Trinity نۇرغۇن ئېسىل ئويۇنلارنى ئىشلىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئويۇنلىرىنى ئويۇنخۇمار دوسلار بۇرۇن ئويناپ باققان بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سەرەڭگە ئادەم يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرى بولىدىغان. بۈگۈن ئۇ يەنە يېڭى بىر ئويۇننى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇندى ۋە 3 كۈن ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدى.ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدە خېلى بولىدىغان ئويۇنلارمۇ بار ئىكەن. نېمىلا دېگەن بىلەن 1 پروگراممىدا 25 خىل ئويۇن ئادەمنى راسلا قىزىقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە:

AC-130 Spectre  - بوشلۇقتىكى توپچى كېمە

Ancient War – قەدىمى جەڭ

Archer -  بۇ 3D لىك ئوقيا ئېتىش

1945 Ace Destroyer - بىتچىت قىلغۇچى 1945

Blighted Earth – يەرشارىنى ۋەيران قىلىش

Bowman Attack – ئوقيا ھۇجۇمى

Bowman Defense – ئوقيا مۇداپىئەسى

Chicks – قاچقۇن توخۇ

Digital Heist – سىفىرلىق بۇلاڭچى

Dino Cap – دېنوزاۋۇر ساقچى

Hell Flyer – دوزاخ ئۇچقۇچىسى

Hired Gun - ياللانما قاتىل

iKungFu Master – گۇمپا ئۇستازى

Iron Commando – رامبو

iSniper  – iSniper

iSniper 3D – سىترولۇق iSniper

Jailbreaker – تۈرمىدىن قېچىش

Knight’s Odyssey – يانچە كۆرۈنۈشلۈك RPG ئويۇنى

Operation iWolf – بۆرە ھەرىكىتى

Robo Rush – ماشىنا ئادەم

ۋە باشقىلار … تەپسىلاتىنى ئۆزىڭىز چۈشۈرۈپ كۆرىۋېلىڭ. ۋاقىتنى  چىڭ تۇتۇڭ، كىيىن پۇل تۆلەپ ئالىدىغان ئىش بار.

ئويۇن ئىسمى :  GAMEBOX 1 ELITE

ياسىغان شىركەت : Trinity

قوللايدىغان سۇپا : GameCenter

چوڭلىقى:  187 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : (سىزدە iTunes  بولىشى كېرەك ياكى ئاستىدىكى تەۋسىيەنى ئوقۇڭ)

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



13 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەن iTunes تور دىن چۈشۈرۈپ كومپىيۇتۇرىمغا قاچىلىدىم ئاندىن چۈشۈرۈش ئادىرسى دىگەن ئورۇندىن چۈشۈرۈش ئادىرسىنى باستىم نەتىجىدە iTunes ئېچىلدى لېكىن نەدىن قانداق چۈشۈردۇ .مەن تاپالمىدىم خاپا بولماي چۈشۈرۈش ئادىرسىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.ياكى ئېلخەت ئادىرسىمغا يوللاپ قويسىڭىزمۇ مەيلى.مەن جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز ئاۋۇ ئادرىسنى باسقاندىن كىيىن iTunes نىڭ مۇشۇ ئويۇننى ساتىدىغان بېتى ئېچىلىدۇ. سول تەرەپ ئۈستىدە ئويۇننىڭ رەسىمى بار. ئۇنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى توشۇپ كەتمىگەنلا بولسا Free App دەپ يېزىلغان بولىدۇ. شۇنى بېسىپ چۈشىرىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە iTunes ھېساۋات نومۇرى بولىشى كېرەك.

    • بۇلسا بىزنڭ ئالما ئۇيۇنى بىلەن كۇپرەك تەمىنلەپ بېراسىز

  2. مەن iTunes نى توردىن قاچىلىدىم . بىراق سىز تەمىنلىگەن ئويۇننى چۈشۈرەي دىسەم ، iTunes قا تىزىملىتىشىم كېرەككەن . تىزىملىتىپ بىر يەرگە كەلگەندە بانكا كارتىسى نومۇرى سوراپ تۇرىۋالدى . پەقەتلا ئامال قىلالمىدىم . بولسا بىر تىزىملىتىپ بەرگەن بولسىڭىز . چ چ نومۇر :84570356

    • بۇنىڭغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ھەقسىز رايونغا كىرىپ تۇرۇپ تىزىملىتىسىز. بۇ ئازراق مۇرەككەپ جەريان. قارىماققا مەن بۇ توغرىسىدا ئاۋال چۈشەنچە بېرىۋەتسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ. سۈرەتلىك قىلىپ ئايرىم تېما يوللاي.

  3. ئوبدان، ئاللاھ خالىسا قۇربىتىمنىڭ يېتىشىچە يوللايمەن.

  4. @پاسىبان
    بولسا مۇشۇ .ئايفۇن دىگەن ئۇقۇمنى ئىنىق چۇشەندۇرۇپ قۇيساڭلار
    ئۇنىڭىدىن باشقا كومپيۇتېرىغا ئۇيۇن چۇشۇرگىلى بولمايدىكەن.شۇڭا چۇشۇرگىلى بولىدىغان ئاددى ئۇسۇلنى دەپ بەرسەڭلەر بوپتىكەن.ئۇيۇنلارغۇ ياخشىكەن بىراق شۇ سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا چۇشۇرەلمىدىم.

    • ئايفون دېگەن ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ تېلفونى. ئېنگىلىزچە iPhone دەپ ئاتايمىز. ئۇيغۇرچە بىۋاستە ئوقۇلۇش تەلەپپۇزى بويىچە «ئايفون» دەپ ئاتايمىز. يوللاۋاتقان ئويۇن مەنبەلىرى مۇشۇ تېلفۇنغا ماس كېلىدىغان ئويۇنلار بولۇپ، بۇنى ئالما شىركىتىنىڭ ئايفون قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كومپىيۇتېر بىلەن باغلايدىغان يۇمتال iTunes ئارقىلىق چۈشۈرىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن iTunes تىن بىر ھەقسىز ھېساۋات نومۇرى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. قارىغاندا مەن مۇشۇ توغرىسىدا تېمىنى بالدۇرراق يوللىسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
      بۇ ئويۇننى كومپىيۇتىردا ئوينىغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئايپود تاچ، ئايفون، ئايپەد قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىدىلا ئوينىغىلى ۋە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

  5. بولسا تىزرەك چۇشەندۈرۇپ بەرگەن بولسىڭىز

  6. مەن ئاخىرى چۈشۈرۋاتىمەن ، تېرىشسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن جۇما . ھا ھا ھا

  7. ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! بىز بۇرۇن كومپىيوتىرىمىزغا چۈشۈرۋالغان ipa شەكىلدىكى ئۇيۇنلارنى ئايغۇنغا قانداق يوللايمىز ؟! بولسا بۇنى بىر تەپسلىي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز !

    • IPA ھۆججەتلىرىنى مۇقۇم بىر مۇندەرىجىگە قويغاندىن كىيىن ئايتيۇنىسنى قوزغىتىپ سۆرەپلا ئەكىرسىڭىز ئۇنىڭ ئامبىرىغا قوشۇلىدۇ. ئاندىن 同步应用程序 نى توغرا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى قاچىلىماقچى بولغان ئويۇنلىرىڭىزنى تاللاپ 同步 قىلىۋەتسىڭىز قاچىلايدۇ.
      بۇ توغرىسىدا مەن تەپسىلىي توختىلىپ بولغان.
      /20101227437.html

    • سىزگە شۇ چاغدا تەپسىلىي جاۋاپ بېرىپ بوپتىكەنمەن ھە؟ چۆگىلەپ كېلىپ يەنە سورىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىمنى يەنە ئۇلاپ قويغىنىمنى …

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش