ئەتىگەندە قارىسام بۇ ئىككى ئويۇننى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. ھەر ئىككىلىسى Universal بولۇپ، ئايفون، ئايتاچ ۋە ئايپەد ھەممىسىگە ئورتاق. بىرى 3D لىك جەڭ ئويۇنى. 使命召唤 گە ئوخشاش ئۇنداق ھوزۇرنى بېرەلمىسىمۇ دەمال شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. يەنە بىرسى بولسا 2D لىك بولغىنى بىلەن ناھايىتىمۇ قىزىقارلىق ئويۇن. ھەر ئىككىلىسى ساقلاپ قويىدىغان ياخشى ئويۇنلار ئىكەن.

ئاۋال OverKill ناملىق 3D لىك ئويۇندىن باشلايلى. بۇ ئويۇن Craneballs شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، 3D لىك جەڭ ئويۇنلىرى تۈرىگە تەۋە. ئويۇندا 12 خىل خالىغانچە يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان نادىر قوراللار تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىز CS تە ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان AK-47, M16, RPG قاتارلىق قوراللارمۇ بار.

ئاران 12 خىلمىدۇ دەپ قالماڭ. ئۇنى سىز تۇتقۇچ، قارغا ئالىدىغان ئەينەك، شازا قاتارلىق جايلىرىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق 100 نەچچە خىل ئوخشىمىغان قورال ھاسىل قىلالايسىز. ئۆزىڭىزگىلا تەۋە بولغان خاس قورال ئىشلىتەلەيسىز.

ئويۇندا 30 خىل دەرىجە بار. ئالما ئورگان تەرەپنىڭ ئويۇن سۇپىسى Game Center نى قوللايدۇ. ئويۇندا 84 خىل ھاسىلات (Game Center دىكى نومۇر ھېساپلايدىغان بىرلىك) سىزنىڭ ئېرىشىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ…

بۇ ئويۇندىن قىسقا فىلىم كۆرۈپ باقايلى


2-ئويۇن 3D لىك ئەمەس. لېكىن ناھايىتى قىزىقارلىق بىر خىل ئويۇن. فىزىكىلىق ئېلىمېنتلىرى تولۇق. ئويۇن ئالەم بوشلۇقىدا داۋام ئېتىدۇ. شەيئىلەرنىڭ تارتىشىش قانۇنىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىزنىڭ شارىڭىز ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەرقايسى پلانىتلار ئارا توختىماي يۇقىرىغا ئۆرلىشى كېرەك.

ئايلىنىۋاتقاندا سىز چوقۇم پەيتىنى ياخشى تاللاپ ئېكرانغا بىر چېكىپ شارىڭىزنى ھازىرقى پلانېتتىن ئاجرىتىپ ئالىسىز. ئەگەر شار ئايلىنىپ ئاستىدىن كۆتۈرىلىۋاتقاندا چېكەلىسىڭىز ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ. ئەگەر ئاستىغا چۈشىۋاتقان چاغدا بولسا پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ، دېگەن گەپ.  ئىشقىلىپ بەكلا قىزىقارلىق ئويۇن. Game Center نى قوللايدۇ.  قېنى قانچىلىك ئۇزاققا بارالايسىزكىن كۆرۈپ باقامدۇق؟

بۇ ئويۇننىڭمۇ قىسقا فىلىمىنى بىر كۆرەيلى


ئويۇن ئىسمى : Overkill

ياسىغان شىركەت : Craneballs

ئويۇن تۈرى : جەڭ

قوللايدىغان سۇپا: Game Center

چوڭلۇقى : 73.4 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 3.1.3

چۈشۈرۈش ئادرىسى :



ئويۇن ئىسمى : Gravity Gambit HD

ياسىغان شىركەت : Half Fast Games

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش، كۆڭۈل ئېچىش

قوللايدىغان سۇپا: Game Center

چوڭلۇقى : 42.9 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 3.0

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بۇ ئۇيۇنلار ھىچ قايسى چۈشمەيدىكەنغۇ

  2. بېكەت باشلىقلىرىغا تەكلىپ بۇ تور بەتتىكى بارلىق دىتاللار چۈشمەيدىكەنغۇ بۇنداق بولسا بېكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەمدۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان بولساڭلا چۈشۈرگىلى بولمايدىغان دىتاللارنى تەستىقلىماسلىق تۈزۈمىنى قويغان بولساڭلا

    • بۇ ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى چۈشىدۇ. ماقالە ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا چۈشۈرگەن بولسىڭىز ھەقسىز چۈشۈرەتتىڭىز. ھازىر ھەقلىق. بۇ دېتاللارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق ھەقسىز تەمىنلەنگەن نەرسىلەر. بۇنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن iTunes نى قاچىلىغان بولىشىڭىز كېرەك.

  3. نىمۇ iTunes دىگەن چۈشۈرۈش دىگەن خەتنى باسسام تور بەت ئېچىلىپ ئاق ئىكران بۇلۇۋالدى ئۆزىڭىز بىر سىناپ بېقىڭ بولمىسا

    • بۇ ئويۇن ئايفوننىڭ ئويۇنلىرى. كومپىيۇتېرغا چۈشىدىغان ئويۇن ئەمەس. iTunes دېگەن ئايفونغا ئويۇن قاچىلايدىغان نەرسە. ئاشۇ نەرسە بولسا چۈشۈرەلەيسىز. مەن سىناپ ئاندىن يوللىغان. ھېلىھەم نورمال.

  4. سالام پاسىبان بولسا ئاي ئو ئس 5 نىڭ سىناق نەشىرىنىڭ چۈشۈرۇش ئادرىسىنى تەمىنلىگەن بولسىڭىز تىلپۇنىمنى بىر سىناپ باقاي دىگەن

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش