بۇ ئويۇننىڭ ئىلگىرى Battle of Midway دېگەن نەشىرىنى ھەقسىز قىلىپ تارقاتقاندا ئويۇنچىلار شۇنداق خوش بولۇشۇپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈنكىسى Battle of Midway Pro بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك نەشىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى – تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ. Pro نەشىرىنىڭ تېخى تۇنجى قېتىم ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلىشى. ستراتىگىيىلىك جەڭ ئويۇنلىرىغا ئامراق دوسلارنىڭ چۈشۈرۈپ ئوينىشىغا ئەرزىيدىغان ياخشى ئويۇن.
بايا ئېيتقىنىمىزدەك، Battle of Midway Pro بولسا سىتراتىگىيىلىك دېڭىز ئۇرۇشى ئويۇنى. ئويۇندا سىزنىڭ ۋە دۈشمەننىڭ تەڭ بۆلەك يېرىڭىز بولىدۇ. سىز دۈشمەن ئورۇن ئېگەللىۋېلىشتىن بۇرۇن ياخشى جاينى تاللاپ ئېگەللىۋېلىشىڭىز كېرەك. دۈشمەننىڭ كىيىنكى قەدەمدە يەنە قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئالدىن پەرەز قىلىپ شۇنىڭغا كۆرە پىلان بىلەن ئىش كۆرىشىڭىز كېرەك.
ئويۇن 45 گرادۇسلۇك كۆرۈش بۇلۇڭى ھالىتىدە داۋام ئېتىدۇ. كەينى مەنزىرىنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتەلەيمىز. قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان ئويناش ئۇسۇللىرى خېلى كۆپ. كۈچ سىنىشىش ئېڭى كۈچلۈكلەر سىناپ باقسا بولىدىغان ئوبدان ئويۇن. پەچەت يېرى – ئىككى iDevice تا WiFi تورى ئارقىلىق تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىرى ئايفون، يەنە بىرى ئايپەد بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
ئايفون ۋە ئايپەد تورلاشتۇرۇپ ئويناۋاتقان ھالەتتىن بىر كۆرۈنۈش
ئويۇن ئىسمى : Battle of Midway Pro
ياسىغان شىركەت : Wang Lixiang
قوللايدىغان سۇپا : Game Center
ئويۇن تۈرى : جەڭ
چوڭلۇقى : 15.3 MB
* ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + 4.0
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.
* ئىزاھ : بەزى دوسلار تەمىنلىگەن ئويۇنلارنى چۈشۈرۈپ بولۇپ قاچىلىيالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ھازىر يېڭى چىقىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى سېستىمىغا ئاساسەن ياسالغان بولغاچقا «ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى» دېگەن تۈرنى قوشۇپ قويدۇم. ئەگەر سىزنىڭ ئۈسكىنىڭىزنىڭ سېستىما نەشىرى بۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا قاچىلىغىلى بولمايدۇ. سىز چوقۇم نەشىرىنى ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرگە يېڭىلىغاندىن كىيىن ئاندىن قاچىلىيالايسىز. بۇ قانداقتۇر ئويۇندىكى ۋە ئايفونىڭىزدىكى مەسىلە ئەمەس.









































ماڭا ياردەم قىلىپ iTunes قا تىزىملىتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ،
مۇشۇنداق ھەقسىز ئويۇنلارنى كۆرسەم …………….
چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن .
مۇشۇ تىزىملىتىش جەريانىنى بەك تەپسىلىي قىلىپ رەسىملىك يوللاپ قويغان ئىدىم. ماۋۇ ئادرىستىن كۆرۈپ تىزىملىتىۋېلىڭ.
/20101220255.html