iOS 5 تىكى بەزى يېڭىلىقلارنى ئالدىنقى تېمىمىزدا بىر قاتار ئېيتىپ ئۆتكەن ئېدۇق. ئىلشىتىپ كۆرۈش ماڭا تېخى نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئۇيەر-بۇيەرلەردىن تولا ئاڭلاپ، تولا كۆرۈپ كەتتىم. سىناق باسقۇچى ئاخىرلىشىپ ھەقىقى نۇسقىسى تارقىتىلسىمۇ ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون بولغانلىقتىن دەرھال قاچىلىيالماسلىقىمىز مۇمكىن. ئۇ چاغقىچە سىناپ كۆرگەنلەرنىڭ ئايفونىنى كۆرگەچ تۇرايلى.

ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون دېگەن شۇدە… يېڭى سېستىما چىقسا تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغۇچە ساقلاپ تۇرمىساق تېخى. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندىمۇ يەنە مودىم نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يېڭىلىغۇچىمۇ يۈرەك پوك-پوك … مۇشۇ نەچچە يۈز يۈەننىڭ كۆزىگە قارىمىساق شىياڭگاڭ نۇسقىسى ياكى جۇڭگو نۇسقىسىنى ئالغانمۇ ياخشىكەن دەپ قالىمەن. يېڭى نەشىرى چىقىپ بولغۇچە قورقماي يېڭىلاپ Fresh لەردىن تېتىغاچ تۇراتتۇق. ناھايىتى كەلسە تۈرمىدىن قاچۇرماي بىر مەزگىل ئىشلىتىدىغان گەپ شۇ.

خوش، سەل قۇرۇق گەپ سېتىپ قالدىم. نېمە يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئالدىنقى تېمىمىزدا تەپسىلىي ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. يەنە قايتا دەپ ئولتۇرماي. تۆۋەندىكىسى iOS 5 نىڭ ئالما ئورگان تەرەپ تونۇشتۇرغان فىلىمى ئىكەن. ئاستىدا خەنزۇچە خېتى بار. بۇنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى.

بۇنى كۆرۈپ بولغان بولساق ئەمەلىي سىناقتىن بىرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. تۆۋەندىكىسى 3-ئەۋلاد ئايفون (iPhone 3GS) بىلەن iPhone 4  نىڭ iOS 5 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى سېلىشتۇرما سىنىقى ئىكەن. كۆرۈپ ئۆتەيلى

يەنە سىزنىڭ قانداق ئەمەلىي سىناق تەجرىبىلىرىڭىز بار؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



10 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. راسلا پەيزى جۇمۇ بۈگۈن دىۋانغا ئۈلگۈرۈپتىمەن. :lol:

  2. ما تىمىلانى تۆمە قىلىپ دىۋانچىلا ما تىمىغا ئۇلگۇرەلمەپتۇدە ھە …

  3. يانا ئاشماپتۇ ھە بىزگە… :-|
    ئۇخلىماي سىكونتىغا بىر قىتىم يىڭىلاپ ئاچىدىغان گەپمىكى. :-?

  4. خىلىبولىدىكەن ھە :bingo:

  5. پاسىبان ئەپەندىم مەن ئىلىخەت كە بىرنەرسە يوللىغانتىم تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمى كىن بىلمىدىم ؟

  6. مەن ئايفۇنۇمنى لېەنتوڭ شىر كىتىدىن ئالغان 5880 گە بۇ ئامرىكا نۇسخىسى ئەمەستۇ… مىنىڭ ئايفۇنۇمدا سىناپ باقامدۇق يا….

  7. سىستىمىنىڭ چۇشۇرۇش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ..ياكى سىستىمىنى يىڭىلاشقا يول كۆرسىتىڭ.. مەن ئايفونغا يىڭىياچى..

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش