App Store دا رەسىمگە ئۈنۈم قوشىدىغان نەرسىلەر خېلىلا كۆپ. ھەقسىزلىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈكلىرى ئاز. ياخشىراقلىرىنى بولسا «كۆك»كە ئالىدىغان گەپ. بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز رەسىملىرىڭىزگە رەڭلىك ۋە رەڭسىز تېز سىزما ئۈنىمىنى سېكونت ئىچىدە قوشالايسىز. ئۆزگىچە سىدام سىزما ئۈنىمى لازىم بولسا بۇ ھەقسىز ئەپكە مۇراجىئەت قىلىڭ!

uSketch دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ ئىلگىرى پەقەت ئايفونغىلا ماس كېلەتتى. يېڭى نەشىرىدە ئايفون ۋە ئايپەدكە بىراقلا ماس كىلىدىغان بولۇپ، يېڭى نەشىرى Universal تېخنىكىسى بىلەن ياسىلىپتۇ. يېڭى نەشىرىدە تېخى ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك ئۈنۈمدىن بىرقانچىنى قوشقان بولۇپ، 2400*1600 پىكسېلغا يېتىدىكەن.

بۇنداق بولغاندا ئۈنۈم قوشۇلغاندا كىچىك ئالدىن كۆرۈش رەسىمى بىلەن ئەمەلىي رەسىمنىڭ ئوخشىماسلىق خاتالىقى زور دەرىجىدە كېمەيگەن. بۇ ئوماق ئەپنى چۈشۈرمەسلىككە باھانىڭىز يوققۇ دەيمەن.

ئەپ ئىسمى : uSketch

ساتقۇچى : SOFTVISION Consulting INC

تۈرى : قوللىنىشچان، فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 3.4 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



11 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ماۋۇ كىچىككىنە ئەپ بولىدىكەن. مەن مۇشۇ ئۈنۈمگە ئەڭ ئامراق ئېدىم. رەھمەت!

  2. ماۋۇسى ۋەششىيدەك قىلامدۇ نېمە.
    چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي قېنى.

  3. hakikatan bak yahxikan.rahmat.(man nimixka uygurqa yazalmayman(

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    پاسىبان ئەپەندى، نىم بولدىكى بىلەمىدىم، ئايفۇنۇم « Safe Mode » ھالىتىدە قوزغىلىۋالدى، قايتا قايتا قوزغىتىپ باقساممۇ يەنىلا ئوخشاشلا،

    ماسلاشمىدىمىكى دەپ ئاخىردا قاچىلىغان بىر نەچچە دېتاللارنى ئۆچۈرىۋېتىپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش ،

    تەڭشەكتىن « بارلىق تەڭشەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش » بۇيرۇقى بىلەن ئەسلىگە قايتۇرۇپ باقتىم، يەنىلا ئوڭشالمىدى،

    بۇ « بىخەتەر ھالەت » تە بىز قاچىلىغان ئالاھىدە ئېكران ئۈنۈملىرى ….. قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارلار ئىجرا بولمايدىكەن،

    ھازىرمۇ داۋاملىق « Safe Mode » ھالىتىدە قوزغىلىدۇ، ئوننەچچە قېتىم قايتا قايتا قوزغىتىپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش ،

    بۇنى قانداق ئوڭشايمىز ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز . …

    • Cydia دىن قاچىلىغان نەرسىلەرنىڭ چاتىغى بولسا كېرەك. مۇشۇنىڭ بىلەن قاچىلىغان نەرسىلەرنى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ. بولمىسا سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ بىخەتەر ھالەتنى Cydia ياكى 91 دىن قاچىلىغان ئەپلەرنىڭ ماسلاشماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇلارنى يۇيۇپ تاشلاڭ. ئادەتتە ئاخىرقى قېتىم قاچىلىغان نەرسىنى يۇيىۋېتىپ 1 قېتىم قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئوڭشىلاتتى. سىزنىڭكىدە سېستىمىغا بۇزغۇنچىلىقى ئېغىر بولغان بولسا كېرەك. Cydia دىكى ھەرخىل ئۈنۈم قوشىدىغان ئوشۇقچە نەرسىنى يۇيىۋېىتپ قايتا قوزغىتىپ بىر سىناڭ. ئوڭشىلىپ قالسا يۇيىۋەتكەن مۇھىم دەپ قارىغان نەرسىلەرنى بىربىرلەپ قايتا قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹پاسىبانداشلا›!! قايىسىڭلا ئىز يوللانما ياكىqqنىڭ pushئختىدارى (چ چ نى ئېچىپ پەسكە چۈشۈرۈپ قويسىمۇياكى چ چ نى تاقىۋەتسىمۇ خەت كەلسە ئەسكەرتىدىغان ئىختىدارى) ئىشلىمەيدىغان ئاۋارچىلىققا يۇلۇقۇپ باققان؟ سىستىما نەشىرى4.1ۋاختىدا پاسىباننىڭ كورسەتمىسى بۇيىچە ۋە خەنچە تور بەتلەدىن مۇشۇنىڭغا ئاىت نەرسىلەنى كۈرۈپ ئۇنى بۇنى قىپ يۈرۈپ ئوڭشىغانتىم،لىكىن 4.33گە كۈتۈرۈپ ئۇ ئىختىدارى يەنىلا ئىشلىمىدى،بۇرۇنقى ئۇسۇللا بۇيىچە قىپ باقتىم لىكىن يەنىلا ئوڭشالمىدى، شۇڭا مۇشۇ ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باققانلا بولسا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى مۇنازىرلىشىپ باققان بولساق،
    بۇ مەسىلىنى ئۇدۇللا پاسىباندىن سۇراي دىسەم…ئەمىلىيەتتە بەك كوپ سۇراپ كەتتىم، سەل خخجخلمۇ بوپ قالدىم سۇراۋىرىپ
    .بىلىمىڭلانى ئايىمىغان بولساڭلا!!

  6. پاسىباننىڭ يېڭى كىيىمىگە مۇبارەك بولسۇن. يارىشىپتۇ. ھاھا.

  7. رەھمەت. خېلى جايلىرى بار تېخى رەتلەيدىغان. بايقىغان خاتالىقلىرىڭلار بولسا ئىنكاس قىلغاچ تۇرۇڭلار

  8. بلوگلا بەكلا تاشلىنىپ كېتىپ بارىدىغۇ؟!

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش