بۈگۈن سەھەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە شۈك بوپقالدىم. كاللامدا، ستېۋ جوبس ئەمدى قېرىپتۇ. ئەمدىلىكتە خىزمىتىدىن ھەقىقىي ئىستىپا بېرىپتۇ. ئالمىنىڭ يېڭى ئېراسى باشلىنىدىغان بوپتۇدە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
تۆۋەندىكىسى سىتىۋ جوبسنىڭ ئىستىپانامىسىنىڭ مەزمۇنى:
ئالما مۇدىرىيىتىگە:
مەن ئىلگىرى سىلەرگە مەن ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپەمنى ئادا قىلالمايدىغان ۋاقىتتا تۇنجى بولۇپ سىلەرنى خەۋەردار قىلىمەن، دېگەن ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ كۈن يېتىپ كەلدى. مەن ھازىر، ئۆزۈمنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا سورايدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن. ئەگەر مۇدىرىيەت قوشۇلسا، مەن مۇدىرىيەت رەئىسى بولۇپ يەنە ئالمىدا خىزمەت قىلىمەن. يېڭى ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مەن ئىلگىرىكى پىلانىمىز بويىچە تىم . كوكنى تەيىنلەشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئىشىنىمەن، ئالمىنىڭ كەلگۈسى – يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئېگە ۋە ئەقىللىق كوكنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ پارلاق. مەن كوكنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئالمىنىڭ كەلگۈسىدىكى غەلبىسىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن. شۇنداقلا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنىنى بېغىشلايمەن.
مەن ئالمىدا ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئەزىز دوستلارنى ئۇچراتتىم. سىلەر بىلەن شۇنچە يىل بىللە خىزمەت قىلالىغىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن. سىلەرگە رەھمەت!
ستېۋ جوبسنىڭ قىسقىچە ھاياتى
ستىۋ . پاۋل . جوبس (Steve Paul Jobs) بۇ تارىخى شەخس 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سان-فرانسىسكودا تۇغۇلغان. بۇ يىل 56 ياش. ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى. ئىلگىرى پىكسار كارتون ستۇدىيىسىنى قۇرغان ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2006-يىلى پىكسارنى دېسنىي سېتىۋالغان بولسىمۇ ھېلىھەم مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە ئەڭ چوڭ شەخسىي پايچىكى. Macintosh, iPod, iPhone, iPad قاتارلىق دۇنيانى زىلزىلگە سالغان دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجادچىسى.
1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، پولشادىكى ئالىي مەكتەپتە پەقەت 1 مەۋسۇم ئوقۇغان.
1974-يىلى جوبس بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنى لايىھەلەيدىغان خىزمەت تاپقان.
1976-يىلى جوبس 21 يېشىدا 26 ياشلىق ستىفىن ۋوزناك (Stephen Gary Wozniak) بىلەن بىللە جوبسنىڭ ئۆيىدىكى ماشىنا ئامبىرىدا ئالما شىركىتىنى قۇرىدۇ. ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
1996-يىلىغا كەلگەندە جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىدىن قايتىپ كېلىدۇ. 1997-يىلى 9-ئايدا جوبس قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىدۇ.
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جوبس ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى
1977-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالما شىركىتى رويىخەتكە ئېلىنىپ رەسمى قۇرۇلدى.
1980-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋال كوچىسىدا پاي چېكى بازارغا سېلىندى.
1983-يىلى ستېۋ جوبس بار ھاياتى كۈچىنى سەرپ قىلىپ شەخسلەر كومپىيۇتېر تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى.
1984-يىلى تۇنجى Mac كومپىيۇتېر بازارغا سېلىندى.
1985-يىلى NeXT شىركىتى قۇرۇلدى.
1986-يىلى جوبس Pixar نى قۇردى.
1993-يىلى NeXT نىڭ قاتتىق دېتال بۆلۈمى تاقالدى.
1995-يىلى ئويۇنچۇقلار ھېكايىسى دېگەن كارتون فىلىمنىڭ قاتتىق داڭقى چىقىپ كەتتى.
1996-يىلى ئالما شىركىتى NeXT نى سېتىۋېلىپ، جوبسنى ئالمىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى.
1997-يىلى جوبس قايتىدىن ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدرىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى.
1998-يىلى iMac ئامېرىكا بازىرىدىكى كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان شەخسلەر كومپىيۇتېرى بوپقالدى.
1999-يىلى ئالما شىركىتى iBook، G4 ۋە iMacDV نى بازارغا سالدى.
200-يىلى ئالما شىركىتى چوڭ زىيات تارتتى. پاي چېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى.
2001-يىلى تۈز ئېكرانلىق iMac بازارغا سېلىنىپ، 3 يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنغان كونا نۇسقىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى.
2002-يىلى iPod نىڭ 2-ئەۋلاد نۇسقىسى بازارغا سېلىنىپ، Touch wheel دېگەن يېڭىچە بارماق سېزىش تېخنىكىسى بىلەن ياسالدى.
2003-يىلى تۇنجى 64 لىك شەخسلەر كومپىيۇتېرى Apple PowerMac G5 بازارغا سېلىندى.
2003-يىلى 3-ئەۋلاد iPod بازارغا سېلىندى. بىرلا ۋاقىتتا PC ۋە Mac نى قوللايدىغان بولدى. شۇنداقلا Firewire ئارقىلىق چاتمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.
2004-يىلى جوبس ئاشقازان ئاستى بېزى راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. ئالمىنىڭ پاي چېكى بازىرىدا يەنە چوڭ داۋالغۇش بولدى.
2004-يىلى iPod نىڭ 4-ئەۋلاد نۇسقىسى ئېلان قىلىنىپ، كىچىك iPod Mini دىكى Click Wheel تېخنىكىسى قوللىنىلدى.
2005-يىلى جوبس كېلەر قېتىمقى كومپىيۇتېردا intel CPU ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2005-يىلى 5-ئەۋلاد iPod ئېلان قىلىندى.
2005-يىلى iPod nano دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتايىن نىپىز بولغان مۇزىكا قويغۇچ بازارغا سېلىندى.
2006-يىلى جوبس تۇنجى intel CPU ئىشلىتىلگەن iMac ۋە MacBook Pro نى بازارغا سالدى.
2006-يىلى 2-ئەۋلاد iPod nano ۋە iPod shuffle بازارغا سېلىندى.
2007-يىلى 3-ئەۋلاد iPod nano بازارغا سېلىندى.
2007-يىلى ستىۋ جوبس iPhone ۋە يېڭىچە iPod نى ئېلان قىلدى.
2008-يىلى جوبس دۇنيادىكى ئەڭ نىپىز بولغان لەپتوپ MacBook Air نى ئېلان قىلدى.
2008-يىلى 3G تورىنى قوللايدىغان يېڭىچە ئايفون 2 بازارغا سېلىندى.
2008-يىلى 4-ئەۋلاد iPod nano ۋە iPod touch 2 نى ئېلان قىلدى.
2008-يىلى يىپيىڭى لايىھەدىكى MacBook ۋە MacBook Pro ئېلان قىلىندى. 24 سۇڭلۇق Apple LED Cinema Display ئېلان قىلىندى.
2009-يىلى 17 سۇڭلۇق MacBook Pro لەپتوپ بازارغا سېلىندى.
2009-يىلى 2-ئەۋلاد ئايفوننىڭ سۈرئېتى 2 ھەسسە تىزلىتىلىپ 3-ئەۋلاد iPhone 3GS ئېلان قىلىندى.
2009-يىلى يىپيېڭى iPod shuffle ، iMac ، Mac mini، Mac Pro ئېلان قىلىندى.
2010-يىلى تاختا كومپىيۇتېر iPad ئېلان قىلىندى.
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى WWDC دا جوبس iPhone 4 نى ئېلان قىلدى. ئېكران چوڭلۇقى بۇرۇنقى 320*480 تىن 2 ھەسسە چوڭايتىلىپ 640*960 كە يەتكۈزۈلدى.
2001-يىلى 3-ئايدا iPad 2 ئېلان قىلىندى.
دىققەت قىلساق ھەر يىلى بىر يېڭىلىق. 2~3 يىلدا بۆسۈش خاراكتىرلىق يېڭى بىر مەھسۇلات. ئالمىنىڭ بۇ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۇلارنىڭ «باش رېژىسسورى» ستىۋ جوبستىن ھەرگىزمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئالمىنىڭ جوبس دەۋرى ئاياغلىشىپ كوك دەۋرى باشلانغۇدەك. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟ ئەمدى ئالما يەنە بۇرۇنقىدەك مۇشۇنداق زور نەتىجىلەر بىلەن داۋام ئېتەلەمدۇ؟ بىزگە يەنە مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىن ئېتەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ تېنىمىزدا جېنىمىزدا ئامان قىلسىلا بۇ كۈنلەرنىمۇ كۆرەرمىز.









































تەلەپچانلىقى بىلەن ئىقتىسادچانلىغى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ،بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۆگىنىشىگە بەك ئەرزىيدۇ.لاھىيگە بولغان قاتتىق تەلەپ ئارقىلىق ئاددى بىر ئۈسكۈنىلەرنىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشتۈرەلىدى.ئەمەلىيەتتە ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇنچە سىرلىقمۇ ئەمەس.پەقەت لاھىيە كۆركەم،قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى.كىشىلەرنىڭ يانچۇقتىكى پۇلىنى خەجلىتىش ۋە رازى قىلىش پىسخىكىسىنى ئالاھىدە ئىگىللىگەن.دۇنيا تارىخىدا تېخى بىر مەھسۇلاتقا ئېلان ئۈچۈن پۇل خەجلىمەي ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشنى مۇشۇ بېخىلدىن باشقا ھىچكىم ئىشقا ئاشۇرالىغان ئەمەس.
بۇ ئادەمگە ھەقىقەتەن قول قويىمەن، بۇ ئادەمنىڭ كىسىلى قانداق بولغاندۇ، خۇددى مەن بۇ ئالىمنى ئەتىلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىمەن، ئەمدى ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئۇنىڭدەك ئالىملارغا تۆھپىكارلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ساغلاملىق تىلەيمىز!