بىر پارچە رەسىمىنىڭ ئۈستىگە باشقا رەسىمدىن بىرنى قاپلاپ، چىرايلىق قىلىپ بېزەپ بىرسىگە ئىۋەتىپ بەرسىڭىز ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ ئاستىغا بىرەر مەخپىيەتلىكنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمايدۇ. بەزى مەخپىي رەسىملەرنى Secret Photo ناملىق بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ ساقلاپ قويسىڭىز ياكى دوستىڭىزغا ئىۋەتىپ بەرسىڭىز باشقىلار چوقۇم بۇنى ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تېشى بىلەن ئىچى باشقا – باشقا …
Secret Photo ناملىق بۇ دېتالنى ئىشلىتىش تولىمۇ ئاسان. ئاۋال ئەسلى رەسىمنى ئالبۇمدىن ياكى ئاپاراتتىن تارتىپ قوشۇپ بېرىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپلايدىغان رەسىمنى قوشىمىز. ئاندىن ساقلىساقلا ئىش تامام.
ياساپ بولغان رەسىمنى ساقلىغاندىن كىيىن Secret Photo نىڭ ئامبىرىدا كۆرىنىدۇ. ئۇنى بېسىپ ئېلخەت ئارقىلىق يوللاش دېگەن جاينى بېسىپ ئېلخەت ئارقىلىق باشقىلارغا يوللاپ بېرىڭ. دىققەت قىلسىڭىز ھاسىل بولغان نورمال بىر پارچە رەسىمدىن باشقا كېڭەيتىلگەن نامى JPG2 بولغان يەنە بىر ھۆججەتنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز.
سىز بۇنى ئايفوننىڭ ئېلخەت باشقۇرۇش ئىقتىدار ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن (ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك)، JPG2 قۇيرۇقنامدىكى ھۆججەتنى بىر چەكسىڭىز «Secret Photo ئارقىلىق ئېچىش» دېگەن تىزىملىك چىقىدۇ. بۇ رەسىمنىڭ «ئەپت-بەشىرىسى» نى Secret Photo ئارقىلىقلا بىلەلەيمىز!
دېتال ئىسمى : Secret Photo
تۈرى : فوتو-سۈرەت، كۆڭۈل ئېچىش
چوڭلۇقى : 12.2 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار