توپ قۇرۇلغان 2 كۈندىن بۇيان توپقا قوشۇلغان دوسلارنىڭ سانى 40 قا يەتتى. بۇ توپقا كۇلۇبىمىزدىكى ئايفون، ماشىنا، فوتوگرافىيە ھەۋەسكارلىرى يىغىلغان بولۇپ، قىزىقىشىمىزدا ئورتاقلىق بولغان دوسلارنى، ئورتاق پىكىردىكىلەرنى بىر يەرگە يىغىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان. قوشۇلغان بارلىق دوسلار ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئىززەت-ئېكرام بىلەن چىرايلىق مۇنازىرىلىشىشى كېرەك. ئەخلاقسىز سۆزلەرنى ۋە رەسىملەرنى يوللىغۇچىلار بىردەك توپتىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. مەدەنىي تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ULY نى قوللىنىڭ.
تۆۋەندە توپقا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن بىرقانچە پايدىلىق ئەسكەرتمە ئېيتىپ ئۆتەي. مۇشۇ توپنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن 4 مېنۇت ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ چىقىڭ.
1. iDevice (ئايفون، ئايپەد، ئايپود تاچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومومى ئاتىلىشى) ئىشلەتكۈچىگە تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرماي ئەسلى ھالەت بويىچە ئىشلەتسىڭىز سىزنىڭ ئۈسكىنىڭىزدىن ئاسانلىقچە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. كۆپ سۇئال سوراشتىن، ئۆزىڭىزگە كۆپ باش ئاغرىق تېپىۋېلىشتىن خالىي بولالايسىز.
2. ئىشلىتىش جەريانىدايولۇققان مەسىلىلەرنى 百度 ياكى گوگلدىن ئىزدەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھەرقانداق بىرەر خاتالىق ئۇچۇرى چىققان بولسا، دەل شۇ ئۇچۇرنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش ماتورلىرىغا يېزىپ ئىزدىسىڭىز weiphone.com ياكى ptbus.com دېگەندەك چوڭ ئايفون مۇنبەرلىرىدىن جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدا ئەڭ تېز جاۋابقا ئېرىشىسىز. ئەگەر زادى تاپالمىسىڭىز ئاندىن بىزدىن ياردەم سوراڭ. بىز ئۆزىمىز بىلسەك بىلگەنچە، بىلمىسەك سىزگە ئوخشاشلا توردىن ئىزدەپ بېقىپ جاۋاب بېرىشقا تېرىشىمىز. باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ياشاشقا كۆنۈپ قالماڭ.
3. زادى تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دېسىڭىز ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى. لېكىن ئەزەلدىن ئېيتىپ كېلىۋاتقان تەشەببۇس شۇكى، 91 غا ئوخشاش ئەخلەت چوماقچىلارنى ئىشلەتمەڭ. مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەڭ دېسە يەنە ئىشلىتىپ، 2 كۈندە ئايفون ئۇنداق بوپقالدى، مۇنداق بوپقالدى دېسىڭىز، سىزگە كىشىنى مەسخىرە قىلغاندەك تۇيۇلمامدۇ؟ بۇ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئايفونىڭىزنى بۇزىدۇ دېسە يەنە كارىڭىز بولمىسا، باشقىلارنىڭمۇ سىز بىلەن كارى بولغۇسى كەلمەيدۇ. مانا مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمىدىن قاچۇرغان بولساقمۇ ئايفوندىن ھىچقانداق چاتاق چىقىپ باقماي شۇنداق راۋان ئىشلەپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى مەن 91 دىن يىراق تۇرىمەن. شۇڭا مەيلى ئەپ قاچىلاڭ، مەيلى مۇزىكا، مەيلى باشقا …… ھەممىنى iTunes ئارقىلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. باشقا ئېھتىياجنى iTools قا قالدۇرسىڭىز بولدى.
4. يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئاتايىتىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا كاپشىپ چۈشەندۈرگەن بىر دەرسلىك بار(ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ). iDevice ئىشلەتكۈچى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن جىم ئولتۇرۇپ تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقىڭ. بۇ مېنىڭ ئەجرىمنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىزلا بولۇپ قالماي، سىزنىڭ نۇرغۇن سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب تېپىپ بېرىدۇ. مۇشۇ يېرىم سائەت ئىچىدە سىز كۆپ بىلىملەرگە ئېگە بولىۋالىسىز.
5. ئالدىراقسانلىق بىلەن سۇئال سوراشقا ئالدىرىماڭ. چۈنكى ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىش-ھەرىكىتى بولىشى مۇمكىن. سىزگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالماسلىقى، سۇئالىڭىز جاۋابسىز قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىرىپ «خەزىنە» سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈڭ. شۇ جايدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىز بىلگەن بىرەر ياخشى ئەپ، ياخشى قورال ۋەياكى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان نەرسىلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يەر ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ.
6. توپتىكى ئىسمىڭىزنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ پاسىبان كۇلۇبىدا ۋەياكى تور دۇنياسىدا دائىم قوللىنىدىغان نامىڭىزغا ئۆزگەرتىۋېلىڭ. بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ سىزنى ئېسىدە تۇتىۋېلىشىغا پايدىسى تېگىدۇ.
7. توپتا ULY ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ULY بولسا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى Uyghur Latin Yeziqi نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى. تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ماس ھەرپلەرنى تېپىۋېلىڭ:
ULY توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ.
ئەگەر يەنە كۇلۇبىمىزدىن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ۋە ياكى چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭ. ئاللاھ خالىسا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشكە تېرىشىمەن.
پاسىبان كۇلۇبى QQ توپ نومۇرى: 114977078
مۇناسىۋەتلىك يازما : /pasiban-qq-group.html









































494651871
http://goo.gl/2LRgQ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەن توپقا قېتىلاي دەپ : بۇ “ 114977078 “ نۇمۇرنى ئىزدەتسەم پاسىبان كۇلۇبى دەپ چىقماستىن ، 无柳书生 ، ئورنى 山东- 济南 دەپ چىقىۋاتىدۇ يا ؟
ئىسىم راس شۇنداقمۇ يا نۇمۇردا خاتالىق بارمۇ ؟
دوست قوشىدىغان جايدىن ئىزدىمەيمىز، توپ ئىزدەيدىغان يەرنى بېسىپ ئىزدەيمىز. ما تېمىدا رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشى بار
http://goo.gl/2LRgQ
چ چ نۇمۇر خاتا بولوپ قاپتۇ’
پاسىبان ئەپەندى مىنى توپ قا قوشڭۋەتمىدىڭىزغۇ
توپ نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ئۆزىڭىز شۇ نومۇر بويىچە ئىزدەپ تېپىپ قېتىلىۋالمامسىز؟ ئىلتىماس ئىۋەتسىڭىز ئاندىن تەستىقلىۋەتمەمدىمەن. پالانچىنى قوشۇپ قويە دەپلا قوشقىلى بولمايدۇ ئۇنىڭغا
ئەسسالام ! مەنمۇ قوشۇلىشنى ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم !