دېمەكچى بولغىنىم سېگنالدىكى مەسىلە ئەمەس. ھېس قىلىشىمچە ئايفوننىڭ سېگنالى بەك تۆۋەنمۇ ئەمەسكەن. لېكىن سۆزلەشكەندە ئىكرانغا قۇلاق ياكى يۈزىمىز تېگىپ كېتىپ ئاۋازى ئۆچۈپ كېتىدىغان، ياكى تېلفۇننى ئۈچۈپ قويىدىغان ۋە ياكى مۇشۇنىڭدەك خاتا تېگىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان بىر قاتار ئاۋارىچىلىقلار كىشىنى بەزىدە بېزار قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئىشقا سىز يولۇققانمىدىڭىز؟ كېلىڭ، بىرلىكتە ھەل قىلايلى.
ئايفونىىڭ مۇنداق بىر ئالاھېدىلىكى بار. قۇلاققا تۇتۇپ سۆزلەشكەندە ئاپتۇماتىك ئېكراننى ئۆچۈرۈپ، توك تېجەش بىلەن بىللە يۈزىمىزنىڭ ياكى قۇلاقنى تېرىسى ئېكرانغا تېگىپ كېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چۈنكى ئېكران زىيادە سېزىمچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن يىنىكلا بىر چەكسەك ئىجرا بولىدۇ. شۇڭا سۆزلىشىۋاتقاندا بۇ خىل ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلماق ئۈچۈن تېلفۇننى يىراق تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىقتىدار ئويلىشىپ لايىھەلەنگەن بەلەن ئالاھىدىلىك ھېساپلىنىدۇ. چاتاق يېرى بۇنىڭغا ناھايىتى يېقىپ كەلمىسە ئېكران يەنە يورىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئايفون 4 تە تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى ئايفون 4 بۇنىڭغا بەكرەك سېزىمچان بولغاچقا ئازراقلا يىراقلاشتۇرساق ئېكران يورۇپ قالىدۇ. ئەگەر قىزلار بولسا قۇلىقىدىكى ھالقىسى بۇ ئەھۋالنى ئاسانلا سادىر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بايا دېگەندەك ئاۋارىچىلىقلار يەنە يۈز بېرىدۇ. ئايفوننى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەن بولسىڭىز بۇ خىل ئاۋارىچىلىققا چوقۇم بىرەر قېتىم يولۇقىسىز. مەن نەچچەيلەننىڭ مۇشۇنىڭدىن كايىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
بۇنىڭ ئادەتتىكىچە بىرقانچە ئۇسۇلى بار. مەسىلەن تېلفۇن سۆزلىشىۋاتقاندا Home (ئاستىدىكى يۇمىلاك كونۇپكا) نى بېسىپ تىزىملىككە قايتىپ كېلىپ سۆزلىشىنى داۋام ئېتىش. يەنە بىرى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان بىرەر پروگراممىغا ئالماشتۇرىۋېتىش. مەسىلەن، ھېساپلىغۇچ دېگەندەك. بۇنداق بولغاندا تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز.
دىققەت قىلغان بولسىڭىز ئەڭ ئۈستىدىكى يېشىل ستوننى كۆرىسىز. يەنى، شۇ جاينى باسسىڭىز تېلفۇن كۆزنىكىگە قايتىپ بارىدۇ. بۇ يەنىلا قۇلاق يېنىغا توغرا كەلگەچكە ئاسانلا بېسىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئامال مۇكەممەل ئەمەس. يەنە بەزىلەر ھەممە تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ چاتاقنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ دېگەندەك ئاماللارنى تېپىتپۇدەك. بۇنىڭ پەقەتلا ئىلمىي ئاساسى يوق. قۇرۇقلا گەپ خالاس. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ خىل ئاۋارىچىلىققا ئوخشاش يولۇققان ئەقىللىق پروگراممىرلار Call Guard ناملىق (سۆزلىشىشنى قوغداش دېگەن مەنىدە) بىر پروگرامما لايىھەلەپ چىققان. بۇ پروگرامما بىز كۆرگەن يېشىل ستوننى بېسىپ كېتىدۇ.
مانا مۇشۇنىڭدەك. سۆزلىشىۋاتقاندا ئېكرانغا خالىغانچە باسساقمۇ سۆزلىشىشىمىزگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى تولىمۇ ئىپتىدائىي. تېلفۇننى ئالىسىز، HOME نى ئىككى بېسىپ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان مۇشۇ پروگراممىنى بېسىپ ئىجرا قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن تېلفۇن ئارقا سۇپىغا كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن سۆزلىشىشكە تەسىر يەتمەيدۇ. ئەمما ھەر قېتىم تېلفۇن كەلگەندە يۇمىلاق كونۇپكىنى بېسىپ مۇشۇنى قوزغىتىپ يۈرۈش تولىمۇ بىئەپ ئەمەسمۇ؟ ياسىغانلار نېمىشقا تېلفۇننى ئالغان ھامان ئاپتۇماتىك قوزغىلىدىغان، يەنە بىرەر جايىنى بېسىپلا ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئىقتىدارىنى قوشۇپ ياسىمىغان بولغىيتى؟
بۇنىڭمۇ ئەپچىل چارىسى بار. Activator ئىسىملىك پروگرامما ئارقىلىق ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ ئالاھېدىلىكى شۇكى ھەرقانداق جايدا، مەيلى سۆزلىشىۋاتقاندا بولسۇن مەيلى بىرەر نەرسە ئىجرا بولىۋاتقان چاغدا بولسۇن قايتىش كونۇپكىسىنى ۋەياكى ئايفوننىڭ باشقا كونۇپكىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق مەلۇم نەرسىنى ئىجرا قىلدۇرۇش. يەنى سىز مۇشۇ پروگرامما ئارقىلىق سۆزلىشىۋاتقانداق قايتىش كونۇپكىسىنى تەخمىنەن 1 سېكونت قويىۋەتمەي بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىق Call Guard نى قوزغىلىدىغان قىلىپ توغرىلاپ قويسىڭىز بۇ خىل باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلغان بولىسىز. شۇنداقمۇ؟
تېلفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز Activator ناملىق پروگراممىدىن ھەقسىز پايدىلىنالايسىز. Cydia نى ئېچىڭدە ئىزدەيدىغان يېرىگە Activator دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئايفوننىڭ تەڭشەك باش تىزىملىكى ئارىسىدا Activator دېگەن تىزىملىكنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئىچىنى ئېچىپ ئەڭ ئۈستىدىكى 任何地方 دېگەن تىزىملىككە كىرىڭ. ئاندىن ئەڭ ئاستىدا 主屏幕按钮 دېگەن تاللاش تۈرىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭدىن ئاستىدىكى 按住 دېگەننى تاللاڭ. بۇلارنىڭ مەنىسى، ھەرقانداق ئورۇندا 主屏幕按钮 بولغان قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇش(按住) ئارقىلىق مەلۇم نەرسىنى ئىجرا قىل دېگەن گەپ. سىز بۇ تىزىملىك ئىچىدىن نېمىنى ئىجرا قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى تاللاپ بېرىڭ.
بايا ئېيتىپ ئۆتكەن Call Guard نى ھەقسىز Activator ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بۇ خىل ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالايسىز. Activator ھەقسىز. لېكىن Call Guard نى بولسا $0.99 گە سېتىۋېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ ئالما دۇكىنىدىكى ئادرىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە ھەقلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدىغان جۇڭگو رايونىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى ئارقىلىق بېجىرگەن iTunes ھېساۋاتى بولىشى كېرەك.
بۇنى ئۆزىڭىز قىلالمىسىڭىز مەن سىزگە ۋاكالىتەن ئېلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. 0.99 دوللارلىق پروگراممىلارنى 7 يۈەن بويىچە ھېساپلاپ ھەق تۆلەيسىز. 淘宝 ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا App Store نىڭ جۇڭگو رايونىدىن تاپقىلى بولىدىغانلىكى ھەرقانداق دېتاللىرىنى ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىشكە بولىدۇ. باھاسى ئالما دۇكىنىدىكى دوللار باھاسى بويىچە ھېساپلىنىدۇ. 0.99 دوللار 1 دوللار دەپ قارىلىپ، 1 دوللارنى 7 يۈەن بويىچە ھېساپلاپ ئېلىپ بېرىمىز. ئېھتىياجى بارلار 旺旺 ئارقىلىق مېنى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ.









































پاسىبانىم، نورۇز بايراملىرى مۇبارەك!
بىرگە بولسۇن. ئۆزلىرىنى ۋە دوسلىرىنى مالال قىپتۇق!
نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
ھۇف …. ھازىر بۇ ىنكاسىمنى ايفودا يېزىۋاتىمەن
بىرگە بولسۇن. ئايفوندا خەت يازغاندا «ئ» ھەرىپىنى كومپىيۇتېرغا ئوخشاشلا / كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق چىقىرىمىز. بۇ كونۇپكا سان يازىدىغان جايدا بار. ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسى ھالىتىدە سول تەرەپ ئاستىدىكى 123 دېگەننى بېسىپ سان ۋە تىنىش بەلگىلىرى بار جاينى ئاچساق 2 دېگەن كونۇپكىنىڭ ئاستىدا تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنى بېسىپ «ئ» ھەرىپىنى يازالايسىز.
ھە …. مەن شۇنى تاپالماي شۇ ……
ئەمدى تېخى كومپيۇتېردا چىققان ئىدىم تورغا ،رەھمەت ھە سىزگە ….
مۇشۇ App Storeدىن دىتال سېتىۋالىدىغان بانكا كارتىسنى قانداق بىجىرىدۇ ؟ مەن جوڭگۇ بانكىسىنىڭ ،سودا-سانەئەت بانكىسىنىڭ توربانكا كەسپىنى ئېچىپ قويغان، بۇلاردا ئۇنى سېتىۋېلىشقا بولمايدىغۇ دەيمەن !!!
ياق. بۇنى بېجىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئىناۋەتلىك كارتا بولىشى كېرەك. Mastercard ياكى VISA دېگەندەك ئىناۋەتلىك كارتا بولىشى كېرەك.
پاسىبان ئەپەندى ،ئايفۇن3g sتە ئىكران تەگلىك ياكى جۇتىنى كافى رەڭدە تەڭشىگىلى بولىدىكەن ئايفۇن3gدە بولارمۇ،ياكى شۇنداق دىتال بارمۇ؟……..ئاۋارە قىلدىم
ئايفوننىڭ ئۇسلۇب باشقۇرىدىغان بىر دېتالى بار. Winterboard دەيدىغان. بۇنى Cydia دىن ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىپ بۇ ئادرىستا بىر قانچە ئۇسلۇب تەمىنلەنگەن ئىكەن. كۆرۈپ بېقىڭ. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن /Library/Themes نىڭ ئاستىغا قاچىلاپ قويسىڭىز Winterboard نىڭ ئىچىدىن بۇ ئۇسلۇبنى باشقۇرالايسىز.
پاسىبان ئەپەندى ،قۇلۇپ سېلىنغان WI-FIسگنالىنى شېفىر نى بىلمىگەن شارائتتا ،ئايفۇن ئارقىلىق قوبول قىلىپ .ئشلەتكىلى بولامدۇ
Wifi نىڭ مەخپى نومۇرىنى يېشىدىغان ئۇسۇللارنى بار دەپ ئاڭلىغان. قول تىقىپ قىلىپ باقمىدىم. بۇ جايدىن كۆرۈپ سىناپ بېقىڭ بولمىسا http://zhidao.baidu.com/question/91949634.html
:…: ئايفۇنۇمنڭ سىدىياسىدىن360安全卫士قاچىلغان.ئۇنى يۇيۇپ چقارغىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ. شۇنى ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىغاندا install نى باسقاندەك ئۆچۈرگەندە ئاۋال Modify نى ئاندىن Remove نى بېسىپ ئۆچۈرىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى ئايغوننىڭ لەنياسىنى ئېشلىتەلمىدىم(ئايفوندىن ئايفونغا) چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئايفوننىڭ كۆكچىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ نوكىيا تېلفۇنلىرىدىكىدەك مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدۇ. بەزى پروگراممىلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئايفوندىن ئايفونغا رەسىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئىۋەتكىلى بولىدۇ. App Store غا كىرىپ Bluetooth دەپ ئىزدەپ بېقىڭ. مۇشۇنداق پروگراممىلار خېلى كۆپ. Bluetooth Photo Share دەپ بىرسى بار ھەقسىز. مۇشۇ ئەپ ئارقىلىق ئايفونلار ئارا رەسىم ئورتاقلىشالايسىز.
ياخشىمۇسىز،مېنىڭ ئالما تېلىفۇنۇم 2-ئەۋلات ئىدى،ئۇنى كومپىيوتېردا ئاچالمىدىم،كومغا چاتسام پەقەت سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتىلا چىقىدۇ،قانداق قىلغاندا ئۇنى كومپىيوتېرغا چاتقىلى بولىدۇ؟
ئايفون كومپىيۇتېرغا مۇشۇنداق چېتىلىدۇ. نوكىياغا ئوخشاش قاتتىق دېسكا ھالىتىدە تونىمايدۇ. كومپىيۇتېرىڭىزغا iTunes نى قاچىلاپ ئاندىن چېتىڭ. مۇشۇ نەرسە ئارقىلىق ئايفونغا ھەرنېمىلەرنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىن ئايتيۇنىسنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشىرىۋالالايسىز.
http://www.apple.com.cn/itunes/download/
بۇ ئايتيۇنىسقا ھەقسىز تېزىملىتىش جەريانى
بۇ ئايتيۇنىس ئارقىلىق ئويۇن قاچىلاش كۆرسەتمىسى
بۇ PDF ھۆججەتلىرىنى قاچىلاپ ئايفوندا ئېلكىتاپ كۆرۈش ئۇسۇلى
بۇ ئايتۇنىس ئارقىلىق ئويۇن قاچىلىماي يۇمشاق دېتاللارنىمۇ قاچىلىغىلى بولامدۇ،مەسىلەن:
http://www.hysec.com/hyzq/sjcg/rjxzxj.html?menu=3
ئاۋارە قىلدىم…
بۇ يەردە ئېيتقان ئويۇن App Store ئىچىدىكى ھەرقانداق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپرەكى ئويۇن بولغاچقا ئويۇن دەپ ئالغان ئىدىم. ئاشۇ ئۇسۇل بىلەن ھەرقانداق دېتالنى قاچىلىيالايسىز. ئايفون باشقا تېلفۇنغا ئوخشىمايدۇ. خالىغان يەردىكى نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىمايسىز. چوقۇم ئايتيۇنىستىكى ياكى ئايفونىڭىزدىكى App Store دېگەن ئالما بازىرىدىن لازىملىق نەرسىڭىزنى ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز. سىز 股票 ئويناپ قويىدىغاندەك تۇرىسىز. ئايفونىڭىز تورغا ئۇلاغلىق ھالەتتە App Store غا كىرىپ 股票 دەپ يېزىپ ئىزدەڭ. سىزگە لازىملىق پروگراممىلار تېپىلىپ قالا.
سىز ئىزدىگەن 宏源天游 نىڭ ئايفون ئۈچۈن لايىھەلىگەن نۇسقىسى بار ئىكەن. بۇ ئادرىستىن چۈشۈرىۋېلىڭ. كومپىيۇتېرغا iTunes نى قاچىلاپ بولۇپ، ئاۋۇ بەتتىكى View in iTunes نى بېسىپ ئايتيۇنىس ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاشقا كېتەرلىك بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى بايا سىزگە ئادرىسنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم.
宏源天游يانفۇنۇمدىكى App Store دە باركەن،لىكىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخپى نۇمۇر سوراۋاتىدۇ،بۇ مەخپى نۇمۇرنى بىلمەيدىكەنمەن،كومپىيوتېرغا چۈشۈرۈپ ئاندىن قاچىلاپ باقاي،رەھمەت سىزگە.
قەيەردىن قاچىلىسىڭىز سورايدۇ. مەن ئۈستىدە سىزگە ئەۋەتكەن ئاييتيۇنىسقا ھەقسىز تىزىملىتىش جەريانى دېگەن تېمىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ. مەيلى كومپىيۇتېر مەيلى ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى بولسۇن، App Store دىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئايتيۇنىس ھىساۋاتى بولىشى كېرەك. ئاشۇ تېمىنى باشتىن-ئاخىر كۆرسىڭىز 1 تال ھېساۋاتقا ئىناۋەتلىك كارتا بولمىغان شارائىتتا ئېگە بولالايسىز
پاسىبان ئەپەندى ،سىز دېگەن بويىچە ئايفۇننىڭ cydiaسىنى قوزغۇتۇپ 360安全卫士ئىزدەپ تېپىپ ئاۋال Modify نى ئاندىن Remove بېسىپ ئۆچۈرۈپ ،mobile substrateدېگەن يەنە بىر نەرسىنى ،ئاۋال Modify نى ئاندىن Remove بېېسىپ بولغاندىن كىيىن confirimدېگەن خەت كۆرۈنگەنتى بىللەلمەي بېسىپ قاپتىمەن شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە دېتال ئۆچۈرلۈپ ئايفۇن قايتا قوزغالدى .بىراق تېلفۇن سگنالى ئىزدەش ھالىتدە تورغا كىرەلمىدى،ھازىر ئزدەۋاتىدۇ دېگەن ھالەتتە.112غا نورمال ئۇلىنىدۇ،كارتىنىمۇ ئالماشتۇردۇم .يەنە بىرى تېلېفۇندىكى91ياردەمچىسى ئارقلىق ئىكرانغا ئۇسلۇپ تەگلك ئجرا بولمىدى ،باشقا جايلىرى ھازىرچە نورمال.ياردەم قىلغان بولسىڭىز
:…:
ئۆچۈرۈشتە ئاشۇنداق ئۆچۈرىمىز. بىلمەي باشقا نەرسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولسىڭىز شۇنى قايتا قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. لېكىن شۇ نەرسىنىڭ ئىسمىنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئىسمى بويىچە ئىزدەپ تېپىپلا قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
مېنىڭچە سىز ئۈستىدىكى تاقاش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تېلفۇننى بىر ئۆچۈرۈپ (关机 ) بىردەمدىن كىيىن قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ. سېگنالى پەيدا بولىشى مۇمكىن. ئەگەر بولمىسا يەنە بىر قىلىڭ. 2 قىتىم سىنىسىڭىزمۇ سگنالنى تاپالمىغان بولسا قۇلۇپنى ئاچىدىغان redsnow دېگەن قۇلۇپ يەشكۈچنى قايتا بىر قاچىلاڭ. ئاندىن يەنە 2 قېتىم قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ.
ئادەتتە قۇلۇپى بار نەشىردىكى ئايفونلارنى redsnow ئارقىلىق يېشىپ، بىر قېتىم قايتا قوزغاتقاندا سىگنال تاپالمايدىغان ئەھۋاللار ئانچە-مۇنچە كۆرۈلۈپ قالىدۇ. مېنىڭمۇ شۇنداق. بىر قېتىم قايتا قوزغاتسام چىقمىسا يەنە بىر قوزغىتىمەن. سېگنالى ئەسلىگە كېلىدۇ.
پاسىبان ئەپەندى ،سىز دېگەن بويىچە ئايفۇننىڭ cydiaسىنى قوزغۇتۇپ شادۇ رۈەنجىەننى ئىزدەپ تېپىپ ئاۋال Modify نى ئاندىن Remove بېسىپ ئۆچۈرۈپ ،mobile substrateدېگەن يەنە بىر نەرسىنى ،ئاۋال Modify نى ئاندىن Remove بېېسىپ بولغاندىن كىيىن confirimدېگەن خەت كۆرۈنگەنتى بىللەلمەي بېسىپ قاپتىمەن شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە دېتال ئۆچۈرلۈپ ئايفۇن قايتا قوزغالدى .بىراق تېلفۇن سگنالى ئىزدەش ھالىتدە تورغا كىرەلمىدى،ھازىر ئزدەۋاتىدۇ دېگەن ھالەتتە.112غا نورمال ئۇلىنىدۇ،كارتىنىمۇ ئالماشتۇردۇم .يەنە بىرى تېلېفۇندىكى91ياردەمچىسى ئارقلىق ئىكرانغا ئۇسلۇپ تەگلك ئجرا بولمىدى ،باشقا جايلىرى ھازىرچە نورمال.ياردەم قىلغان بولسىڭىز
:…:
مەن تېلفۇنۇمغا قۇرئان قاچىلاي دىگەن ، App store ئارقىلىق ئىزدىسەم خېلى جىق قۇرئانلارنى تاپتى ، شۇنىڭ ئىچىدىن iQuran Lite دىگەن قۇرئاننى چۈشۈردۈم ، ۋە باشقىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپمۇ باقتىم ، لېكىن ھەممىسى ئەرەپچە ۋە باشقا يېزىق تىلىدا ئىكەن ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار قۇرئان بارمىدۇ ؟ بار بولسا ئىسمىنى دەپ بەرسەلار ئىزدەپ قاچىلۋالسام ياخشى بولاتتى ، بوش ۋاقىتلاردا ئۇقۇپ تۇرۇشقا ئەرزىيدۇدە ؟ ھە راس تېلفۇندا ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بۇلىدۇ بولمىسا . ئۇيغۇرچە قۇرئان كورۈش ئۈچۈن يەنە باشقا دېتال قاچىلامدىم يا ؟ بىلەلمەي قالدىم ؟ ياردەن قىلساڭلار ؟ تىپى ئالما 4 – ئەۋلات
App Store دىن ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى نەرسىنى تاپماق قىيىن.