مونو ئويۇننىڭ كۆرۈنۈش يۈزى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، مىڭە ئىشلىتىپ ئەقىل سىنايدىغان ئويۇنغا ئامراقلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويسا بولمايدىغان ياخشى تاللىشى. قاۋۇل كەلگەن كۋادرات شەكىللىك ياغاچنى، رامكا ئىچىدىكى قىستا-قىستاڭلار ئارىسىدىن يۆتكەپ ئاستىدىكى تۆشۈكتىن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.
جەمئىي 120 ئۆتكەل بولۇپ، ياسىغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ھەر ئايدا يېڭى ئۆتكەللەرنى ياساپ يېڭىلاپ تۇرىدىكەن. بۇنى ھازىر ھەقسىز چۈشىرىۋالسىڭىز، بۇندىن كىيىن مەڭگۈ ھەقسىز بەھرىمەن بولالايسىز دېگەن گەپ.
يېنىۋېلىش (Undo) كونۇپكىسىمۇ كەم ئەمەس. خاتا مېڭىپ قالسىڭىز بۇنى باسسىڭىز بولىدۇ.
نومۇر ھېساپلىغاندا يۆتكەش قېتىم سانىڭىزنى ھېساپلايدۇ. ئىلاجنىڭ بېرىچە ئارتۇقچە يۆتكەشلەردىن خالىي بولۇشىڭىز كېرەك.
ئويۇن ئىسمى : Get Me Out
ياسىغان شىركەت : Mapiz INC
ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش
چوڭلۇقى : 2.7 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































ئادەمنىڭ ئىچىنى قاينىتىپ
.
بۇ ئوياننىڭ 20-ئۆـتكىلىدىن ئۆتەلىدىڭلارمۇ،قېتىپلام قالدىم شۇ يەردە.
ھەجەپ تەسكىنا بۇ؟ 20-ئۆتكەل ئەمەس 120-سى قىلسا بولغۇدەك. 4~19 غىچە كەتكەن ۋاقىتچىلىك كەتتى. ئاخىرى ئۆتتۈم. ئوتتۇرىدا توغرىسىغا تۇرغان 2 تاللىق ياغاچنى سول تەرەپكە چاپلاپ سۈرىۋەتمەي 1 يۆتكەپ ئوتتۇرىغا ئەكىلىپ باشلاڭ. ئىلاج قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇششاق 4 تالنى پەسكە چۈشۈرسەكلا بولىدىكەن.
مەن 14.نجى ئۆتكەلدىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆتەلمىدىم.
توۋا……ھەيران بولىۋاتىمەن دىسە يانفۇنۇم بۇيەرگە خەتنى
ئۇيغۇرچە يېزىۋاتىدۇ دىسە،!!!!
پاسىبان ئەپەندى، يانفۇنغف فونت تۇنۇتمىسىمۇ بۇيەر گە خەتنى ئۇيغۇرچە يازغىلى
بولىدىكەن ھە.!!!!
ھەئە. ئېنگلىزچە كونۇپكىنى باسساق ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدۇ. بۇ input.js نىڭ ئىشى. يازغىلى بولىدۇ، لېكىن ئەرەپچە فونتتەك كۆرىنىدۇ. قولاي بولغاندىكىن مەن دېگەن ئۇسۇل ئارقىلىق تونىتىۋالسىڭىز تېخىمۇ چىرايلىق كۆرىنىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
پاسىبان ئەپەندى يانفۇنغا فونت تۇنۇتۇش ئۈچۈن چۇقۇم 91چۇماقچىسىغا ئۇلاش كىرەكمۇ؟
مە ن يانفۇننى91گە ئۇلىسام بىر چىشلىۋالغان باش قوناقتەك برنمە چقىۋالدوُ
مۈمكىن بولسا ئغىر كۆرمەي فونت قاچىلاش جەريانىنى سۈرەتلىك قىلىپ يوللا قويغان بولسىلا تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم
ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ لازىملىق ياماقنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئاندىن 91 غا ئۇلىغىلى بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئايفوننى ئۇلىغىلى بولمايدۇ. سىز تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئوخشايسىز. كۆرۈنگىنى قوناق ئەمەس ئاناناستۇ؟
پاسىبان ئەپەندى. سۇئاللىرىمغا زىرىكمەي جاۋاپ بەرگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. مەن خوتەن كېريە دىن بولىمەن. ئەگەر خوتەندە بولغان بولسىڭىز سىزنى ئاتايىن ئزدەپ بارار ئىدىم.
مەن خوتەندە ئەمەس
قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش بولسىلا تارتىنماي سورىسىڭىز ئېرىنمەي جاۋاب بېرىمەن.