نەچچە كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقتىن بۈگۈن ئاخىرى تورغا چىققۇدەك ۋاقىت چىقىرالىدىم. نەچچە كۈندىن بۇيان بلوگنى يوقلاپ تۇرغانلارغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. نەچچە كۈن بۇرۇن بىخلان ئەپەندىنىڭ بىلىككە يوللىغان تېمىسىنى كۆرۈپ بۇ تېمىنى بلوگدا تەڭ بەھىرلەنمەكچى بولغان ئىدىم. نەچچە كۈن ئىشلىتىش جەريانىدا، بىخلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە قىلغان تىل بولىقىنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرۈشنىڭ كومپىيۇتېردا كۆرگەندىنمۇ چىرايلىق بولغانلىقىنى بايقىدىم. تۆۋەندە بۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

بىخلان ئەپەندى تەرجىمە قىلغان تىل بولىقىنى مەن PXL ھالىتىدىكى قاچىلاش ھۆججىتىنى 91 ئارقىلىق قاچىلاش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇردۇم. بۇنى سىلەرمۇ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. لېكىن، قاچىلىغاندىن كىيىن سېستىمىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپى بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە PXL بولىقىنى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىپ ئولتۇرماي. ئۆزۈممۇ 91 نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايۋاتقان شارائىتتا سىلەرگە 91 ئارقىلىق قاچىلايدىغان بىر نەرسىنى تەۋسىيە قىلىشىمنىڭ ئورنى يوق.

فونت تونىتىشنىڭ ئالدى ۋە ئاخىرىدىكى پەرق:

 

 

فونت قاچىلىغاندىن كىيىن iPhone دا يۇقارقىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز. ھازىرچە بۇ كۆپ قىسىملىرىمىزغا خېلىلا چوڭ خۇشخەۋەر بولىدۇ. ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئارا مۇكەممەل ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاشقىلى، تور بەتلەرنى تولۇق ئۇيغۇرچە ھالەتتە كۆرگىلى، تېلفۇن دەپتىرىدىكى ئىسىملارنى بىر-بىرلەپ ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرىۋېلىپ ساپ ئۇيغۇرچە تېلفۇن دەپتىرى قىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

فونت تونىتىش جەريانى مۇنداق:

ئاۋال بۇ  2  فونتنى چۈشۈرۈڭچۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن  iTools ئارقىلىق بۇ مۇندەرىجىنى ئېچىڭ.

/System/Library/Fonts/Cache

مۇشۇ يەرگە چۈشۈرگەن 2 فونتنى قاپلىۋەتسىڭىز ئىش تامام. قايتا قوزغىتىڭ. چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت تونىدىمۇ؟ ئەمدى سىز خالىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى ئايفوندا زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. ھەممىسىنىڭ فونتى شۇنداق گۈزەل، كۆركەم كۆرىنىدۇ.

خوش، ئەمدى ئايفونىڭىز ئۇيغۇرچە كۆرۈندى. لېكىن ئايفونغا سىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. مەن بۇ ئىشتىن ئېلھام ئېلىپ، مەخسۇس ئايفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن بىر بەت ياسىدىم. بەتنىڭ ئادرىسى : /u/

سىز بۇ بەتنى ئايفون ئارقىلىق ئاچقاندىن كىيىن ئاستىدىكى بەلگىسىنى (ئەگەر iOs 4.2.1 بولسا بۇ بەلگە سەل ئوخشىمايدۇ. ئۇنى-بۇنى بېسىپ كۆرۈپ بىلەلەيسىز) بسىپ تىزىملىكتىن 添加至主屏幕 نى تاللاڭ. بەت نامىنى <<ئۇيغۇرچە يېزىش>> دەپ ئۆزگەرتىپ <<قوشۇش>> دېگەننى باسساق، ئاساسى ئېكرانغا ئۇيغۇرچە يېزىش دېگەن نامدىكى پاسىبان كۇلۇبىنىڭ تۇغى پەيدا بولىدۇ. سىز ھەر قېتىم بۇنى بېسىپ رامكا ئىچىگە ئۇيغۇرچە يېزىپ، كۆچۈرۈپ چاپلاش ئارقىلىق بۇ ئېھتىياجنى قامدىسىڭىز بولىدۇ.

ئات تاپقۇچە ئېشەك مىن دەپتىكەن، خۇدا خالىسا بىر كۈنلەردە بۇ ئىشلىرىمىز تارىخقا ئايلانغۇسى …

ئەسكەرتىش:

ئىلگىرىكى PXL بولىقىنىڭ يېڭى سېستىمىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى توغرا ئۇسۇلغا ئالماشتۇرۇپ قويدۇم. يازمىدا يېزىلغان ئۇسۇل بويىچە فونت تونۇتسىڭىز مەشغۇلاتىڭىزدا خاتالىق بولمىسىلا، ئىنشا ئاللاھ ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ.

ئىلگىرىكىPXL بولىقى 1-ئەۋلاد ئايفوننىڭ 3.0 سېستىمىسىغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ياسىغان بولغاچ، باشقا ئايفوندا سېستىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بولۇپمۇ 4.3 تىن يۇقىرى سېستىمىدا بۇنى قاچىلىماڭ. سېستىمىنى مۇتلەق بۇزىدۇ. چۈنكى 4.3 تىن كىيىن تىل بولىقى كودى پۈتۈنلەي باشقىچە ئۇسۇلدا ھېسابلانغان بولۇپ، بۇرۇنقى ئۇسۇلغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. كونا ئۇسۇل بويىچە ياسالغان بولاقنى يېڭى سېستىمىغا قاچىلىسا ( بولۇپمۇ 4.3 تىن كىيىنكى سېستىمىغا) سېستىما مۇتلەق بۇزىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۇسۇل بىلەن فونت قاچىلىمىغايسىز. پەقەت فونت تونىتىشنىڭ ئايرىم ئۇسۇلى بار. خۇددى يازمىدا ئېيتقاندەك. ئۈستىدە بۇ مەزمۇننى تاپالمىغان بولسىڭىز يەنە بىر يازاي …

ئايفونغا چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت تونۇتماقچى بولسىڭىز بۇ فونتنى چۈشۈرۈڭ:
http://dl.dbank.com/c0i19d59u0
ئاندىن iTools ئارقىلىق بۇ مۇندەرىجىنى ئېچىڭ.
/System/Library/Fonts/Cache
مۇشۇ يەرگە چۈشۈرگەن 2 فونتنى قاپلىۋەتسىڭىز ئىش تامام. قايتا قوزغىتىڭ. چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت تونىدىمۇ؟ ئەمدى سىز خالىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى ئايفوندا زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. ھەممىسىنىڭ فونتى شۇنداق گۈزەل، كۆركەم كۆرىنىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



46 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەن تۈرمىدىن قاچۇرغۇم كەلمىدى ما يېڭى تېلېفوننى،ئايتۇنىسقا ئەپ قىلىپ يوللاپ قويساڭلارغۇ ئالمىدىكىلەر بىلەن كېلىشىپ…قىممەت بولسىمۇ چۈشۈرەتتىم جۇمۇ(چىن كۆڭلىدىن تىلەۋاتقان چىراي)

  2. ئۇنىڭ ئۈچۈن قارلۇقنىڭ ئۆزى ياسىغان ئالمىنىڭ سېستىمىسىغا قوشىۋېتىدىغان نۇسقىسىنى ساقلاش لازىمغۇ دەيمە :evil:
    ئايفوننىڭ بەكرەك مېغىزىنى چاقاي دېسەك تۈرمىگە سولاپ قويمىغان ياخشى جۇما :-D

  3. ھى ھى ھى…بىرىنچىسىنى بەك مېغىزىنى چېقىپ ساراڭ قىلىپ قويمىساممۇ كېسەل قىپ قويغىلى تاس قالغان ئۆزەملا 3 قېتىمدەك قاچۇرۇپ…رەخمەتلىكنى ئەسلەيمەن….قارلۇق قاچان ئالمىنىڭ سېستىمىسىغا قوشىدىغان ئىشنى قىلا؟ بولۇپمۇ ئۇچۇرلارنى سىڭك قىلىدىغان يېرى بەك نوچىتى كومپىيۇتېردىلا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۇچۇر ئويناپ….

  4. تېخنىكىلىق سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىكىمىكەن ياكى نىمىشقا بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ؟ سورىي قۇسۇر تاپقىنىم ئەمەس بەكلا كۆڭۈل بۆلىمەن بۇ ئىشقا….
    رەخمەت.

    • بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. ئىشقىلىپ كۈچ مەنبەسى ئاز بولغان شارائىتتا بىر سېستىمىنى پۈتۈنلەي تەرجىمە قىلىىپ نەشىر قىلدۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇلار ھېلىمۇ كۈچەۋاتىدۇ…

  5. ئۇلارغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن….

  6. بۇ يېڭىلىق راستمۇ ؟ مەن ئىشەنمەيلا قىلىۋاتىمەن. مىنىڭ تېلپۇنۇم نوكىيا 5233 تىپلىق ئەقلىپۇن .مەن بۇ دىتالنى ئىشلىتەلەرمەنمۇ؟

    • تولىمۇ ئەپسۇس. بۇ پەقەت ئايفون ئۈچۈن. ئەقىلفونغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش كونا بوپقالغاندەك ئېسىمدە. بىلىككە بىر قاراپ باقسىڭىز بولىدىغان ئوخشايدۇ.

  7. مېنىڭ تېلفونىمنىڭ سېستىمىسى 4.0.1 .ئىدى،ئاساسى ئېكراندا ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى،لېكىن تەڭشەش نىڭ ئىچىدىكى بىرقىسىم يەرلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.سېستىمىنى كۆتۈرسەم بولغۇدەك قارىغاندا. :cry2:

    • بۇ تېخى پۈتۈن مۇكەممەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئەمەس ئەمەسمۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. بىخلان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ بولاق پەقەت ئايفون 1 گىلا ماس كېلىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ئىنتايىن ئاز يەرلەرنىلا تەرجىمە قىلىپ باققان بولاق. ئۇيغۇرچە فونت نورمال چىرايلىق كۆرۈنگەندۇ ئىشقىلىپ؟

  8. خەتنىڭ كۆرۈنىشى ئىنتايىن چىرايلىق ھەم نورمال.

    • ھە، ھازىرچە مۇشۇ بولسا بولدى دەپ مەنمۇ خەنچە تىلنى تاللىۋالدىم. مېنىڭ بۇنى قاچىلىشىمدىكى مەقسىتىممۇ ئاساسەن ئايفونغا چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت تونىتىش. مانا مۇشۇ ئىنكاسنىمۇ ئايفوندا يېزىۋاتىمەن. خەتلەر شۇنداق چىرايلىق. بۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەرجىمە قىلىنمىغان يەرلەر كۆپ ئىكەن. ئۇ جايلار ئېنگلىزچە چىقىۋالىدىكەن. يەنە كېلىپ نورمال خەتتىكىسى ئەمەس. ھازىرچە مۇشۇنداق ئىشلىتىپ تۇرمايمىزمۇ؟

  9. پاسىبان ئەپەندى يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم
    سىز دىگەن تور بەتكە چىقىپ ئۇيغۇرچە يازسام بولدى لېكىن شۇ بەزى ھەرىپلەرنى قانداق بېسىشنى ئەسكەرتىپ قويماپسىز
    مەسىلەن: ئ ف گ خ ج ۆ مۇشۇ ھەرىپلەرنى قانداق باسىمىز شۇنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم

    • كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى بىلسە بۇنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ دەپ دېمىگەن ئىكەنمەن. سىز دېگەن ھەرپلەرنىڭ ھەممىسىنى كومپىيۇتېردا Shift نى بېسىپ چىقىرىسز، شۇنداققۇ؟ ئايفوندىمۇ ئوخشاش. ئايفوندىكى Shift نىڭ ئىسمى يېزىلمىغان خالاس. ئايفون كونۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرىپىگە قارىسىڭىز ئۈستىگە قارىتىلغان بىر ئىستىرىلكا بار كونۇپكىنى كۆرىسىز. ئاشۇ Shift شۇ. شۇنى 1 بېسىپ قويسىڭىز رەڭ ئۆزگىرەيدۇ. بۇ چاغدا خالىغان كونۇپكىنى باسسىڭىز شۇنى Shift بىلەن باسقان بولىسىز.
      ئ ھەرىپى كومپىيۇتېردا قايسى كونۇپكىدا چىقىدۇ؟ ئايفوندىمۇ ئوخشاش! ئايفون كونۇپكا تاختىسىدىكى 123 دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ نومۇر ۋە تىنىش بەلگىلىرى تاختىسىغا ئالماشتۇرۇپ، يانتۇ سىزىق / نى تېپىپ شۇنى باسسىڭىز بولدى. بۇ تەخمىنەن 2 دېگەن كونۇپكىنىڭ ئاستىدا.

  10. :rose: رەھمەت سىزگە ۋە بارلىق جاپا چەككەنلەرگە، ئۇتۇق سىلەرگە ياربولسۇن

  11. رەھمەت سىزگە ۋە بارلىق جاپا چەككەنلەرگە :rose: ، بۇ ئىشنىڭ پايدىسى كەلگۈسىدە :night: تېخىمۇ زور بولغۇسى
    ئۇتۇق سىلەرگە ياربولسۇن :vict:

  12. پاسىبان ئەپەندى ئايفۇنۇمنىڭ نەشىرىنى 4.2.1غاكۈتۈرگەندىن كېيىن wi-fiسى ياخشى ئىشلىمەيۋاتىدۇ ئامال قىلغۇلى بولامۇ :naive:

  13. بۇرۇن نورمال ئىدى،ھازىر سىگنال قوبوللىشى توۋەنلەپ كەتتى.10مىتردىن يىراق بوپ كەتسىلا سىگنال يوق .دوستۇمنىڭ ئايفۇنىدا سىناو باقتىم ئۇنڭ نورمال :oh,no:

    • ئەگەر يېشىل زەھەرنىڭ RC6 نۇسقىسى بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز RC5 نۇسقىسىنى سىناپ بېقىڭ(سېستىمىنى يېڭىدىن يېزىپ، قايتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەك). RC5 نۇسقىسىدا Wifi سېگنالى ياخشىراق، 3G سېگنالى تۆۋەنرەك ئىكەن.
      10 مېتىر ئىچىدە نورمال ئىشلىگەن بولسا بەك ئىيتىشمىسىڭىزمۇ بولغىدەك. مېنىڭچە مۇشۇنچىلىك ئارىلىق يېتەر. ئوخشاش ئايفون4 تىن ئىككىنى بىر يەرگە قويۇپ، بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان جىق يەرلەرنى ئىنچىكە كۆزەتسىڭىز بايقىيالايسىز. بىر ئانىنىڭ بالىلىرىمۇ ھەر خىل خاراكتىردا بولىدۇ ئەمەسمۇ. ئادەم ياسىغان نەرسىدە ئۇنچىلىك پەرق چوقۇم بولىدۇ. مېنىڭچە ئارتۇقچە ئېچتىياج بولمىسا مۇشۇ ھالەتتە ئىشلىتىۋېرىڭ. قايتا قاچىلاپ تۈرمىدىن قاچۇرىۋېرىش تېلفۇنغا زىيانلىق.

  14. :) رەخمەت سىزگە

  15. 2 3 4 نىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولامۇ ؟ پاسىبان ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى ياردىمىدە تىلفۇنۇمنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ زايا قىلمايدىغان ئەپلەردىن بىرنەچچىنى قاچىلىۋالدىم :razz: كىلەر ئاينىڭ بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ رەسمى تور نى ئىشقا كىرىشتۇرىۋاسام باشقا ئەپلەرنىمۇ بىر بىرلەپ سىناپ باقىمەن

  16. 2 3 4گە PXL ھالىتىدىكى تىل بولىقىنى چۇشۇرۇپ قاچىلاي دىسەم ھۆججەت شەكلى ماس كەلمىگەن ئوخشايدۇ 格式无法识别..دىگەندەك ئۇچۇر چىقىۋالدى..
    تىلفۇنغا ئۇيغۇرچە ئىل كىتاپ قاچىلاش ھەققىدە يول كۆرسەتكەن بوسىڭىز

    • ئەمەلىيەتتە PXL ھۆججىتى ZIP ھۆججىتىگە ئوخشاشلا، لېكىن بىرقانچە بۇيرۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىجرا قىلساقلا ئاپتۇماتىك شۇ بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا سىز چۈشۈرگەن بۇ بولاقنى خالىغان ZIP ھۆججەتلىرىنى ئاچالايدىغان نەرسە بىلەن يېشىڭ. مەسىلەن 360压缩 دېگەندەكلەر بىلەن 解压 قىلسىڭىزلا بولىدۇ. ئىچىدە GeezaPro.ttf ۋە GeezaProBold.ttf دەيدىغان 2 دانە فونت ھۆججىتىنى كۆرىسىز. بۇ 2 فونت ھۆججىتىنى iTools ئارقىلىق /System/Library/Fonts/Cache نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈپ قاپلىۋېتىڭ. ئالماشتۇرامسەن دەپ سورىسا ھەئە دەڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئايفونغا ئۇيغۇرچە فونت قوشۇلغان بولىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلمايدۇ. بۇ بەرىبىر تولۇق تەرجىمە بولمىغاندىكىن ھېچقىسى يوق. ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ. پاسىبان كۇلۇبىنى ئايفوندا زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. خەت ئۆزگىرەپتىمۇ؟
      ئېلكىتاب كۆرۈش ئۇسۇلىنى مەن نەچچە ئاي بۇرۇن بىر يازمىدا تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئادرىسىنى قالدۇراي:
      /20101226398.html

  17. كەمىنە ئۇيغۇربەگ مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلىدى! :razz:

  18. مەن قاچىلىغانتىم لىكىن ھەممىسې ئۆزگەر مىدې نىمە سەۋەب بۇ

  19. تىلفونۇمدا ئۇيغۇرچە توربەت ئاچسام ئۇيغۇرچە خەت بەك قالايمقان قاندا قىلسام بولىدۇ

  20. يەنە بولمىدې
    تۈرمىدىن قاچۇرىش تەسمۇ؟
    مەن ئوزەم بىر قىپ باقاي دىگەن

    • ئوغاۋالىنى! تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ قاچىلايمەن دەپ يۈرگەنما بۇنى؟ تۈرمىدىن قاچۇرمىغان تېلىفۇنغا iTools مۇ ئۇلانمايدۇ. فونتنى قانداق قاچىلىماقچى ئېدىڭىز؟
      تۈرمىدىن قاچۇرماق مۇرەككەپمۇ ئەمەس. لېكىن ئاددىيمۇ ئەمەس. ئامېرىكا نەشىرى يەنى قۇلۇپى بار نەشىرى بولمىسا ئۆزىڭىز سىناپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ماۋۇ بەتتىن ئۆزىڭىزنىڭ تېلىفونىغا ماس كېلىدىغان iOS 4.3.3 نىڭ قاچىلاش بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.
      http://iphone.tgbus.com/software/applesoft/201105/20110505092100.shtml
      چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بەتتىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈڭ
      http://dl.dbank.com/c02tg8uoj9
      ئاندىن بۇ قوراللار ئارقىلىق تۆۋەندىكى يازمىدا ئېيتىلغان ئۇسۇل ئارقىلىق يەشسىڭىز بولىدۇ. يازمىدىكى 4.3.1 نىڭ يېشىش ئۇسۇلى. 4.3.3 نىڭ يېشىش ئۇسۇلى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. لېكىن يېشىدىغان قورال ئوخشىمايدۇ.
      /201104051508.html
      ئەسكەرتىش: تۈرمىدىن قاچۇرۇش خەتىرى بار مەشغۇلات. ھەرخىل خاتالىق سەۋەبىدىن سېستىما بۇزۇلۇپ ئۇچۇرلار يۇيۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە ئىشەنچ قىلالىسىڭىز ئاندىن سىناپ كۆرگەيسىز

  21. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! TXT فوماتىدىكى كىتاپلارنى قانداق قىلغاندا نورمال كورگىلى بولىدۇ؟ ئايفۇن 4 دە قانداق قىلىپ ئايكوننى ئۇيغۇرچە قىلىغىلى بولىدۇ؟

    • App Store دا Easy TXT Reader دەيدىغان بىر ئەپ بار. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغىلى بولىدۇ. باھاسى 0.99 دوللار. ماۋۇ يەردىن يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ
      http://dl.dbank.com/c0ryswruri
      ئايكوننى ئۇيغۇرچە قىلىش دېگىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم. ئىسمىنى دېمەكچىمۇ؟

  22. شۇنداق . تېلىفۇندىكى قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ ئىسمىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە قىلالايمىز.

    • بۇنىCydia غا 威风 نىڭ مەنبەسىنى قوشقان بولسىڭىز ئىزدەيدىغان يەردىن Rename 命名软件 دەپ ئىزىدىسىڭىز چىقىدىغان بىر ئەپ بار. شۇنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. لېكىن بۇنى قاچىلىمىغىنىڭىز ياخشى. سېستىمىغا تەسىرى ياخشى ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئۆزگەرتىمەن دەپ يۈرمەڭ.

  23. بولىدۇ. رەھمەت! :good: :rose: :rose: :rose: :rose: :rose:

  24. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . پاسىبان ئەپەندى مىنىڭ بىر دوستۇم بىرىنچى ئەۋلات ئايفۇندىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدى ،ئايفۇننى بىر-بىرى بىلەن كۆكچىش ئارقىلىق تۇنۇتۇشقا پەقەتلا ئامال بولمىدى مىنىڭ ئايفۇنۇم تۆتىنچى ئەۋلات ئىدى.ئايتۇنىستىن كۆكچىشقا ئائىت دېتاللارنى قاچىلاپ قايتا-قايتا سىناپمۇ تونۇتالمىدىم.بىرەر ئامالى بولسا يول كۆرسەتسىلە بوپتىكەن :welcome: :oh,no: :?:

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئايفوننىڭ كۆكچىشى پەقەت قۇلاقلىق ئۈچۈن ياسالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تونىمايدۇ. ئەگەر Mac كومپىيۇتېرىڭىز بولسا ئايفوننىڭ تورى ئارقىلىق كۆكچىشنىڭ ۋاستىسى بىلەن Mac تە تورغا چىققىلىمۇ بولىدىغۇ دەيمەن. بۇنىڭ كۆكچىشى بەك ئارتۇق ئىشلىدى دېسەك ئايفونلار ئارا رەسىملەرنى ھەمبەھرلەنگىلى بولىدۇ. Cydia دىن ئىزدەپ بېقىڭ.
      ئايفوننىڭ كۆكچىشى بىلەن ھۆججەت ئىۋەتىمەن دېسىڭىز مېنىڭچە ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز. مەن ئىلگىرى ماشىنىدىكى كۆكچىش بىلەن ئۇلىغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ كەمگىچە ئايفوننىڭ كۆكچىشىنى ئېشىپ كەتسە 10 قېتىم ياكى 12 قېتىم ئاچقاندىمەن. شۇڭا دائىم تاقاقلىق تۇرىدۇ. بۇنى ئەڭ ياخشىسى كۆكچىش قۇلاقلىقى بىلەن ئىشلەتكەندە ئېچىڭ. تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر ئەپ يوق. چۈنكى ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا ئالما كۆكچىشنى بۇنىڭ ئۈچۈن ياسىمىغان. بۇ قىلمىش قانۇندىكى بەزى نەرسىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەسمىش.

  25. iPadte qandaq qilghanda kona yeziq tekrarlanmay yezilidighandu? nimish boldi emdi bu yerde kona yeziq chiqmaydu dise :right:

  26. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم~
    سىز يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك مەشغۇلات قىلغان ئىدىم ئەپسۇس تىلفۇن يۈزىدىكى 设置 كۈرۈنمەس بولۇپ قالدى.
    ( PXL قاچىلىغاندىن كىيىن)
    ئامال بولسا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار…

    • بۇ نەرسە 1-ئەۋلاد ئايفوننىڭ iOS 3.x ئۈچۈن ياسالغان. باشقا سېستىمىغا ماس كەلمەيتى. يازمىدىمۇ بۇنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بولۇپمۇ iOS 4.3 نىڭ يۇقىرىسىغا. سىزنىڭ ئۇنداق چاتاق چىققان بولسا سېستىمىنى قايتىدىن يېزىڭ. سېستىما بۇزۇلۇپتۇ.

  27. مەنمۇ مۇشۇنداق مەسىلگە3قېتىم دۇچار بولدۇم،ھەر نوۋەت ئۇيغۇرچە تەرجىمە بولىقىنى قاچىلساملا 设置 يوقاپ كەتتى ،نىمە ئىش زادى ،مۇشۇ توغۇرلۇق تەپسىلى ئىزدىنپ باققان بولساڭلار. مەنمۇ دەلiOS 4.3 كە قاچىلغان ئىدىم. خەتنى چىرايلىقلاشتۇرۇش فونتىنى قاچىلسام نورمال.ئەمما تەرجىمە بولىقىنى قاچىلساملا 设置 يوق. بۇنى قاچىلسا بەزى جايلىرى ئانا تىلغا ئوزگىرىپ باشقىچە تۇيغۇ بىرىدىكەن. مۇشۇ ھەقتە ئۇستاز-قېرىنداشلار بىر ئىزدەنسەڭلا بوپتىكەن. ئەجرىڭلارنى ئاللاھ بەرسۇن. ئامىين…………. :good: :welcome:

    • ئىزدىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ دەسلىۋىدىلا 1-ئەۋلاد ئايفون ئىشلىتىۋاتقان بىخلان ئەپەندى ياسىغان نەرسە. يەنى ئۆزىنىڭ تېلىفونىنىڭ 3.1 لىك سېستىمىسى ئۈچۈن ياسىغان. باشقا نەشىردىكى يېڭى ئايفونلارغا ماس كېلىپ قېلىشى پەقەت بىزنىڭ تەلىيىمىز ئىدى.
      مەن يېقىندا ئۆزۈم 4.3 تىن يۇقىرىسىنى بىر تەرجىمە قىلاي دەپ قارىسام يېڭى سېستىمىنىڭ كودلىرىنى بەكلا مەخپىيەلشتۈرىۋېتىپتۇ. ھېساپلاش ئۇسۇللىرى بۇرۇنقىلىرىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن.
      سىلەر يېڭى كودقا كونا كودنى قوشۇپ قويغىنىڭلار ئۇيغۇرغا كېلىپ نېمىسچە گەپ قىلغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش. ئۇ ئەلۋەتتە نېمە دېگىنىڭلارنى چۈشەنمەيدۇ. خاتالىق كۆرۈلىشى مۇقەررەر. ئەگەر فونت تونۇتماقچى بولساڭلار بۇ ئۇسۇلدىن ۋاز كېچىڭلار. فونت تونىتىش ئۇسۇلى باشقا. بۇ يەردىن كۆرۈڭلار:
      /hezine/comment-page-1#comment-2027
      بۇ يازمىدىكى ئۇسۇل پەقەت بايا ئېيتقاندەك 1-ئەۋلاد ئايفوننىڭ 3.0 سېستىمىسى ئۈچۈن ياسالغان. بۇنى باشقىلار باشقا تېلىفوننىڭ يېڭى سېستىمىسىغا، بولۇپمۇ 4.3 تىن يۇقىرى سېستىمىغا قاچىلىساڭلار چوقۇم چاتاق چىقىدۇ. بۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن. سېستىمىنى قايتا قاچىلىماي ھەل قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش