WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئالمىدا يېڭىلىقلار خېلى كۆپ بولىۋاتىدۇ. خەۋەرلەردە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئىسمىنىڭ iPhone 4S دەپ بېكىتىلىپ بولغىنىنى ئېيتىشىۋاتىدۇ. شۇڭا سىرتقى كۆرىنىشى خۇددى iPhone 3G بىلەن 3GS ئوخشىغاندەك iPhone 4 بىلەن 4S نىڭمۇ ئوخشايدىكەن.
ئۈستىدىكى رەسىمدىكىسى iPhone 4S بىلەن iPhone 4 نىڭ بىرگە تارتقان سىرتقى قېپىنىڭ سۈرىتى ئىكەن. بۇ رەسىمنىڭ راس-يالغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمىسەكمۇ، سۈرەتتىكى يېڭى قاپنىڭ سىپتىلىقىغا قاراپ ئالمىنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن iPhone 4S نىڭ ھازىرقى iPhone 4 بىلەن سىرتقى كۆرۈنىشە ئوخشاشلىققا ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
5-ئەۋلاد ئايفوندا 8 مېگاپىكسېللىق كامېرا قوللىنىلىدۇ.
تەيۋەندىكى بىر ئىلىكترون شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ شىركەت ئالما تەرەپنىڭ 8 مېگاپىكسېللىق كامىراغا ئىشلىتىدىغان بىر خىل زاپچاسنىڭ زاكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇلار ھازىر ئىشلەشكە كىرىشىپتۇدەك. كىيىنكى ئەۋلادنىڭ ئىسمى مەيلى iPhone 4S بولسۇن، ياكى iPhone 5 بولسۇن، ئىشقىلىپ 8 مېگاپىكسېللىق كامېرا ئىشلىتىشى ئېنىقكەن.
شىركەتنىڭ چوڭ پېيىغا ئېگە بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە يېقىندىن بۇيان پەقەت ئالمىلا ئەمەس، NOKIA، SAMSUNG ، HTC قاتارلىق باشقا شىركەتلەرمۇ 8 مېگاپىكسېللىق كامىرا زاپچاسلىرىنىڭ زاكاسلىرى كۆپەيگەن. بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە 2012-يىلغا كەلگەندە بازاردىكى ئاساسى ئېقىم 8 مىگاپىكسېللىق كامىرا بولغۇدەك.
بىر قانچە مەزگىلدىكى بىلگەنلىرىمىزگە ئاساسەن ھازىر كېسىپ ئېيتالايدىغىنىمىز شۇكى، (iPhone 4S (5 چوقۇم iOS 5 قاچىلىنىپ ياسىلىدۇ؛ A5 CPU ئىشلىتىلىدۇ؛ 8 مېگاپىكسېللىق كامېرا قوللىنىلىدۇ؛ سىرتقى كۆرىنىشى iPhone 4 بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ؛ ئۇنداقتا نەچچە ئايدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغان 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىزگە يەنە قانداق يېڭىلىقلار بار؟
iPhone 4 تە 1080P لىك سىننى قويغان بولساق iPhone 5 تە 1080P لىك سىن ئالالايمىز!
iPad 2 ئېلان قىلىنغاندا 1080P لىك سىننى راۋان قويالمىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى. ھەتتا iTunes تىمۇ 720P دىن يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى سىننى سۈزىۋالىدىكەنمىش. ئەسلى بۇ ئالمىنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئىشلەتكەن چەكلەش كودىنىڭ ھاسىلى بولۇپ، iOS 5 تە iPad 2 ئەمەس، A4 CPU قويۇلغان iPhone 4 مۇ، ھەتتا iPod touch 1 دىمۇ 1080P لىك سىننى راۋان قويالىغان. بۇ كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندىرىدىغان ئىش.
iOS 5 نىڭ سىناق نۇسقىسى ئاچقۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلەندى. نەچچە كۈنلۈك سىناپ ئىشلىتىش جەريانىدا بىر پروگراممىر iOS 5 تە 1080P لىك سىننى چىقىرىش ئالاھېدىلىكىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ 1080P لىك سىننى ئالالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 8 مېگاپىكسېللىق كامىرا بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغانىكەن ئۈستىدىكى گۇمانمۇ كۈچكە ئېگە بولغان بولىدۇ.
نۆۋەتتە يېڭى سېستىما قاچىلىنىپ 1080P لىك سىن قويۇش سىناق قىلىنغان نەرسىلەردىن iPhone 4، iPad, iPad 2 ۋە iPod Touch 4 لار بار بولۇپ، ھەممىسىدە ناھايىتى راۋان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىلگىرى ئالما شىركىتى iOS كە چەكلەش كودى قوشۇش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى قەستەن يوشۇرغان بولۇپ، كىيىنكى قەدەمدە يېڭىلاشقا ئازراق بوشلۇق قويۇلغان ئىكەن. مۇشۇنداق سۈزۈك فىلىمنى قويالايدىغان نەرسىنى قولىمىزدا يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋېتىپمۇ پايدىلىنالماپتۇق، بۇ بەكلا ئىسراپچىلىقمۇ قانداق؟
ئالما شىركىتى iCloud ئۈچۈن سوتقا چىقتى
WWDC 2011 يىغىنىدا ئالما شىركىتى جار سېلىپ ئېلان قىلغان iCloud دېگەن بۇ نەرسىنى ئاڭلىغان ئىدۇققۇ دەيمەن؟ ئالما بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن icloud.com دېگەن تور نامىنى نۇرغۇن پۇلغا شىۋىتسارىيەدىكى بىر شىركەتتىن سېتىۋالغان ئىكەن. لېكىن چاتاق يېرى بۇلار ئامېرىكىدا مۇشۇنداق نامدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بىرەر ماركا بارمۇ يوق ئويلىشىپ كۆرمىگەن. iCloud Communication دېگەن بۇ تېلېگىراف شىركىتى ئەمدى قوپۇپ ئالما ئۈستىدىن ماركا ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ ئەرز سۇنغان.
iCloud Communication بولسا 2005-يىلى قۇرۇلغان ئالاقە شىركىتى بولۇپ، شۇ يىلىلا ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا بېرىپ ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئىكەن. ئالما بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىرىشكەن چاغدا پەقەت تور نامىنىلا سېتىۋېلىپ باشقا جەھەتلەردە كۆپ باش قاتۇرمىغان بولسا كېرەك. ئاقىۋەت بۇ خىل ئاۋارىچىلىق يۈز بېرىپتۇ. ئەڭ چاتاق يېرى بۇ شىركەتمۇ توردا بوشلۇق تەمىنلەش خاراكتىرىدە مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ دەل ئالما شىركىتىنىڭ iCloud بىلەن ئوخشاش تۈردە ئىدى.
iCloud Communication شىركىتى كىچىكمۇ ئەمەسكەن. ئۇلار سوتتا ئالمىنىڭ ئۇلارغا ئېنىق قىلىپ مانچە پۇل تۆلەم تۆلىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلمىغان. پەقەت بۇ ماركىنى بۇندىن كىيىن قوللانماسلىقىنى، iCloud بىلەن ناملانغان بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاخىرىدا ئالما شىركىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەكلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن.
بۇ ئىشتا گەرچە ئالما تەرەپ iCloud Communication شىركىتىگە بىر پاتمان پۇلنى تۆلەپ ھەل قىلغان تەقدىردىمۇ iCloud نىڭ يوقىلىشى ئالما ئۈچۈن چوڭ يوقىتىشتە؟ بۇ سوتنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ بۇ ئالمىنى تولىمۇ ساراسىمگە سالىدىغان بىر ئىش بوپتۇ…









































ئوووو ھەر قانداق بىر داڭلىق ماركا داڭلىق بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەگرى توقاي يولنى باسىدۇ ئىنىق … ئالمىمۇ شۇ . پەقەت بەرداشلىق بىرەلىسىلا …لىكىن زە ئالما خۇجايىنىنىڭ سالامەتلىكى قانداق بولاكىنتاڭ …
1080P لىك سىننى چەكلەش كودى!؟ ھەي ما خەقنىڭ ئىشلىرىنى…بۇمۇ ئىشلەتكۈچىلەر ئالدىرىماي خوش بولىۋالسۇن دەپ قىلغان ئىشلىرىكەندە؟
مانىمۇ كورۇپبىقىڭلا مانداق
http://v.youku.com/v_show/id_XMjQ5NDI1NDA4.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم ..ياخشىمۇسىز.
سىز ئالما توغورلۇق يىڭىلىقلار نى سۆزلەۋاتقاندا تىمىغا مۇناسىۋەتسىز كونا سۇئالدىن بىرنى سوراي
لىكىن بۇ مۇ مەن ئۈچۈن يڭىلىق…
ئالما تىلفۇنىغا ھەقلىق ئەپلەرنى قاچىلىماقچى بولساق iTunes ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قاچىلىساقلا بولامدۇ؟ بۇنىڭ ھەققىنى قايسى ئۇسۇلدا تاپشۇرىمىز..مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەسىڭىز
بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز نەرسىلەرنى سېتىۋالغانغا ئوخشاشلا مەشغۇلات قىلىمىز. ھەقلىق نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتا بولىشى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىز قولاي. App Store 代购 دەپ ئىزدىسىڭىز ساماندەك تاپىدۇ