Jewelry دېگەن نامنى ئاڭلاپلا ئالماسقا مۇناسىۋەتلىك ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز ھەقىچان. بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ كۆرىنىشىنىڭ كۆركەملىكى بىلەن ئويۇنخۇمارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئويۇن مۇشۇ تۈردىكى ئالماس ئويۇنلىرىنىڭ ئىچدە AppStore دىكى ياخشى ئويۇن سانىلىدۇ. 3 تىن ئارتۇق ئوخشاش رەڭلىك ئالماس بىر يەرگە كەلسە پارتىلايدۇ. ئىكراندىكى ھەممە ئالماسلار تۈگىگەندە بىر ئۆتكەل تامام بولغان بولىدۇ. ئىككى خىل قارغا ئېلىش ئۇسۇلى بار. ئۆزىنىڭ ھەجمىمۇ كىچىك. كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق بۇ ئويۇن تەتىل كۈنلىرىڭىزدىكى ئارامبەخش ئويۇنلارنى بىرى بوپقالغۇسى. ھەقسىز ۋاقتىدا چۈشۈرىۋېلىپ مېغىزىنى چېقىڭ.
ئويۇن كۆرۈنىشىدىن ئۈزۈندىلەر :
ئويۇن ئىسمى : Jewelry Bubble
ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش، ئارامبەخش
چوڭلۇقى : 9.8 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































رەسىملىرىدىنلا نوچى ئوياندەك قىلامدۇ نىمە…
كۇل جۇمۇ،مەن بۇ ئويۇننى ئوينايمەن لېكىن ئاددىسىنى…بىكالىق ئەمەستى بۇرۇن،ھازىر بىكالىق بوپ كەتتىما؟
ھازىر 0.99$ كەن. شۇ چاغدا نەچچە كۈنلۈك ھەقسىز تارقاتقان ئىدى