جاۋابىڭىزدىن ناھايتى خۈرسەن بولدۇم! ئۆتكەندە مەن بىرەيلەننىڭ ipod دىن بىر يۈمتالنى كۆرگەنتىم. ئۇ خۇددى كۆمپۇتۇردىكى «任务管理器» غا ئوخشايدىغان نەرسىكەن. ئادەتتە ئۈستىگە يۇشۇرۇپ قويغىلى بولىدىكەن، ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستى قىرغىقىغا مۇنداقلا سۈركىسەك چوڭ كۆزنەك ھالەتتە كۆرۈنۈپ قايسى ئەپلەرنىڭ ئارقا ھويلىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، قانچىلىق ئىچكى سىغىمنى ئىگەللەپ ئالغانلىقىنى كۆرگىلى ۋە دەرھال ئۇلارنى توختۇتۇپ ئىچىكى سىغىمنى كىڭەيتكىكى بولىدىكەن. مەن بۇ دىتالنى قەتتى تاپالمىدىم، «Memory Doctor» دىگىنى ئوخشايدۇ دىسەم، ئۇمۇ ئەمەسكەن. سىز مۇشتاق يۇمتالنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟ بۇ بەك ئوبدان نەرسىكەنتۇق. ئادەتتە يۇمتاللاردىن چىكىنگەندە Home كۈنۇپكىسىنى بېسىپ چىقىپ كەتسەك، بۇ ئادەش يەنە ئارقا ھويلىدا ئىجرا بولىۋېرىدىكەن، ئاۋۇ يۇمتال ئارقىلىق بۇلارنى پاكىز ئۆچۈرگىلى بولىدىكەن. بولسا سىز بىر ئىزدەپ باققان بولسىڭىز، ناۋادا تاپالىسىڭىز ، ئىسمىنى ئيتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.
ماقۇل. مەن ئىزدىنىپ كۆرەي. 91 نىڭ 进程管理 دەپ بىر نەرسىسى بار. مۇشۇ سىز دېگەندەك ئىقتىدارغا ئېگە. لېكىن بۇنى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن.
بۇنى بىرەر ئەپ قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەس مۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. Home نى 2 قېتىم باسسىڭىز ئاستى تەرەپتە ئىجرا بولىۋاتقان نەرسىلەر ئاستى تەرەپتە پەيدا بولىدۇ. شۇلارنىڭ بەلگىسىگە قويىۋەتمەي بېسىپ تۇرسىڭىز ھەرىكەتلىنىپ ئۈستىدە قىزىل بەلگە كۆرىنىدۇ. شۇ جاينى بېسىپ پۈتۈنلەي چېكىنەلەيسىز.
ھە راست بۇ Cydia نى پەقەت wifi ئارقىلىقلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ ھە! Itunes دەك كومپۇيۇتۇرۇمغا قاچىلاپ تورسىز ھالەتتە ئەپ لەرنى قاچىلىغىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟ Ipod بەك ياخشى جۇمۇ، باھاسى مۇۋاپىق، لېكىن مۇشۇ wifi ئۇمۇملاشمىغان يەردە، ھەي
ئەمدى بىلدىم، دەل شۇ «进程管理» دىگەن نەرسە بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ئاغىنەم داۋاملىق 91 ئىشلىتىمەن دىگەندەك قىلغان، ئەمما ئۇ چاغلاردە مىنىڭ iPod تۇم يوقتى. بولسا IPA فورماتىدىكى «进程管理» بولسا تازا ياخشى بولاتتى. رەھمەت سىزگە.
مەن بۇ بىكەتنى ئەمدى كۆرۇپتىمەن . ھەممىسى 4-ئەۋلات ئالمىلار ئىكەن . مىنىڭكى iphen 3g ئىدى شۇنىڭغىمۇ قىلغىنى بولارمۇ ؟…
بولىدۇ. ھازىر 4.3.3 نۇسقىسىدىن تۆۋەن بولغان iOS ئۈسكۈنىلىرىگە (iPad 2 دىن باشقا) تامامەن بولىدۇ.
ئايفۇنلارنى تۇرمىدىن قاچۇرۇشقا ئاسانراق قىلىپ بىر دەرىسلىك يوللىسىڭىز بوپتىكەن .
ياكى مۇشۇ توربىكەتتە بولمىسا مەن تاپالماي قالدىممۇ ؟ سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
ئىزدەيدىغان يەرگە تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەپلا يېزىپ ئىزدىسىڭىز كۆپ نەرسىلەرنى تاپىسىز