ئايفون 4 – ئايفون ئىشلىتىپ باقمىغانلار ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى كونا نەشىردىكى ئايفون ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭمۇ ئىشلەتكۈسى كېلىدىغان ئاجايىپ سۈزۈك ئېكرانغا ئېگە. ئايفون بىلگىنىمىزدەك ئىنتايىن خاسلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئېگە بولغان، ئەڭ مۇھىمى قاچىلايدىغان پروگرامما ۋە ئويۇنلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ۋە سەرخىل ئىكەنلىكى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاللىشى بولىۋاتقان كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئېگە يان تېلىفۇندۇر. ئەگەر ئايفون 4 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇ جايلاردىكى ئالاھېدىلىكلەرنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر تېخى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز تېمىنى ئايفوننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش سۈپىتىدە چۈشىنىڭ.
قارا چېكىت قويۇلغان بۇ يەرنى سىز ئېلخەت، قىسقا ئۇچۇر، تېلفۇن دەپتىرى ۋە تور بەت زىيارەت قىلغۇچە چەكسىڭىز، بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە سۈرۈپ بېرىدۇ. قولىڭىز بىلەن بەتنى سىيرىپ پەسكە چۈشۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىر قەدەر كۆپ ئېلخەت ۋە قىسقا ئۇچۇر بار چاغدا بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن قولاي.
ئايفون 4 نىڭ ئىككى خىل تەگلىك تەڭشەيدىغان جايى بار. بىرى قۇلۇپنى ئېچىشتىلا كۆرىنىدىغان قارشى ئېلىش بېتى تەگلىكى، يەنە بىرى ئاساسى بەت تەگلىكى. سىز 设置 دىن 墙纸 نى بېسىپ كىرىپ، تەگلىك تاللاپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر تىزىملىك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن قايسىسىغا تەگلىك قىلىدىغانلىقىڭىزنى تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر ئىككىلىسىگە ئىشلىتىمەن، دېگەن يېرىمۇ بار.
سىز خەرىتە كۆرىۋاتقاندا خالىغان جاينى قولىڭىز بىلەن بېسىپ قويۇپ بەرمىسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكىدەك يىڭنە پەيدا بولىدۇ. بۇ بەلگە بىلەن سىز بۇ جاينى تىز سۈرئەتتە تېپىشىڭىزغا قولايلىق بولىدۇ. بۇ يىڭنىنى بېسىپ يېقىن ئەتراپتىن ھەرخىل ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە بولىدۇ.
سىز ئايفون 3 ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز بۇ مەسىلىگە ئۇچراپ باققان. مەن ئىلگىرىكى تېلفۇندا يوتقاندا يېتىپ تۇرۇپ تور بەت كۆرگىنىمدە بۇ خىل ئاۋارىچىلىققا تولا يولۇقاتتىم. ئايفوننىڭ ئېغىرلىق كۈچى سەزگۈچىسى ئېكراننى يانتۇ قىلسىڭىز كۆرۈنۈشنىمۇ يانتۇ قىلىدىغان ئىقتىدارى بولغاچقا، يېتىپ تۇرۇپ تور بەت كۆرۈشكە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلەتتى. بۇ مەسىلە ئايفوننىڭ 4.0 سېستىمىسىدىن كىيىن ھەل قىلىندى. HOME كونۇپكىسىنى ئىككى قېتىم باسسىڭىز ئارقا سۇپىدىكى ئىجرا بولىۋاتقان ئەپلەر كۆرىنىدۇ. بۇنى سىز سول تەرەپكە سۈرۈپ
ئوڭدىكى بۇ جاينى تېپىڭ. بۇ ئايفوننىڭ ئېغىرلىق سەزگۈچىنىڭ قۇلۇپى. بۇنى بىر چېكىپ قۇلۇپ سېلىۋېتىڭ. ئاندىن سىناپ كۆرۈڭ. سەزگۈچنىڭ ئىقتىدارى تاقىلىپتىمۇ؟ ئەمدى بۇ باش ئاغرىقىدىن خالىي بولالايسىز.
ئايفون 4 نىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى راسلا پەچەت. سىز قولىڭىز بىلەن خالىغان جاينى يېنىكلا باسسىڭىز فوكۇسنى شۇ جايغا توغرىلايدۇ ۋە ئاستىدا چوڭايتىدىغان بىر سىيرىلما تاياقچە پەيدا بولىدۇ. بۇ جاينى ئوڭ سولغا سۈرۈپ فوكۇس ئارىلىقىنى تەڭشەپ چوڭايتىپ كىچىكلەتسىڭىز بولىدۇ.
سىز ئېلخەت ۋە تور بېكەت كۆرگەندە ئېلخەتتىكى PDF قىستۇرمىسىنى، ياكى تور بېكەتتىكى PDF ئۇلانمىسىنى چېكىپ قويىۋەتمەڭ. بۇ چاغدا سىز چىققان تىزىملىكتىكى iBooks تا ئېچىش دېگەن جاينى تاللاپ بۇ PDF ھۆججىتىنى iBooks ئامبىرىغا قوشىۋېتەلەيسىز.
سىز خەرىتە كۆرىۋاتقاندا سول تەرەپ پەستىكى ئورۇن بەلگىلەش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز سىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنىڭىزنى خەرىتىدىن تاپىدۇ. سىز شۇ كونۇپكىنى يەنە بىر قېتىم بېسىپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ چاغدا بۇ كونۇپكا ئوڭ تەرەپتىكىدەك شەكىلگە ئۆزگىرەيدۇ. ئاندىن ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى كومپاس ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ خەرىتە كومپاس ئايلانغاندەك سىزنىڭ يۆنىلىشىڭىزگە ئاساسەن ئايلىنىدۇ.
سىز تور بەت كۆرگەندە دائىم ئاچىدىغان تور بەتلىرىڭىزنى ئاساسى بەت يۈزىگە چىقىرىۋېلىشنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟ سافارىنىڭ ئاستى ستونىدىكى ئوڭ تەرەپتىكىدەك بۇ جاينى بېسىپ بەتنى ساقلىۋالغىلى ۋە 添加到主屏幕 نى بېسىش ئارقىلىق كۆرىۋاتقان بەتنىڭ كىچىكلىتلگەن سۈرىتىنى ئاساسى بەتكە چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ. ئاندىن ئۇنى چەكسىڭىزلا بۇ بەتنى سافارىدا ئاچىدۇ.
پاسىبان كۇلۇبىنى سىز مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ساقلىۋالسىڭىز بەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن سۈرىتى كۇلۇبنىڭ لوگوسىغا ئۆزگىرىپ ئاساسى بەتكە قوشىلىدۇ (ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك). سىناپ بېقىڭ. كىيىن ئېچىشقا قولايلىق.
تۈركچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە سىز چوقۇم خاتىرە دەپتەردىن پايدىلىنىپ بەزى ئۇچۇرلارنى ساقلىۋېلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. لېكىن سىز تۈركىچىدىكى بەزى ئالاھىدە ھەرىپلەرنى قانداق چىقىرىشنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىز تۈرۈكچە كونۇپكا تاختىسىنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنداق قىلماي، ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە يېقىن كېلىدىغان شۇ كونۇپكىنى قويۇۋەتمەي بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىقلا چىقىرالايمىز. لېكىن تۈركچىنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز يەنىلا شۇ كونۇپكا تاختىسىنى قوشىۋالغىنىڭىز ئەۋزەل.
ئايپود ئارقىلىق مۇزىكا ئاڭلىغۇچە تىز ئۆتكۈزۈش كونۇپكىسىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلانغانمىدىڭىز؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئاسانلا جاۋاپ تاپتىڭىزغۇ دەيمەن. شۇنداق! ئاۋۇ كونۇپكىنى ئوڭ سولغا سۈرۈش ئارقىلىقلا دېگەن جايغا ئاپىرىپ قويسىڭىز بولدى. لېكىن سىز ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزاق بولغان ئاۋاز ھۆججىتى بولسا كىچىككىنە يۆتكىسىڭىزلا نەچچە ئون سېكونت ۋە ياكى نەچچە مېنۇتلا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇنىڭ ئامالى بار. قولىڭىز بىلەن سۈرىدىغان يۇمىلاق كونۇپكىنى بېسىپ قويۇۋەتمەي ئىكراننىڭ ئاستىغىراق چۈشۈرۈپ ئاندىن ئوڭ سول يۆتكەڭ. قانچە ئاستىغا چۈشۈرۈپ يۆتكىسىڭىز شۇنچە ئاستا، قانچە ئۈستىگە يېقىنلاشقانسىرى شۇنچە تىز يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ئۈستىدىكى رەسىمدىن پايدىلىنىڭ.
ئېلخەتتىكى ۋە قىسقا ئۇچۇردىكى بىرقانچە ئۇچۇرلارنى بىراقلا ئۆچۈرۈشنى بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن. شۇنداق. بۇ ھەقىقەتەن قولاي. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 编辑 نى چەكسىڭىز ھەر بىر پارچە ئۇچۇرنىڭ ئالدىغا تاللاش پەيدا بولىدۇ. سىز ئۆچۈرمەكچى بولغانلىرىنى تاللاپلا ئاستىدىكى 删除 نى بېسىش ئارقىلىق ئۆچۈرەلەيسىز، 移动 ئارقىلىق يۆتكىيەلەيسىز، 转发 ئارقىلىق باشقىلارغا يوللىيالايسىز. بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت بۇ جايدىلا ئەمەس، كۆپ قىسىم جايلاردا ئىشلەيدۇ.
بۈگۈن مۇشۇ جايغىچە بولسۇن. خۇدا خالىسا ئاخىرىنى داۋاملىق يوللايمەن.









































ياخشىمۇ سىز مەندە خېلى كۆپ ئايفوننىڭ يۇمشاق دىتال بار تولىسى ھەقلىق مەن ئۇنى باشقا تور بەتلەردىن چۇشۇرۋالغان يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى ئىدى ،ئۇنى مۇنبەرلەگە چىقىرىپ ئايفون ئىشلىتىۋاتقان دوسىتلارنىڭ تەڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇناي دەپ ئويلىغان لىكىن كىيىن باشقى چاتىقى چىقارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن ،مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز .
سىزگە بىر توربەت تەۋسىيەقىلاي بەلكى سىز ئاللابۇرۇن كۆرۇپ بولغانسىز
http://www.weiphone.com/
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام. ئوبدان ئويلاپسىز. سىز دەۋاتقان ئويۇنلارنى سىز تەۋسىيە قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا تور بېكەتلەردىكى ئۇستىلار ھەقلىق نۇسقىسىنى يېشىۋېتىپ باشقىلارغا چۈشۈرىۋېلىشقا تەمىنلىگەن ئويۇن. بۇلارنىڭ چاتىقى چىقمايدۇ دەپ كاپالەت بېرەلمەيمەن. شۇڭا مەنمۇ بلوگىمدا ئۇنداق ئويۇن ئەمەس، ئالما شىركىتى ئۆزى ھەقسىز تارقاتقان ھەقلىق ئويۇنلارنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق ياخشى مەنبەلەرنى سۇنسىڭىز دوسلار بىلەن بىللە بەھىرلەنسەك بۇنىڭدا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ قانۇنلۇق ئەسلى نەشىردىكى ھەقلىق ئويۇن. خەق مىڭ جاپادا ياساپ تارقاتسا ئازراق ھۈنەر بىلەن ئەمگەك مىۋىسىنى ئوغۇرلىغاندەك ھېس قىلىپ قورۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھېچ بولمىسا بىرەر تال نەرسىمىزنى بولسىمۇ ھالالراق ئىشلەتسەك ياخشى بولامدىكى دەيمىنا؟
پاسىبان ئەپەندى مەندىن نېرى ئالمىچىكەن…
ئىشقىلىپ مەن تۈرمىدىن قاچۇرماي دەيمەن بۇ قېتىمقىسىنى
ئوبدان ئويلاپسىز. قائىدىسى بىلەن ئىشلەتكەنگە يېتەمدۇ.
تۇرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سىمسىز تور سىگنالى بولىشى شەرتمۇ؟مەن تېلگىرافتىن بەرگەن سىمسىز مودىمنىڭ قۇلۇپىنى يىشەلمىدىم.
خەنچە خېلى كۆپ يېشىش ئۇسۇللىرى بار ئىكەن،يېشىمەن دەپ مودىمنىڭ پارولىنىمۇ ئۆزگەرتىپ تاشلاپتىمەن.بۇنى يەشمىسەم تېلفون تورغا ئۇلانغانلىق ئانتىنا بەلگۈسى چىقىدۇ،لېكىن تورغا چىقالمايدۇ.3g ئارقىلىق تۇرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولامدۇ؟
(پاسىبان ئەپەندى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز)
سىمسىز تورى بولىشى Cydia نى قاچىلىغاندا شەرت قىلىنىدۇ . ئەگەر بۇ قۇلۇپسىز نەشىرى بولسا كارتىنى بىۋاستە تونىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز3G تورى ئارقىلىق Cydia نى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز 路由器 نىڭ شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئۇنىڭ ئارقا تەرەپىدە يىڭنە پاتقىدەك بىر جاي بار. شۇ يەرنى بېسىپ ھەممە نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. قانداق مەشغۇلات قىلىشنى چۈشەندۈرۈش كىتىپىدىن كۆرۈپ بىلىۋېلىڭ. ئادەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا مەن تەپسىلاتىنى تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.
[...] ئالدىنقى تېمىمىزدا ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكىسى ئۇ تېمىنىڭ داۋامى. بۇلارنى بۇرۇن سىز بىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن سۆزلىگىنىم بوپقالسۇن. ئايفون قولىڭىزدا ئىسراپ بولمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئەرزان نەرسە ئەمەس، ئازراق بولسىمۇ مېغىزىنى چېقىش كېرەك، ئەلۋەتتە! [...]