iPhone دا QQ غا چىقىۋاتقانلار بىلەتتى. ئىلگىرىكى ئايفون ھەتتا كىچىك بىر پارچە رەسىمنىمۇ ئىۋەتەلمەيتتى. بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ 微信 نى قوشۇپ ئىشلىتىپ ھېرىپ كېتەتتى كىشى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان QQ نىڭ 2011 نۇسقىسىنى ئاشكارا سىناش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ بۈگۈن App Store دا سېتىشقا باشلاپتۇدەك. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقسىز!

نۆۋەتتىكى QQ 2011 نىڭ 1.0 نۇسقىسى 4-ئايدىن باشلاپ قايتىدىن iOS ئۈچۈن لايىھەلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئارقا سۇپىدا توردا تۇرۇش، PUSH قوبۇللاش، رەسىم ئىۋەتىش ۋە قوبۇللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئېگە بولدى. يىپيىڭى سىرتقى كۆرىنىشكە ئېگە بولغان بۇ پاراڭ دېتالى تۆۋەندىكىدەك يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە.

  • يىپيىڭى سىرتقى كۆرىنىش. سۈزۈك ۋە ئاددى بولغان UI، شۇنداقلا Retina ئېكرانىغا ماس يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى كۆرۈنۈش لايىھەسى.
  • رەسىم قوبۇل قىلىش، ئىۋەتىش ۋە HD (يۇقىرى ئېنىقلىق) باش سۈرەت ئارقىلىق پاراڭنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىش.
  • ئارقا سۇپىدا توردىن ئۈزۈلۈپ كەتمەي تۇرۇش ۋە PUSH قوبۇللاش.
  • كومپىيۇتېر ۋە ئايفوندا بىرلا ۋاقىتتا توردا تۇرۇش. يەنى بۇرۇنقىدە ئايفوندا QQ نى ئاچساق كومپىيۇتېردىن چۈشۈپ كەتمەيدىكەن.
  • دوسلارنىڭ يانفون ئارقىلىق ياكى كومپىيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئايرىپ بېرەلەيدۇ.
  • بىرقانچە نومۇرنى تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇپ ئېچىشنى قوللايدۇ.
  • 7 كۈنلۈك پاراڭ خاتىرىسىنى زاپاسلاش ۋە ماسقەدەملەشنى قوللايدۇ.
  • يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرىش سېستىمىسى لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئارقىمۇ-ئارقا، قايتا-قايتا تەستىق نومۇرى يېزىپ كىرىشنى ھاجىتى يوق.

7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 2.0 نۇسقىسى ئېلان قىلىنماقچى ئىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھېدىلىكى بولسا سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ئىكەن. بۇ توغرىسىدا ئەڭ تېز ئۇچۇرغا ئېگە بولماقچى بولسىڭىز ئورگان تەرەپ مىكروبلوگىغا قۇلاق سالغايسىز: http://t.qq.com/iphoneQQ

ئورگان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە بەزىدە رەسىم قوبۇل قىلالمىغاندا ئايفون ۋە كومپىيۇتېردا تەڭ ئېچىۋالغىنىڭىزدىن بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. PUSH نىڭ نورمال بولماسلىقى ئايفونىڭىزنىڭ سېگنالى ۋە ئالما مۇلازىمىتىرىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەپ ئىسمى : QQ 2011 1.0

ياسىغان شىركەت : Tencent

قوللايدىغان سۇپا : ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى

تۈرى : پاراڭلىشىش

چوڭلۇقى : 13.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



23 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ما يېڭىسى بەك چىرايلىق چىقىپتۇ جۇمۇ. ئايرىم بىر نەرسىدەك ئېلان قىپتۇ بۇنى. كونا نەشىرىنى يېڭىلاش ئارقىلىقلا قاچىلىماي. 2.0 نۇسقىسىنىمۇ شۇنداق قىلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟

  2. مەن قايسى كۈنى 91 دا سىناق نەشرىنى كۆرۈپ شۇنداق تەستە چۈشۈرۈپ قاچىلىغانتىم، خېلى پەيزى چىقىپتۇ ماۋۇ… لېكىن بىر يىرى ئىلەىرىكى بار بولغان پەقەت توردا بار ئادەملەرنىلا كۆرسىتىش ئىقتىدارا ئەمەلدىن قالغان چېغى… تاپالمىدىم، بۇنداق بوپ قالسا سەل قولايسىز بوپ قالدۇ QQ….. ماۋۇ ھەقىقىي نەشرىدە قانداق ئەمدى، سىناپ باقاي قېنى…

  3. مەندە ھازىر 2010 ۋە 2011 ئىككىلىسى بار…

  4. 哇 都是新疆语啊 哈哈

  5. ئۈستىدىكى يولداشنىڭ بلوگى خېلى چىرايلىقكىنا… پاسىبانىمنىڭ تونۇشى ئوخشىمامدۇ؟

  6. مەن مۇنداق بىر ئىشنى بايقىدىم،

    ئۆيۈمدە WiFi بار ئىدى، كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئايفۇننىڭ ئۆزىدىلا قاچىلايتىم، بىر تونۇشۇم ئايفۇن 4 نى ئېلىپ كەپتىكەن ، مېنىڭ ئايفۇنۇمدىكى بەزى APP لەرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ شۇلارنى قاچىلاپ بەر دەپ ، قاچىلاي دەپ قارىسام ئۇنىڭدا باشقا بىر ئاككونت بار ئىكەن ، ئۇنى ئۆچۈرىۋېتىپ ئاندىن ئۆزەمنىڭ ئاككونت ئارقىلىق ئۇ ئايفۇن 4 كە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى قاچىلاپ بەردىم، مېنىڭ ئايفۇنۇممۇ ئەلۋەتتە يېنىمدا ئىدى ،
    بىر دەمدىن كىيىن ئۆزەمنىڭ ئايفونۇمنى ئىشلىتەي دەپ قارىسام مەن ھېلقى ئايفۇن 4 كە قاچىلىغان بىر مۇنچە نەرسىلەر مېنىڭ ئايفۇنۇمدىمۇ تۇرىدۇ ، بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ ، ھېلقى ئايفۇن 4 كە يەنە بىر APP نى قاچىلاش بۇيرۇقىنى بېرىپ قويۇپ ، ئاندىن ئۆزەمنىڭ ئايفۇنۇمغا قاراپ ئولتۇرسام ، مېنىڭ ئايفۇنمۇدىمۇ شۇ ئەپنى ئاپتۇماتىك قاچىلاپ كەتتى ،
    دىمەك بىر مەنبەدىكى WiFi ئارقىلىق ئوخشاش ئاككونت بولغان ھەممە ئايفۇنلارغا بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئوخشاش بىر APP نى بىرلا ۋاقىتتا قاچىلاشقا بولغۇدەك، ئايفۇن تىجارىتى قىلىدىغانلارغا ماس كەلگۈدەك بۇ ، بىر ئايفۇنغا بۇيرۇق بېرىپ 100 ئايفۇنغا تەڭ قاچىلاپ دىگەندەك ،… :o))):

  7. باشقىلار ئەۋەتكەن رەسىمنى ئوخشاشلا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىىغۇ ؟ باشقىلار يازغان خەتمۇ كەلمىدى ، چىكىتپ قايتا كىرگەندە ئاندىن كىلۋاتىدۇ ؟

  8. چ چ 2011 دە .باشقىلار ئەۋەتكەن رەسىمنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىىغۇ ؟ تىپى ئالما 4 -ئەۋلات 4.3.3 ، باشقىلار يازغان خەتمۇ كەلمەيۋاتىدۇ ، چىكىنىپ قايتا كىرگەندە ئاندىن كىلۋاتىدۇ ، سىناپ باققانلار بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار ؟ 凯立德电子狗 بۇ 软件 بۇلامدۇ ، دىمەكچى قاچىلسام ئىشلىتىش ئەپلىكمۇ ؟ ياكى 凯立德导航 نى قاچىلساملا كۇپايىمۇ ؟ لېكىن سىغىمى سەل چوڭكەن ، يەنە بىر ئىش 移动 卡 تېلغۇندا سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولمامدا ؟ ياكى بۇ كەسىپ تېغى ئېچىلمىدىمۇ ؟

  9. بۇ Face Time ئىقتىدارى پەقەت ئايفۇن 4 تىلا ئىشلەمدۇ ياكى ئايفۇن 3Gs تىمۇ ئىشلەمدۇ ؟

    ئۆيدە ۋايفاي بار ئىدى ، بىر ئايفۇن4 بىلەن ئايفۇن3 تە ئۆز ئارا بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكىلى بولامدىغاندۇ ؟

    قاراپ باقسام ئايفۇن 4 نىڭ Face Time ئىقتىدارى بولغان بىلەن ، ئايفۇن 3 نىڭ يوق ئىكەن،

    ئەگەر ئايفۇن4 تىن مۇشۇ Face Time ئارقىلىق ئايفۇن 3 كە تېلفۇن قىلسا سۈرەتلىك تېلىفۇننى قوبۇل قىلالامدۇ ؟

    • FaceTime پەقەت ئايفون 4 نىڭ پاتېنتى ئەمەس. ئەرەب خاككېرلىرى 3G ۋە 3GS تە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئامالىنى تېپىپتۇ. ئەلۋەتتە چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولىشى كېرەك. چۈنكى بۇنى Cydia دىن قاچىلايمىز.
      ئۇنىڭغا ئاۋال بۇ مەنبەنى قوشۇڭ apps.iphoneislam.com
      ئاندىن Facelt-3GS دەپ ئىزدەڭ. ئىزدەپ تاپقانلار ئارىسىدىن ئۆزىڭىزنىڭ سېستىما نەشىرىگە ئاساسەن ماس كېلىدىغان نۇسقىسىنى قاچىلاڭ. ئايفون قايتا قوزغالغاندىن كىيىن 设置-电话 غا قارىسڭىز FaceTime نىڭ ئاچىدىغان يېرىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بايقايسىز. تۇنجى قېتىم بۇ ئىقتىدارىنى ئاچقاندا ئۇچۇر ئېۋەتىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنىڭ تېلىگراف شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش
      http://www.tgbus.com/image.html?url=http://iphone.tgbus.com/UploadFiles/201012/20101203183033553.jpg
      بۇنىڭ ئاكتىپلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ. بەزىدە نەچچە مىنوتتىلا، بەزىدە نەچچە سائەت. تاقەت قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ.
      بۇنىڭ ئالدى تەرەپتە كامېراسىنىڭ يوقلىقىدىن ئەنسىرىگەنلەرگە مۇنداق نەرسىمۇ بار ئىكەن.

  10. مەن نەشىرى 4.1 چېغىدا قاچىلىغانتىم face tiemنى ئۇ ۋاقىتتا 设置-电话دا ئاچىدىغان يىرى چىققانتى لىكىن 4.33گە كۈتۇرۇپ قاچىلىسام设置-电话دا خېچقانداق ئۈزگۈرۈش يوق،4.33دە يا ئشلىمەمدىغاندۇ؟؟

  11. سىزنىڭ ئامېرىكا نۇسقىسى ئوخشىمامدۇ؟ ئامېرىكا نۇسقىسىنىڭ PUSH بىلەن FaceTime ئىقتىدارى ئۆزى نورمال ئىشلىسە ئىشلىدى، ھەپىلىشىپ ئوڭشىغىلى بولمىسا سەبر قىلىپ تۇرماي ئامال يوق. مەن يېڭى نۇسقىسىنى قاچىلاپ ئاران ئوڭشىغان. ئۇنداقتا مەنمۇ 4.3.3 نى قاچىلىماي تۇرسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش