ھەرقانداق ئادەم ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغان كىنودا رول ئېلىپ داڭق قازىنىپ چولپان بولالمايدۇ. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى بولۇش ئىستىكى بولسىمۇ نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. لېكىن بۇ پروگرامما ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز باش رول ئالغان، ئۆزىڭىز رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە سىز خالىغان بىر مەزمۇندىكى كىنونىڭ تەشۋىق فىلىمىنى ئۆزىڭىز ئىشلىيەلەيسىز.

كېتەرلىك ماتىرىياللارنى ئىشلەش جەريانىدا پروگرامما ئۆزى سىزدىن سورايدۇ. شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە رەسىمگە تارتسىڭىزمۇ، ياكى ئالبۇم ئىچىدىن تاللاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلغان مۇزىكىنى پروگرامما ئىچىدىكى مۇزىكىلاردىن، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئايفونىڭىز ئىچىدىكى مۇزىكىلاردىن تاللاپ بېرەلەيسىز.

ئاندىن سىز داڭلىق ئاۋاز ئارتىسى Jonathan Cook نى تەشۋىق فىلىمىڭىزنىڭ تېكىستىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىسڭىز بولىدۇ. Jonathan Cook بولسا  NBC, CBS, Fox, FX, CW, WB  قاتارلىق تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ تەشۋىق فىلىمىگە مەخسۇس ئاۋاز بېرىدىغان داڭلىق ئاۋاز ئارتىسى. بۇنىڭ ئاۋازىنى بەلكىم سىز چوقۇم ئاڭلاپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن.  بۈگۈن سىز ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ فىلىمى ئۈچۈن ھەقسىز ياللىيالايسىز.

پروگرامما ئىچىدە 400 دىن ئارتۇق ماتىرىياللار بار. سىز فىلىمىڭىزنىڭ ۋەقەلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ خالىغان جۈملە سۆزنى تاللاپ قويالايسىز. ئاندىن كىيىنكى جۈملە سۆز سىز تاللىغان جۈملىگە ماسلىشىپ ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ. تېكىست سۆزىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن مۇزىكىنى قوشىسىز. نەچچە مىنۇت ئىچىدە سىزنىڭ رېژىسسورلۇقىڭىزدىكى تەشۋىق فىلىم مەيدانغا كېلىدۇ.

بۇ پروگراممىنىڭ دراما ۋە كومىدىيە  ئىككى خىل نەشىرى In A World Drama ۋە In A World Comedy ئارقا-ئارقىدىن ھەقسىز تارقىتىلغان ئىدى. دراما نۇسخىسىنى ھەقلىق قىلىۋېتىپتۇ. ھازىر كومىدىيە نۇسخىسىنى ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدىكەن  ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا پەرق بار. كومىدىيە نۇسخىسىنى بولسىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

دراما نۇسخىسى :

كومىدىيە نۇسخىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



21 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئامېرىكىنىڭ تورىدا كەلگۈسى 5 يىلنى ئاي (i) نىڭ دەۋرى بولىدۇ دەپتۇيا ؟! :-o

    • دۇنيادىكى ئەڭ سۈزۈك ئىكراننى ئاشۇلار تەتقىق قىلىپ ياسىدى. رەسىم رامكىسى چوڭلۇقتا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك «تاختا كومپىيۇتېر» ياسىدى. پۇلنى قانداق ئادەملەرنىڭ قانداق نەرسە ئۈچۈن ئايىماي خەجلەيدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتەلىدى. ياشلار ئىچىدە كۆركەم ۋە نەپس ئىشلەنگەن iDevice لار مۇشۇ سەۋەپلىك تىز سۈرئەتتە مودا بولۇپ كەتتى. سۈپىتىدىن ھەممە رازى بولۇشتى. دۇنيادىكى PS, xBox قاتارلىق مەخسۇس ئويۇن دېتاللىرىغا قارىغاندا ئايفون ۋە ئايپەدتىكى ئويۇنلارنىڭ سانى نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ. بۇنچىۋالا كەڭرى تاللاش پۇرسىتى ئالماخۇمارلارنىڭ سانىنى شىددەت بىلەن كۆپەيتتى.
      شۇنىڭ بىلەن بۇلانىڭ iDevice لىرى دۇنيادا «ئالما نېمە ياسىسا ئەڭ ياخشىسىنى ياسايدۇ» دېگەن ئاڭنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق يەكۈن چىقىرىشتا ئۇلارنىڭ ئاساسى بار.
      ئۈلۈشكۈن قارلۇقنىڭ بېتىدىن تەربىيلەش كۇرسى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ شۇنى ئويلاپ قالدىم. ئالما شىركىتى ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىختىساس ئېگىلىرىنى قېزىپ چىقىشنى ئويلاشقان ئوخشايدۇ. ئەگەر مۇشۇ پىلان ئۇتۇقلۇق بولۇپ، Mac سېستىمىسىدا ئۇيغۇرچە ئالاھىدە تەسىس قىلىنىپ قالسا ئۇيغۇرلار جۇڭگودا Mac نى ئوموملاشتۇرۇشتا باشلامچى بولىدىغاندەك. :?:

  2. چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئالما ئالسام بولامدۇ نېمە ؟ … :evil:

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قانداق قىلسام itunesتىن مەنمۇ ھەقلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايمەن؟ پاسىبان ئەپەندى،مەن ئىلىكتىرونلۇق رويال چالىمەن،ئىلىكتىرونلۇق رىيالنىڭ iphoneنۇسخىسى بامىدۇ؟بولسا ھەقلىق بولسىمۇ سېتىۋالاتتىم، بەزى ھەقلىق دىتاللارنى ئۆز ئالدىمغا سېتىۋالالايدىغان بولسام دەيمەن………. مەسلىھەت بەرسىڭىز….رەھمەت……..

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەقلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ كارتىڭىز بولمىسا مەن سىزگە ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. ئېلىكترونلۇق رىيالنىڭ App Store دا تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ دەپ ئاڭلىغان ئېدىم. لېكىن ئۆزۈم كۆرۈپ باقمىغانكەنمەن.

  4. ئەمسە ماڭا ئېلىشىپ بىرىڭە؟ ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم……….رەھمەت……..

  5. پاسىبان ئەپەندىم،ئىناۋەتلىك كارتىنى قانداق بىجىرىمىز؟ يول كورسەتسىڭىز؟رەھمەت………..

    • :-o ئىناۋەتلىك كارتا دىگەن 信用卡شۇ ،ئۇنى بانكىدىن بېجىرىسىز، ئۈرۈمچىدە 招商银行بىر قەدەر جىققۇ دەيمەن ھە، شۇ يەردىن ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ،لېكىن پاسىبان سېر دەۋاتقان ياردەملىشىپ بېجىرىپ بېرەي دىگەن نەرسە ئىناۋەتلىك كارتا ئەمەس بەلكى ئاكاۋۇنتقۇ دەيمەن خاتالاشمىسام :oh,no:

    • دىمەكچى ئايتىيۇنس ھىساۋى،بانكا ھىساۋى ئەمەسسسسسسسسسسسس :oh,no:

    • مېنىڭ ئېلىشىپ بېرەي دېگىنىم توردىن مەخسۇس ھەقلىق نەرسىلەرنى يۈەنگە ھەق تۆلەپ ئېلىشىپ بېرىدىغان بىر كەسپ بار. تاۋباۋدىن 1 دوللارنى 6.8 يۈەن ئەتراپىدا ھېساپلاپ ئالىدىغانلار كۆپ. بەزەنلەر 2 يۈەن، ھەتتا 1 يۈەندىنمۇ ئېلىپ بېرىدىكەن. بىلمىدىم ئۇلار قانداق قىلىدىكىن. تاۋباۋدىن App Store 代购 دەپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ يەردىن ئۆزىڭىز ئېلىڭ. يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بوپ كەتتىم. يازما يوللىغىلىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن.

    • مېنىڭ چۈشىنىشىمدىن چاتاق چىقتىمۇ ياكى نىمىش بوپ كەتتى، ئادەتتە ھەرقانداق كرېدىت كارد ماستېر ۋە ۋىزا دەپ خەلقارالىق بولىدىغۇ،مەسىلەن بىز جوڭگودا بېجىرگەن كرېدىت كارد بىلەن چەتتە سەللىمازا ئىستىمال قىلالايمىز، پەقەت قايتىپ كېلىپ شۇ بانكىغا شۇ سومما بويىچە تۆلىسەكلا بولىدىغاندۇ؟ مەسىلەن ئادەتتە جوڭگودىكى بانكىلار rmb ۋە uds بويىچە ھىساۋات قىلىدىغۇ دەيمەنكرېدىت كاردت مۇلازىمىتىدە. مەسىلەن ئامېرىكىدا كرېدىت كارد بىلەن تۆلىگەن بولساق چىقىملارنى قايتىپ كەلگەندە شۇ بانكىغا بېرىپ شۇ ئىشلەتكەن دوللارنى دوللار پېتى قايتۇرىدىغان گەپ، ئەگەر ياۋروپادا كرېدىت كارد ئىشلەتسەك ئۇ شۇ يەرنىڭ پۇلى بويىچە ياۋرو چىقىم قىلدۇق دەيلى لېكىن قايتىپ كەپ بانكىغا يەنىلا دوللار پېتى قايتۇرىدىغان گەپ ياكى بولمىسا كرېدىت كارد ھىساۋىڭىزدا دوللار خېلى reasonable ھالەتتە ۋاقىتتا ئۇنى سولاپ قويسىڭىز بانكا بىلەن توختاملىشىپ مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە ئىشلەتمەڭ كاردىڭىزنى بانكا ئاپتوماتىك دوللارغا ئايلاندۇرۇپلا خەلىق پۇلىڭىزنى تۇتىۋالىدىكەن :oh,no: دىمەكچى ماۋۇ ئاۇتىيۇنىستىنمۇ بىر نەرسە سېتىۋالغاندا كرېدىت كاردتىن تۇتسا ئاندىن بانكىغا بېرىپ شۇ پۇلنى تېگىشىپ قايتۇرىۋەتسىلا تۈگىمەمدۇ ،ئۇنى 代购قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ياكى ئاۋارىچىلىقتىن قېچىشمۇ بۇ بانكىغا بېرىپ پۇل ئالماشتۇرىدىغان :oh,no: سەل كاللام قايمۇقۇپ قالدى،چۈنكى مەن كرېدىت كاردتىن ئېلىۋېرىمەنچۇ بۇ ئالمىنىڭ ئەپلىرىنى ۋاقتى كەلگەندە بانكا ئۆزى بىلىپلە تۇتىۋېلىپ ئاندىن ماڭا ئايلىق ھىساپنى ئەۋەتىپ بەرگەندە مەن نەچچە قېتىم 1.99 دوللار تۆلىگىنىمنى قايتىدىن ئەسلىۋالىمەن :lol: ئۇھھھھ جىق گەپ قىلىپ كەتتىم دىسە

      • ھەممەيلەننىڭ سىزدەك كرىدىت كارتىسى بولمايدۇدە خانقىز! سىزدەك كرىدىت كارتىسى بولغان بولسا 2 كونۇپكا بېسىپلا ئېپ بولاتتى. مەن ئۆي كېنىشكەمنىڭ توختامىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ 3 يىل مۇقەددەم ئاران 10 مىڭ يۈەن ۋەياكى 100 دوللار ئىناۋەت قىممىتىگە ئېگە كارتىدىن بىرنى بېجىردىم. ھازىر توختامغا بىر ئىش كەلمەيدۇ، چوقۇم ئۆي كېنىشكىسى بولىشى كېرەك دەيدۇ. ھازىر تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ قىيىنلىشىپ كېتىپتۇ. يۇرتتا قانداقكىن بىلمىدىم. سىز دېگەندەك باشقا پۇلنى خەجلەپ خەلق پۇلى قايتۇرۇش ئۈچۈن (مەن سودا-سانائەت بانكىسىدىن بېجىرگەن، شۇنى مىسالغا ئالسام) بانكىنىڭ مۇلازىمەت تېلىفۇنىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ شۇ پۇلنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرىشىمىز، ياكى تور بانكىسىنى ئاچقۇزغان بولسا ئۆزىمىز توردىن 购买外汇 دەپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق تولۇقلىشىمىز كېرەك ئىكەن. بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق. يەنە كېلىپ مېنىڭ كارتامنى بۇ چۈپەي گۇيلار ئاران 100 دوللارلىق ئىناۋەت سوممىسى قىلىپ تەڭشەپ قويۇپتۇ. بۇ سوممىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ماتىرىياللىرىمنى تولۇقلاپ قايتىدىن ئىلتىماس قىلارمىشمەن. ئىشقىلىپچۇ، جۇڭگوچىلىقتا بانكا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكىدەك ئۇنداق قولاي، راۋان ئەمەس. گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە چەتئەللىكلەرنىڭ دوللار ئالماشتۇرغىچە سائەتلەپ سائەتلەپ ئۆچرەتتە ساقلىغۇچە بۇ تۈزۈلمىنىڭ تولىمۇ قالاقلىقى توغرىسىدا غودوڭشىپ كايىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئىشقىلىپ جۇڭگو پۇل مۇئامىلىنىڭ راۋانلىقىدا كىشىنى رازى قىلمايدۇ. كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. چۈنكى مۇشۇنداق ئىشقا ئۆزۈم تولا ئۇچرىغاچ ئويلىساملا كايىغىم كېلىدۇ.
        مەن ئۆتكەن قېتىم بىرقانچە ئويۇنلارنى سېتىۋالدىم ۋە مۇشۇ دوللار قالدۇق سوممىسىنى خەلق پۇلى ئارقىلىق قايتۇردۇم. نەخ دوللار بولمىغانلىقتىن تېلىفۇن ئۇرۇپ قايتۇرۇپ قارىسام تېلىفۇن پۇلى بىلەن قوشۇپ 7 يۈەن ئەتراپىدا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە توردىنلا 6.7 ئەتراپىدا خەلق پۇلىغا ئالغىلى بولىدىكەن، بۇ تاۋباۋ ئويناپ تۇرىدىغان، لېكىن كرىدىت كارتىسى بولمىغانلار ئۈچۈن تولىمۇ، راستىنلا تولىمۇ قولاي ئىكەن دەپ ئويلىدىم. شۇڭا شۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم. ئەلۋەتتە سىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسى ئارقىلىق ئالغىنىڭىز قولاي. ئۇكام تاۋباۋدىن 2 يۈەنگە 0.99 دوللارلىق ئەپلەرنى ئېلىپ بېرىدىغانلار بار ئىكەن، شۇلاردىن خېلى كۆپ ئويۇنلارنى سېتىۋالدى. ھازىرغىچىغۇ بىرەر چاتاق چىقمىدى. بىرەر كۈنلىرى iTunes ھېساۋاتى توڭلاپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ ئىشقىلىپ. شۇڭا مەن قىممەترەك بولسىمۇ 6.7 يۈەن ئەتراپىدىكىنى سېتىۋالدىم.

    • خاپا بولماڭە. :oh,no: مەن بىلمەپتىمەن بۇنداق تەسلىگىنى كرېدىت كارد بېجىرىشنىڭ ۋە كرېدىتنى يوقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ :cry2: ئۆي توختامى كۆرسىتىپ ئونمىڭ يۈۋەنلىك كرېدىت بەرگەن بولسا بانكىلارنىڭ تۈزۈمىدە مەسىلە خېلى باركەن، سىز دىگەندەك تاۋباۋ مۇلازىمىتىنىڭ خاراكتىرىنى مەن چۈشەنمىگەچكە شۇنداق بىر تەرەپلىمە يول كۆرسىتىپ قويۇپتىمەن. لېكىن ئىشىنىمەن كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى بوپ كېتىدۇ. :bingo:

  6. darn :right: 2 دوللارغا چىقىۋاپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ چىشىمنى چىشلەپ چۈشەدىم،بېيگول ئىتىمنى جىيەنىم قىزىمغا قوشۇپ دراممىلىق ئىشلەپ باقاي :o))): رەخمەت جۇمۇ، بەكلا قىزىقارلىق نەرسىىكەن بۇ،مەن بەزىدە كىنوغا قارىغاندا چرېيلېر كۆرۈشكە ئامراق :lol:

    • كىنونىڭ جەۋھىرى ئەمەسمۇ. 1 كىنو كۆرگەندەك بولىدۇ ئادەم. مەنمۇ ئامراق. ئالمىنىڭ تەشۋىق فىلىم ئامبىرىدىن تولا نەرسە چۈشۈرۈپ تۇرىمەن.

  7. 农业银行دىن بىجىرگىلىمۇ بۇلامدا؟

    • ئاساسەن ھەممە بانكىدىن بېجىرگىلى بولىدۇ. قالغىنىنى بېرىپ پۇكەيدىن سوراپ بېقىڭ. بىر شەھەر بىلەن بىر شەھەرنىڭ تەلىپى ئوخشىمايدۇ. بىر ئۆلكە ئەلۋەتتە شۇنداق.

  8. مەن ئىملا خاتالىقنى بەك جىق سادىر قىلىپتىمەن :naive: my bad

  9. BTW گۈدۈك دىگەنگە قانداق تىزىملىتىدۇ، تەكلىپ نومۇرى دەپ بىر نەرسە باما؟ اقنداق ئىش بولاپ كەتتى بۇ خەقلەر بارغانسېرى ئاسانلاشتۇرسا گۈدۈك قوپاپ تەسلەشتۇرۇپ :left:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش