بۇ ئويۇن بىر ئۆيدىكى چوشقا ۋە توخۇ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بولۇپ بىز توخۇنىڭ رولىنى ئېلىپ «چوشقا» ئاتىمىز. ۋەقەلىكىدە چوشقىلار توخۇلارنىڭ قولىدا بىر ئېسىل ئەڭگۈشتەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا زەھەر قولىنى سالىدۇ. توخۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپىرى بەختكە يارىشا ئامان قېلىپ، بۇ چوشقىلارغا قارىتا جەڭنى باشلايدۇ.
بۇ قېتىم ھەقسىز تارقاتقىنى 2-نەشىرى بولۇپ، 1-نەشىرى بىلەن كۆپ جايلىرى ئوخشىمايدۇ. بۇ ئويۇنمۇ مۇداپىئە ئويۇنلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. بىز ئاستى تەرەپتىكى توپنى باشقۇرۇش ئارقىلىق چوشقىلارنى توپ ئوقى بىلەن ئۆلتۈرۈپ يېقىن كەلتۈرمەيمىز.
ئويۇندا 3 خىل باشقۇرۇش ھالىتى، كۆپ خىل قورال، كۆپ خىل دۈشمەن بار. كۆرۈنۈشلىرى يېقىملىق. نېمىلا دېگەن بىلەن «چوشقا» ئۆلتۈرىدىغان ئويۇن بولسا قولدىن چىقارماي ئويناپ قويغۇلۇق
ئويۇن ئىسمى : Ninja Chicken 2
ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە
قوللايدىغان سۇپا : Game Center, OpenFeint
چوڭلۇقى : 22.2 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































مەن چۈشۈرۈپ ئويناي دەپ بولغۇچە ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ
ھازىرمۇ ھەقسىز ئىكەن. سىلىدە iTunes بار بولغىيتى بولمىسا؟
چوشقا ئۆتتۈرىدىغان بولسا ئويناش كىرەكتى، لىكىن مۇشۇ ئايفون دىگەن نەسە يوقتە……