نىنجا توخۇلار ناملىق بۇ ئويۇننىڭ ئايفون نۇسقىسى بار ئىدى. ئىلگىرى ئايفون نۇسقىسىنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتىدا مەن تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇنىڭ Mac كومپىيۇتىرىدا ئىجرا بولىدىغان نۇسقىسىنى يېڭىدىن بازارغا سالغانلىقتىن ھەقسىز چۈشۈرۈش پائالىيتى يولغا قويۇلۇپتۇ. ئايفوندا ئويناپ باققانلار بولسا بىلىدۇ. ھەر ھالدا بەلەن ئويۇن. Mac ئىشلىتىۋاتقان ئالمىچىلار بىكارلىق بولغاندىن كىيىن ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغاي …
بۇ چوڭ ئادەمگە بەك ماس كېلىپ كەتمەيدىغان ئويۇن. بالىلىرىڭىز بولسا ياكى كىچىكرەك ئۇكىلىرىڭىز بولسا ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشقا بولىدىغان ئويۇن.
ياش توخۇلار ئۆزىنىڭ نىنجا ھاياتىدا يېڭى بىر سەپەرنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ھەر بىرى ئۆزىنىڭ تەئەللۇق بولغان جايىنى تېپىۋېلىشى كېرەك. سىز ئۇلارغا ئازراق ياردەم قىلالاسىزمۇ؟
ئويۇندا بىر قانچە ئاددى قائىدە بار بولۇپ، رەڭگىگە ئاساسەن ئۇنىڭ تىپىنى ئايرىپ مۇۋاپىق جايغا يۆتكەيسىز. ئەگەر چوشقا ئۇچرىسا ئۇنى نىشان رايونىغا يۆتكەيسىز. بومبا كۆرگەندە ئۇنى باسمايسىز. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق.
ئويۇن ئىسمى: Ninja Chicken for Mac
ماس كېلىدىغان مۇھىت : Mac
چوڭلۇقى : 67.6 MB









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار