تۈرمىدىن قاچۇرۇش جۇڭگودا %90 لىك نەتىجە بىلەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرسا كېرەك. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايفوننى بازاردىن ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ يوق ھېساپلاشماستىن بىلمەيلا ئىشلىتىۋېرىدىكەن. مەن بۇنداق ئادەمدىن خېلى كۆپلىرىنى ئۇچراتتىم. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ياخشى، قاچۇرغانكەن قاچۇرغاندەك ئىشلىتىپ ئاچچىقىنى چىقارغانمۇ ياخشى. تاز بولساڭ گەدەنگىچە

بۈگۈن دوسلار بىلەن بەھرلىنىدىغان يەنە بىر قىزىقارلىق ئەپ بار. ئەلۋەتتە، بۇمۇ Cydia دا. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بلوگدا قىستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېكران رەسىملىرىنى كۆرگەندە دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. مېنىڭكىدە ئۈستى تەرەپتە 中国移动 ياكى 中国联通 دېگەن جاينىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە پاسىبان دەپ يېزىلغان. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان بولساڭلار ئۈستىدىكى قىستۇرما رەسىمگە قارىساڭلار بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ جايدا تېلگىراف شىركىتىنىڭ نامى بولىشى كېرەك. لېكىن بۇنى Cydia دىكى FakeCarrier دەيدىغان ساختا تېلگىراف نامىنى يازىدىغان ئەپ بار. بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن بۇ جايغا تولا كۆرۈپ زېرىكىپ كەتكەن ئۇ 4 تال خەتنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز چىرايلىق ئۇيغۇرچە خالىغانچە خەت يېزىۋالساق بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. بۇنى قاچىلاشنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاشلا ئاددىي. ئاۋال Cydia نى ئاچىمىز. ئېنگلىزچە بولسا Manage دىن Source نى، خەنچە بولسا 管理 دىن 软件源 نى باسىمىز. مەنبەگە BigBoss نىڭ مەنبەسىنى قوشقانمۇ يوق قاراپ باقىمىز. ئەگەر قوشمىغان بولساق ئادرىس: http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/ نى قوشۇڭ. ئەگەر قوشۇپ بولغان بولساق، يۇقارقى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتمەي بىۋاستە ئىزدەيدىغان جايغا Fake Carrier دەپ ئىزدەڭ:

ئۈستىدىكى 1-رەتتە تېپىلغىنى شۇ. مەن قاچىلاپ بولغانلىقىم ئۈچۈن توغرا بەلگىسى چىقىدۇ. مۇشۇنى قاچىلىۋېتىڭ.

SpringBoard نى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ئاساسى بەتتە Fake Carrier نى ئايكونى پەيدا بولىدۇ. شۇنى بېسىپ ئىچىگە كىرىڭ. ئەڭ ئۈستىدىكى Fake Carrier دېگەن جايغا ئۈستىدىكى رەسىملەردىكىدەك خالىغانچە خەتلەرنى يېزىپ بولۇپ Set نى بېسىڭ. ئۆزگەردىمۇ؟ :-D Fake Time ۋە Show BatteryLevel دېگەن جايلىرى بۇرۇن ئىشلەيتتى. ۋاقىت ۋە باتارىيە دەرىجىسىنىمۇ ئۆ‍زگەرتكىلى بولاتتى. يېڭى نەشىرىدە بۇ ئىقتىدارلىرىنى ئېلىۋەتتىمۇ، ئىشلىمەس بوپقاپتۇ.

ئەمدى AT&T نىڭ نامىغا ئۆزگەرتىۋېلىپ «مەندە ئامېرىكىنىڭ كارتىسى بار جۇمۇ!» دەپ، «مارس تېلېگرافى» دەپ ئۆزگەرتىۋېلىپ يەنە بىرنېمىلەرنى دەپ دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە پو ئېتىپ يۈرمەڭ يەنە! :cute:

ئۇيغۇرچىنى قانداق يازدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەيدىغانسىز؟ ئەلۋەتتە پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى ئارقىلىق يازىمىز. ئادرېسى : /u/ بۇ ئەپمۇ ئۇيغۇرچە قوللايدۇ، ئەلۋەتتە.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



20 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. قالتىس ““““’قالتىس“““’ :good: :good:

  2. يەنە دىسەم يەنەشۇ….ئاۋۇ ماشىنا بىلەن تېلفۇننىڭ سۈرېتىچۇ؟…..ئايرىم-ئايرىم يوللاي دىگەنما ئۇنى؟!

    • ئېگىسى نېمىگە قىزىقسا ئايفون ئاشۇنى بىلىپ قوشۇپ قويىدىغان ئوخشايدۇ :evil:

    • ئۆزى قوشۇپ قويىدۇ دېسە ، يۈزىنىڭ قىلىنلىقىنى ما پاسىبانىمنىڭ :lol:

    • پاسىبانكا دىمەكچى بولغانلىرى( بۇمىنىڭ شەخسى قىززىقىشىم تولا سوراۋەرمە :oh,no: ) دىگەن مەنىدىما؟!…..ئاندا چۇپەيلىشىپ كەتمەيلى دەيمە؟! ئىي سىلى قىززىققانغا بىزمۇ قىززىقىپ قويىمىز!!! ماندا سۆزلاپ قويسىلا ھەمبەھرلەن مەيمىزما؟ :curse:

    • خەتنى قانداق يازىمىز دەپ سورىغانمۇ يا سۈرەتنى قانداق چىقىرىمىز دەپ سورىغانمۇ؟ مەن ئۆزلە دېگەنگە جاۋاب بەردىم. گەپ-سۆزگە سەل دىققەت قىلايلى ھە! مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە يارىشا تۇرمۇشۇم خىزمىتىم بار ئادەممەن. ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بىلگىنىمنى تەڭ بەھرلىنىۋاتىمەن. تور بەت قۇرۇپ يىلدا 100 كوي تاپسام بولامدىكىن دېگەن خىيال يوق بىر كىشىدە. ھەم بلوگ يېزىپ پۇل تاپتى دېگەننى ئاڭلىغانمۇيا؟ شۇ بىلگەننى تەڭ بەھرلىنەيلى دېمىسەم مېنىڭمۇ چېچىمدىن تولا ئىشىم بار ئىدى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەنە باشقا بىر شەھەردە ئۆزلەگە جاۋاپ يېزىۋاتىمەن. مۇشۇنداق تىنىم تاپماي ئالدىراشچىلىق، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدە مۇشۇنچىلىك قىلىۋاتقىنىم ئۆزۈم ئۈچۈن خېلى چوڭ بىر ئىش. بولمىسا مېنىڭ ھېچكىشىدىن قەرزىم يوق ئىدى. مېنى كەچكىچە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئايفون ئويناپ رەسىمگە تارتىپ يۈرۈيدىغان ئادەم ئوخشايدۇ بۇ دەپ قالغان چېغى بەزەنلەر! ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان گەپ قىلمايلى ھە!

  3. مەن ھازىر شۇ تاپتا كاللامدا ئۇ يەرگە نېمە خەۋەرلىشىشى دەپ يازسام بولار دەپ ئويلاۋاتىمەن :roll:
    پاسىبانىمغا كۆپ رەھمەت .

    ماڭا نېمە بولدى ۋوي ….. نەچچە كۈندىن بىرى پاسىبان كۇلۇبىدىن كېتەلمەيۋاتىمىنا ، بۇخىل سىھرىي كۈچ ئالمىدىن كەلگەنمۇ ياكى پاسىبان كۇلۇبى شۇنداق يەرمۇ :-D :-D

    • سەۋەپ بولغىنى ئالما ، ئىككىنچى قىلىپ بلوگنىڭ پەيزىلىقى، ئۈچۈنچى پاسىبانكامنىڭ خۇشخۇي ،ئىللىق ،ھەممىگە بابباراۋەر مۇامىلىسى،….. ئىشقىلىپ جېق :!: ۋوي! 8-O جېق سۆزلەپ قويدىممۇ نىمۇ 0.0 :roll:

  4. رخمەت پاسبانكامغا، بىزنى نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەردار قىلدى

  5. قاراڭلا سىلەرنى… :( بىر ئوبدان مەنپەئەت تىگىۋاتقان ئادەمنى رەنجىتىپ قويغىلى تاس قاپسىلەمانا.بىز پاسىبان ئەپەندىگە ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمەيمىزغۇ.!ھېچ بولمىسا چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەھمەت ئېيتمامدۇق

  6. ۋۇخا خا خا خا … مارىس تىلىگىرافى … ئا خەتلەنى كۆرۇپ تازا كۇلۇپتىمەن …

  7. 移不动 بىلەن 联不通 تېلىگىرافىغا مەن دىققەت قىلماپتىمەن جۇمۇ ، بۇ ئۇسۇلمۇ بولغۇدەك .
    مەن ھازىرلا 联不通 تېلىگىرافىغا ئۆزگەرتىۋالاي ، چۈنكى كارتام 联通 نىڭ ئەمەسمۇ :o))):

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    مەن بۇ ياماقنى قاچىلاپ ئاندىن ئىسمىنى ئۆزگەرتسەم ئۆزگەردى،
    ئەمما كىيىن باشقا ئىسىمغا ئۆزگەرتەي ، ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوياي دىسەم بولمىدى،
    قايتىدىن باشقا ئېىسىمنى يېزىپ بولۇپ سېت ۋە رېسىت ھەر ئىككىسىنى بېسىپ باقساممۇ ئوخشاش ، مەن دەسلەپتە كىرگۈزگەن ئىسىملا ھېساب بولۇپ تۇرىۋالدى،
    ئايفونۇمنى باشقىلارغا كۆرسىتەلمەي يۈرىمەن ….. :o))):

  9. مەنمۇ ئۆزگەرتىۋالدىم… ‹ ئاق ئالما › دەپ… چۈنكى ئالمام ئاق ئەمەسمۇ…. ھې ھې ھې :-D

  10. سىزنىڭكىدە ئۈستىدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇرمال چىقىدىكەن ، مىنىڭكىدە ئەگرى-دوناي چىقىۋالدى قانداق ئوڭشايمەن.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش