ئىلگىرى AppStore دا 3 دوللاردىن قىزغىن سېتىۋېلىنغان بۇ چاياندەك ئەپنىڭ ئايفون نۇسقىسىنى بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىپتۇ. مەن ئايفوننى دەسلەپتە ئىشلەتكەن ۋاقىتلىرىمدا 91 دىن چۈشۈرۈپ سىناپ باققان ئىدىم. ھازىرقى نەشىرى تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ كۆركەم ئىكەن. بۇ ئەپ سىزنىڭ ئايفون ياكى ئايتاچىڭىزنى بىر دانە سىمسىز مائوسقا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مائوسلا ئەمەس. كونۇپكا تاختىسىنى ئايفوننى بىر ئۈستىگە سىلكىش بىلەنلا پەيدا قىلالايسىز. ئاستىغا سىلكىسىڭىز كىرىپ كېتىدۇ. سىلكىگەندە كونۇپكا تاختىسى چىققان چاغدىكى ئاۋاز «شاق! شاق!» قىلىپ بەك پەچەت چىقىدۇ تېخى. ئادەمنى بەك نوچى بىر نەرسىنى ئىشلىتىۋاتقاندەك ھىسياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. :-D

بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى بولسا Wifi سىمسىز تورى ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا ئۇلىنىپ، كومپىيۇتىردىكى قاچىلانغان باشقۇرۇش پروگراممىسى ئارقىلىق كومپىيۇتىرىڭىزنى ئوخشاش يەرلىك توردىكى ئايفونىڭىزغا ئۇلايدۇ. شۇڭا 1 دانە 路由器 دىن چىققان يەرلىك توردا خىزمەت قىلىدۇ. كومپىيۇتىرغا قاچىلايدىغان پروگراممىنى بۇ توربەتكە چىقىپ مۇناسىپ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

ماس كېلىدىغان سېستىمىلار :

- (Mac OS X Tiger/Leopard/Snow Leopard (Intel/PPC

- (Windows XP/Vista/Windows 7 (32/64bit

ئېكراننى يانتۇ قىلىش ئارقلىق مائوسنى تېخىمۇ چوڭ قىلغىلى بولىدۇ. 快速启动 نىڭ ئىچىدىكى دائىم ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىمىزنىمۇ بايقىيالايدىغان بولۇپ، بۇنى شاق! قىلىپ كونۇپكا تاختىسىنى چىقىرىپ، تاختىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى جاينى بېسىپ كۆرەلەيمىز. تاختىدىن قالغان ئىقتىدارلىرىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ بىلىۋالالايسىز. كومپىيۇتىردىكى باشقۇرۇش پروگراممىسىدىن تىزلەتمە كونۇپكا تەڭشەپ بىرلا بېسىپ بەلگىلەپ قويغان پروگراممىنى قوزغىتىش ئىقتىدارىمۇ بار. ئىشقىلىپ بەكلا قولاي بىر ئەپ. ئىشقىلىپ قولدىن بېرىپ قويماڭ!

ماۋۇسى مېنىڭكى. پروگرامما لوگولىرى قارىماققا ئايفوندا XP دىن كۆپ چىرايلىق كۆرىنىدىكەن.

ئەپ ئىسمى : Mobile Mouse Pro

ياسىغان شىركەت : RPA Tech INC

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 5.7 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ پروگراممىنىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



12 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. پاسىبان ئەپەندى بۇدېتال ھەقلىق ئىكەنغۇ ؟كىچىكىپ قالدىممۇ نىمە
    ئەمدى ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولماسمۇ؟
    يانفۇننى ما ئۇسنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشنى دەيمەن

  2. چۈشۈرۈش ئادرىسىنىڭ ئاستىدىكى قىزىل رەڭلىك ئەسكەرتىشنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ھەق ئېلىشقا باشلايدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا چۈشۈرىۋېلىشىڭىز كېرەك ئىدى. بۇندىن كىيىن بۇ يەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ ھە!
    پايدىلىنىپ قالسىڭىز كۈندە كىرىپ ئېلانلارنى چېكىپ تۇراسىز. كۈندە پەقەت بىرلا قېتىم ھە :cute:

  3. پاسىبان ئەپەندى مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ،iTunes Store 帐号ئەزا بولالمىدم.ئېمالنى توغرا دېدې .مىما كىرگۈزسەم بىردەم 1نى ئاز كىرگۈزۈڭ دەپ چىقتى ئاز كىرگۈزسەم 8دىن كەم بولمىسۇن دەپ چىقتى ئىش قىپ……………….. :…: توردىن پايدىلنىش ماتريالى چۈشۈرگەن بولمىسا.توۋەندىكىدەك بوپ قالدى

    • قانداق بولۇپ قالغانلىقىنى دېمەيلا يوللاپسىز. مەن ئۆزۈم چۈشەنگەندەك قىلىمەن.
      مەخپى نومۇر تاللىغاندا چوقۇم 1 تال چوڭ ھەرپ، 1 تال كىچىك ھەرپ ۋە 1 تال رەقەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 خانىلىق مۇرەككەپ پارول سېلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن: Abcd1234 ياكى aNwar2011 دېگەندەك. بۇ قائىدە ھىساۋات نومۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى چىقىپتۇ. بۇرۇن تىزىملاتقاندا قاتار قىلىپ 6 خانە رەقەم يازسىمۇ بولىۋېرەتتى.

  4. پاسىبان ئەپەندى تاسلا قاپتىمەن ،itunesئەزا بولۇپ خوشلۇقۇمدا ،رەخمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ ،قالغىلى .ياردىمىڭىزدە ،كىردىت كارتا ئشلەتمەيلا .ئامېركا دۇكىنىغا تىزىملاتتم.رەخمەت سىزگە :) :rose: :)

  5. پاسىبان ئەپەندى ،ئايفۇننى كومپىيۇتۇرغا ئۇلماي ؛ئايتۇنېستن كومپىيۇتېرغا ئويۇن دېگەندەندەكلەنى چۇشەگىلى بولامدۇ :?:

    • مۇشۇ بېرىلگەن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى چەكسىڭىزلا بىۋاستە ئايـتيۇنىس ئېچىلىدۇ. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش مۇددىتى ئۆتۈپلا كەتمىگەن بولسا ئويۇننىڭ لوگوسى ئاستىدا FreeApp دېگەن يەرنى كۆرىسىز. بۇ ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنى چەكسىڭىز چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. تۇنجى قېتىم چۈشۈرگەندە بايا تىزىملاتقان ھىساۋات نومۇرىنى توشقۇزۇپ 记住我的密码 دېگەن يەرنى توغرا قىلىپ 获得 دېگەننى باسسىڭىز چۈشۈرۈشنى باشلايدۇ. ئايفوننى چېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
      بۈگۈن يوللىغان ئويۇننىڭ تېخى ھەقسىز ۋاقتى ئۆتمىدى. چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر ئايفوندا مۇشۇ بەتنى زىيارەت قىلغان بولسىڭىز بىۋاستە ئايفونغا قاچىلايدۇ. كومپىيۇتىردا زىيارەت قىلىپ چۈشۈرۈشنى باسسىڭىز ئايتۇنىسقا چۈشۈرىدۇ.
      ئايتۇنىس ئارقىلىق ئويۇن قاچىلاش توغرىسىدا بىر ماقالە يوللىغان ئىدىم. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئايتۇنىستىكى چۈشۈرگەن نەرسىلەرنى ئايفونغا قاچىلاشنى كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

  6. پاسىبان ئەپەندى ئايتۇنىس ئارقىلىق ئويۇن قاچىلاش توغرىسىدا بىر ماقالە يوللىغان ئىدىم. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئايتۇنىستىكى چۈشۈرگەن نەرسىلەرنى ئايفونغا قاچىلاشنى كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.دېگەنتىڭز ماقالىڭز نى تاپالمىدمغۇ :?:

    • ماۋۇ ئويۇن قاچىلاش كۆرسەتمىسى
      /20101227437.html
      ماۋۇ PDF ئېلكىتاپ قاچىلاش كۆرسەتمىسى
      /20101227398.html
      ئۈسىتىدىكى ئىزدەش دېگەن يەردىن ئىزدەپ باقسىڭىزلا تاپالايتتىڭىز ئەمەسمۇ. بۇ خېلى بۇرۇنقى ماقالە بولغاچ ئاخىرىدىراق چىقىپ قالىدىكەن.

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،

    بۈگۈن بۇ ئەپ نى قاچىلاپ سىناپ باققانتىم ، بولىدىغان دېتال ئىكەن جۇمۇ ،

    ئۆيدە WiFi بار ئىدى، ، شۇنداق نوچى ئىشلەيدىكەن ،

    ئەمما خەت باسقاندا ئېكراندا ماس قەدەمدە ماڭماي ، ئاۋال ئايفوننىڭ ئېكرانىغا چىقىۋېلىپ ئاندىن سەل ئۆتكەندىن كىيىن كومپىيوتىر ئېكرانىغا چىقىدىكەن . بېسىلىۋاتقان خەت ئېكراندا ماس قەدەمدە چىقىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولامدۇ ؟

  8. يەنە بىر ئىش ،. مېنىڭ ئايفونىمدىكى مائۇس تىزىملىكىدە ئۇنچە كۆپ دېتاللار كۆرۈنمىدى، ئۇ دېتاللارنى تىزلەتمە تىزىملىككە قانداق قوشىمىز ؟

  9. مەن كومپيۇتېر ۋە ئايفون نۇسخسىنىڭ ئىككىلىسىنى قاچىلاپ سىناپ باقسام ئۆز-ئارا پەقەت ئۇلانمىدى، نىمە سەۋەبتۇ…؟ بولمىسا مەنمۇ Wifi ئىشلىتىمەن ئادەتتە… بولسا ئۆز-ئارا ئۇلاشتا دىققەت قىلىدىغان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز….؟!

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش