چاغانلىق سوۋغا سۈپىتىدە AppStore دا 三国塔防-蜀传:Three Kingdoms TD – Legend of Shu نامىدىكى بۇ ئويۇننى ھەقسىز تارقىتپتۇ. ئويۇننىڭ لايىھەلىنىشىدە كۈچلۈك جۇڭگوچە پۇراق بار. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى تارىخقا قىزىقىدىغان ياكى مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا قىزىدىغان ئالمىداشلار سىناپ باقسا بولىدىغان ئويۇن. AppStore دا خېلى ياخشى باھالار بېرىلگەن ئىكەن. يەنە بىر بولىدىغان يېرى – رېتىنا ئېكران قوللايدۇ.
ئويۇندىكى يارقىن ئالاھېدىلىكلەر :
- ئويۇن جۇڭگو تارىخىدىكى داڭلىق ئۈچ پادىشاھلىق قىسسىسى تارىخىىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان بولۇپ، لايىھەدە شۇ دەۋردىكى داڭلىق سانغۇنلارنىڭ خاس ئالاھېدىلىكى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز شۇ سانغۇنلارنىڭ ئالاھېدىلىكى بويىچە دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرىمىز.
- قېلىچ، نەيزە، سوقماق ۋە ياچاق قاتارلىق قوراللار ئارقىلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق قەدىمىيلىك پۇرىقى كۈچەيتىلگەن.
- 12 نەپەر داڭلىق سانغۇنلار بىزنىڭ سېپىمىزدە دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرىشىمىزغا ھەمدەمدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھېدىلىكى بولۇپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك مۇداپىئەگە ئېگە بولىمىز.
- سانغۇنلارنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ
- ئۆتكەلنى يېڭىپ ئۆتكەندىن كىيىن ھەرخىل مۇكاپاتلار بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.
- 21 خىل ئۆتكەل 3 خىل قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن بىزنىڭ يېڭىپ ئۆتىشىمىزگە قالدۇرۇلغان.
بۇ ئويۇننىڭ ئايفوندىن باشقا ئايپەد نۇسقىسىمۇ بار. ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن تاللاپ چۈشىرىۋېلىڭ.
ئويۇن ئىسمى : 三国塔防-蜀传:Three Kingdoms TD – Legend of Shu
ياسىغان شىركەت : Beijing Astepgame Co. Ltd
ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە
چوڭلۇقى : 128 MB
ئايپەد ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ .
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار