ئالدىنقى كۈنى PaPaBong ناملىق ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇننى تونۇشتۇرغان ئىدىم. بۈگۈنكىسى App Store دىكى مۇشۇ ساھەدە يول ئاچقۇچى، ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇن.
ئويۇندا باشتىن ئاخىر ئاۋاز ئارقىلىقلا كونترول قىلىشقا بولىدۇ. باشلانغاندىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا «پا!» دېمىسىڭىز باشلانمايدۇ. يەنە كېلىپ 3 قېتىم دېيىش كېرەك.
ئويۇننىڭ ئىسمىدىكى AHHHHHHH دېگەننى كۆردىڭىزغۇ دەيمەن. ئويۇندا پەقەت PAH دېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. «ئـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــاھ» دېيىش ئارقىلىق ئايرۇپىلاننىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى تەڭشىسەك «پاھ!» دېيىش ئارقىلىق ئوق چىقىرىمىز. ئالدىمىزدىكى تاشنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يوقىتىپ ماڭىمىز
قىزىقمىكەن؟ ئوينىغاندا تولىمۇ قىززىق تۇيۇلىدۇ. ئاۋال بۇ ئويۇننىڭ سىنىنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى
بۇ ئويۇننى خەنلەر بۇ شەكىلدىمۇ ئويناپ بېقىپتۇ. كۆرۈپ باقايلى.
App Store دىن چۈشۈرۈش ئادرىسى :
قۇربىتىڭىز يەتسە ھەقلىق نۇسقىسىنى سېتىۋالغايسىز. ئەگەر چوقۇم يېشىۋەتكەن نۇسقىسى لازىم بولسا ئۇچاغدا تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.









































بۇ جايدا ئىنكاس يوق، ئاۋۇ تەرەپتە دىۋان تالاشقىلى تۇرۇپسىلەرغۇ؟ بۇ يەرنى ماڭا ئېپ قويۇپسىلەردە؟
ماۋۇ ئەپنى قاچىلاپ ئوينىغان ئىدىم. ئادەم يوق يەردە ئوينىمىسا سەل
ئىشقىلىپ قىززىق ئويۇنكەن بۇ
ئايفون بولغان بولسا ئويناپ قوياكەنمىز… ئويۇن ياساشقا ھەجەپ ئۇستا بولۇپ كەتتى ھە بۇلا….
يا بى 5~6 كويغا بەمەيدىكىن بۇ نىمىنى
5~6 كويغا ئويۇنچۇقمۇ كەلمەس بوپ كېتىۋاتسا شاھزادەمنىڭ دەۋاتقان گېپىنى
شاھزادىگە بېرەمۇيە؟
ئوينىغان ئادەمگە تۇيۇلمىغۇدەك ….يەندا قاراپ تۇرغان ئادەم كۈلۈپ ساراڭ بوپقالغۇدەك….ھاھاھاھا…مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپمۇ قوسۇغۇم ئاغرىپ كەتتى.ھاھھا
كۇلۇپ ئوينايدىكەن بۇنى …تۇزۇك چىقىرىماي …
بۇي ئويۇننى مەن توردا ئوينىغىنىنى كۆرۈپ ئىزدەپ تاپالمىغانتىم… ما يەردە ئۇچراتتى، ھەجەپ ياخشى بولدى دىسە…
ياردەم سوراپ بىشىڭىزنى ئاغرىتۋەتتىم خىجىلمەن…
يىشىۋىتىلگەن نۇسقىسىنى قانداق قاچىلايدۇ؟
تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز Cydia غا 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى قوشۇپ AppSync دەپ ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ. شۇنىڭ بىلەن iTunes ئارقىلىق قاچىلىيالايسىز.
Cydia نى قىسقىچە چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ يازمىغا ئىلتىجا قىلىڭ.
/about-cydia.html
ئايپەد نۇسقىسى يوقمىكەن بۇنىڭ؟