高德导航 توغرىسىدا ئىلگىرى بىر يازما يېزىپ چۈشەندۈرگەن ئېدىم(يازما 1  ۋە يازما 2 دىن كۆرۈڭ). ئۇ چاغدىكىنىڭ نەشىرى سەل كونىراپ قالدى. ھازىر يېڭى نۇسقىسى چىقىپتۇ. بۇ قېتىمقىسىنىمۇ سىلەر بىلەن تەڭ ئىشلەتكىم كەپقالدى. يول باشلىغۇچ لازىممۇ؟ ئۇنداق بولسا مەرھەمەت!

ئىلگىرىكى نەشىرىدە خەرىتىسى ئۆزىدە بار بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ ئەپنىڭ ئۆزىلا 2GB  ئەتراپىدا كېلەتتى. ھازىر  ئەپنىڭ ئاساسى قىسمى بىلەن خەرىتە قىسمىنى ئايرىۋېتىپتۇ. شۇڭا خەرىتە يېڭىلانغان تەقدىردىمۇ بىز كونا ئەپ بىلەن ئەڭ يېڭى خەرىتىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋېرەلەيدىكەنمىز. بۇ تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ.  باشقا گەپنى قويۇپ ئاساسى گەپكە كېلەيلى.

بۇ يول باشلىغۇچنى بۇرۇنقى يازمىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. شۇڭا قايتا دەپ ئولتۇرمايمەن. (يازما 1  ۋە يازما 2 دىن كۆرۈڭ) بۇ قىممەتمۇ ئەمەس. ئاران 14.99 دوللار. ھازىر پائالىيەت قىلىپ باھاسىنى ئاران 9.9 دوللارغا چۈشۈرۈپتۇ. بىر تال يول باشلىغۇچنى ئالساق كەم دېگەندە 5~6 يۈز يۈەنگە ئالىمىز. بۇ تېخى بازاردىكى ئەڭ ئەرزان، سۈپىتى ناچارراقلىرى. لېكىن بۇ ئەپنى App Store دىن 1 قېتىم سېتىۋالساق، ئەڭ يېڭى خەرىتىدىن مەڭگۈلۈك ھەقسىز پايدىلىنىمىز دېگەن گەپ.  يەنە كېلىپ بۇ Universal بولغانلىقى ئۈچۈن ئايفون ۋە ئايپەدكە ئايرىم-ئايرىم سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر ئىككىلىسىگە نورمال چۈشىۋېرىدۇ.

ھەقلىق نۇسقىسىنى App Store دىن چۈشۈرۈڭ : 

ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇنىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنىمۇ قالدۇرۇپ قوياي.

يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: 

بۇنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن خەرىتىسىنى ئايرىم چۈشۈرۈش كېرەك. يېڭى نۇسقىسىدا خەرىتە ۋە ئەپ قىسمىنى ئايرىۋەتكەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپ قىسمى پەقەت 60 نەچچە مېگابايت كېلىدۇ. خەرىتىسى 2.2 گېگابايت. بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا چوڭ. چۈنكى يېڭى خەرىتىدە 3D لىك قىسىمنى خېلىلا كۆپەيتىپتۇ. خەرىتە قىسمىنى ئورگان تور بېتى http://iphone.autonavi.com/ گە بېرىپ چۈشۈرۈش كېرەك. بەتنى ئېچىپ 本地下载 نى بېسىڭ. بۇ يەردىن 2.2 GB ئەتراپىدا AutoNavi_Mapdata.dat ناملىق بىر ھۆججەتنى چۈشۈرىدۇ.

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئايفون ياكى ئايپەدكە قاچىلىغان 高德导航 غا بۇ خەرىتىنى يوللاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى يازمىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندەك iTunes ئارقىلىق يوللايمىز.  ئورگان تور بېتىدە رەسىملىك چۈشەندۈرىشىمۇ بار. بولمىسا iTunes ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ماۋزۇلۇق يازمىدا بۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى قانداق قىلىپ قاچىلاش توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتىمەن. شۇنىڭدىن كۆرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن:

1.ئاۋال ئايفون ياكى ئايپەدكە 高德导航 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

2. ئايفون ۋەياكى ئايپەدنى iTunes قا ئۇلاڭ.

3. ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكنىڭ 应用程序 دېگەن يەرنى بېسىپ بارلىق ئەپلەرنى كۆرەلەيسىز. ئاندىن شۇ كۆزنەكنى ئاستى تەرەپكە چۈشۈرۈڭ. 文件共享  قىسمىدىن 高德导航 نى تېپىڭ.

4. شۇنى باسسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكى كىچىك كۆزنەكتە مۇشۇ ئەپنىڭ سىرتقا تەمىنلىگەن ھۆججەتلىرى كۆرىنىدۇ. سىز بۇ يەرگە خالىغان ھۆججەت قوشالايسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز.

5. بىز ئەلۋەتتە بايا چۈشۈرىۋالغان خەرىتە ھۆججىتى AutoNavi_Mapdata.dat نى قوشىمىز. شۇڭا ئاستىدىكى 添加 نى بېسىپ ھۆججەتنى تاللاپ بېرىڭ.

6. تاللاپ بولغاندىن كىيىنلا ھۆججەتنى ئايفونغا يوللاشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئايفونغا چېقىلماڭ.

يوللىغۇچە ئۈستىدىكى ھالەت ستونى بۇ ھالەتتە كۆرىنىدۇ

يوللاپ بولغاندىن كىيىن قارىسىڭىز 高德导航 نىڭ ھۆججەتلىرى ئىچىدە بايىقى خەرتە ھۆججىتى پەيدا بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك:

ئەمدى سىز ئايفوندىكى 高德导航 نى ئېچىپ ئەپنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسىڭىز بولىدۇ. سۇئال سوراشقا ئالدىراپ كەتمەي بارلىق جەرياننى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققايسىز. قاچىلاش تەرتىپلىرى تەپسىلىي يېزىلدى.

ئەسكەرتىش: يېشىۋەتكەن نەرسىنى ئايفونغا قاچىلاش ئۈچۈن 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى Cydia غا قوشۇپ (ئۇلانمىنى ئېچىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ)، AppSync  دەپ ئىزدەپ تېپىپ، سېستىمىڭىزغا ماس كېلىدىغىنىنى تېپىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا iTunes ئارقىلىق نورمال قاچىلانمايدۇ.

تەۋسىيە: مەڭگۈلۈك ھەقسىز تور دېسكىسى DBank نى ئىلتىماس قىلىڭ. 8-ئايلىق پائالىيەتكە قاتناشسىڭىز 1 يىللىق VIP سوۋغا قىلىنىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



4 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. كۆپ جاپا تارتىپسىز :bingo: :bingo: :bingo: :bingo:

  2. ئەگەر ئايپاتەم گە قاچىلىساق ئاپتۇماتىك چوڭ ئېكرانلىق قوللامدۇ ياكى شۇنىڭ HD نۇسخىسىنى چۇشۇرۇش كېرەكمۇ؟

    • Universal دېگەن 1 نى چۈشۈرسەك ھەرئىككىلىسىگە تېتىيدۇ دېگەن گەپ. ئايفونغا قاچىلىساق كىچىك، ئايپەدتە يوغان چىقىدۇ. ئەپنىڭ لوگوسى ئۈستىدە قوشۇش بەلگىسى بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى Universal ئەپ بولىدۇ. بۇنى بىلىۋېلىڭ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش