2 ئادەم ئويۇن ئويناش ئۈچۈن 2 تېلفۇن بولىشى ھاجەتسىز. ماۋۇ ئويۇننى 1 ئايفون بولسىلا 2 كىشى بەخىرامان ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ پۇتبۇل ئويۇنى بولۇپ، نوختا توپ تېپىش ئاساس قىلىنغان. ھۇجۇم قىلغۇچى بارماق بىلەن توپ ئۇرىدۇ، مۇداپىئە تەرەپ تېلفۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.
ئويۇننىڭ ھەرىكىتى ئېنىق، كۆرىنىشى سۈزۈك. پۇتبۇل چولپانلىرى ياپون كارتون رەسىملىرى شەكلىدە. بۇنداق ئويۇنلاردا يېقىن بۇرادەرلەر بىلەن خالىغان يەردە بىر-بىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدىكى توپ ئويۇنى.
ئويۇن ئىسمى : Champion Striker
ياسىغان شىركەت : Poligono Son Oms
ئويۇن تۈرى : توپ، كۆڭۈل ئېچىش
چوڭلۇقى: 23.7 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































iPhone ئېلىپ بولغۇچە بلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنالمايدىغاندەك تۇرىمەن، ھەي…
ئايفونغا دائىر ھەجەپ جىق نەرسىلەرنى بىلىدىكەنلا ئەمسە؟ مەن تېخى ئىشىلىتىۋاتقان چېغى دەپتىمەن. ھازىر بەتلىرىكى ئېلانلارنى بىردىن-بىردىن تەپسىلىي بېسىپ چىقىمەن. خۇدايىم ماڭا ئوخشاش كۆرۈرمەنلىرىگە بەرىكەت بېرىپ قالسا ئۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى
مەنغۇ تورخۇمارنىڭ ئايفون بىلەن ئېلان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارمىكى دەپلا قالىمەن. قاچانلار قارىسا شۇ چىرايلىق ، كۆزنىڭ يېىغىنى يېگۈدەك ئايفوننىڭ ئېلانى …
ئايفون ئېلىش ئويىدا بولۇۋاتقانلار كومپىيۇتېرغا iTunes نى قاچىلاپ، مەن يوللىغان ھېساۋات ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئاۋال بىر ھېساۋات ئىلتىماس قىلىپ، ھازىردىن باشلاپ كومپىيۇتېرغا چۈشۈرىۋالغاچ تۇرىمىز دەيمە! خۇدا خالىسا ۋاقتى كەلگەندە قولىمىزغا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ تەييا چۈشۈرۈپ قويغان دېتاللارنى ئىشلىتىپ كېتىمىز
[...] بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىغان بىر ئويۇننى تېخى تۈنۈگۈن يوللاپ تۇرىۋېدىم، بۈگۈن مۇشۇنىڭدەك ئويۇندىن يەنە [...]