بۇ يانتۇ ئېكرانلىق ھەرىكەتلىك ئويۇن. ئىچىدىكى پىرسوناژمۇ ئوماققىنە چاسا شەكىللىك كارتون بولۇپ، بۇ پىرسوناژنىڭ ئالەم كىمىسى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا سىز بۇ پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ دۇنيانى <<قۇتقۇزىسىز>>. بۇ ئويۇن  20 ئۆتكەللىك بولۇپ، ئوخشاشىمىغان سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدا ھەرخىل دۈشمەنلەر (ئادەملەر ۋە ماشىنا ئادەملەر) گە ھەرخىل قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى سېتىۋىلىپ قەدەممۇ قەدەم يېڭى ئۆتكەل ۋە  يېڭى ئويناش ئۇسۇللىرى ئاچىسىز. ئويناش ئۇسۇلى ئۇنچە قىيىن ئەمەس، ئەگەر پىرسوناژ مەغلۇپ بولسا يەنە جايىدىنلا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.  iPod touch ، ئايفون ۋە ئايپەدلەردە ئويناشقا ماس كېلىۋېرىدۇ.

ئويۇن كۆرىنىشىدىن بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى:

ئويۇن ئىسمى : Project Peril

ياسىغان شىركەت : Nicholas Chou (ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئادەم ياساپتىكەن)

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى :  35 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : (سىزدە iTunes  بولىشى كېرەك ياكى ئاستىدىكى تەۋسىيەنى ئوقۇڭ)

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش