پۇتبۇل ماھىرلىرىنىڭ پۇتىدا توپ ھەقىقەتەن «شوخلىشىپ» كېتىدۇ ھە؟ ئايفونىڭىز بىلەن سىزمۇ قىلالىشىڭىز مۇمكىن. 3D كۆرۈنمە يۈزلۈك iSoccer Backstreet دېگەن ئويۇندا سىز بۇ ماھارەتلەرنى قىلالايسىز. چوڭ ئويۇن شىركىتى يەنە بىر چوڭ سوۋغىسى. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ.
ئويۇندا 6 خىل پىرسوناژ بار. ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى ھەرخىل قىلىپ ئالماشتۇرالايمىز. توپ تېپىش، ئېلىپ مېڭىش ۋە ھەرخىل ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئويناش ئۇسۇلى بار.
ھەرقايسى مەيدانلار ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىنىشى كۈچلۈك بولغانلىقتىن سىزگە بۆلەكچە تۇيغۇ بېرىدۇ. قۇرۇق گەپنى قويۇپ رەسىملىرىنى ۋە سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ باقايلى. (ئاۋال چۈشۈرىۋېلىڭ. چۈشكىچە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ)
ئويۇن ئىسمى : iSoccer Backstreet
ياسىغان شىركەت : Artificial Life, Inc
ئويۇن تۈرى : توپ
چوڭلۇقى : 54.8 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































ھېلىقى پۇتبول ئويۇنى 实况غا ئوخشايدىغان بىر ئويۇننى ئاكامنىڭ ئايفونىدا ئوينىغان ئىدىم،ھېلىھەم شۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرىمەن