دۇنيادا Steve Jobs باشلاپ قويغان ئالما دەۋرى يۈكسىلىۋاتىدۇ. 5~4 يىلنىڭ ئالدىدا Apple دېگەن بۇ نامنى ئالدىمىز ئېشىپ كەتسە iPod لىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ياكى ئىشلىتىپ باققان بولساق، كەينىمىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئەمدىلىكتە IT ساھەسىدە ئەڭ كۈچلۈك كارخانا بولالىدى؟
ئانالىزچىلارنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ئالما تېلىفونى – iPhone نۆۋەتتە دۇنيادىكى تېلىفون ساھەسىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ %52 ىنى ئېگەللەيدىكەن. بۇنىڭ مەنىسى دۇنيادا تېلىفون سېتىپ تاپقان پۇلدىن 100 كوي بار دېسەك شۇنىڭ 52 كويىنى ئالما تاپىدۇ دېگەن گەپ. شۇنى ئېنىق بولىشى كېرەككى، بۇ ھەرگىزمۇ «ئەقىللىق تېلىفون» ساھەسىدىكى سىتاتىستېكا ئەمەس، پۈتكۈل يان تېلىفون ساھەسىدىكى ستاتىستېكا.
مىقدار جەھەتتە Apple نىڭ مەھسۇلاتلىرى تېلىفون ساھەسىدە %4 كىمۇ يەتمەيدىكەن. ئالما شىركىتى تا بۈگۈنگىچە تېخى 5 تاللا تېلىفون ئېلان قىلدى. بۇ سان – MOTOROLA, SAMSUNG قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بەزى چاغلاردا 1 ئايدا ئېلان قىلىدىغان يېڭى تېلىفونلىرىنىڭ سانىغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق ئامىللار iPhone نى شۇنچە بازار تاپقۇزغاندۇ؟
يۈكسەك باھامۇ؟ ياق!
ئەمەلىيەتتە iPhone نىڭ باھاسى قىممەت ئەمەس. ئەگەر سىز ئىلگىرى مۇشۇ باھادىكى بىر قانچە تېلىفون ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز، ئاندىن iPhone ىڭىزنى تازا چۈشىنىپ يەتكىنىڭىزدە ھېس قىلىسىز. راست، iPhone قىممەت ئەمەس! لېكىن بىز بۇ يەردە بۇنى تالاشمايمىز.
ئالما شىركىتى مەھسۇلات تۈرىنى ئازلىتىش ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئالما شىركىتى مەھسۇلاتىنىڭ بىردەكلىككە، تۈرىنىڭ كۆپ بولماسلىقىغا ئېتىبار بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېڭى لايىھە تۈزۈشكە چىقىم كەتمەيدۇ.
زاپچاسلار بىر خىل قېلىپتا نەچچە مىىليون دانە، ھەتتا نەچچە يۈز مىليون دانە ياسىلىدۇ. بۇنچە كۆپ ياسىغاندا زاپچاسنىڭ باھاسى ئىنتايىن ئەرزان پۈتىدۇ. بۇ جەھەتتە خىراجەتنى يەنە ئازايتالايدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، مەھسۇلاتلار ئاددىيلىقنى تەرغىب قىلىنغان ھالدا ياسالغان. خاسلىق ساقلانغان. بۇ خىل ئالاھېدىلىك رېمونت ۋە قوشۇمچە زاپچاسلارغا كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە يەنە كۆپ چىقىم ئازىيىدۇ. بۇنى يۇقارقى رەسىمدىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز.
SAMSUNG شىركىتىنىڭ تېلىفونلىرىغا قاراپ باقايلى. 40 نەچچە خىل تېلىفوننىڭ سىرتقى كۆرىنىشىدىن باشقا رەڭگى، ئانا تاختىسى، كونۇپكىلىرى … ئىشقىلىپ نۇرغۇن جايلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈۋالالايمىز، بىچارە SAMSUNG شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نېمە دېگەن زور بېسىم ئاستىدا يۈرۈيدىغاندۇ ھە؟ بۇ تېلىفونلارنىڭ زاپچاسلىرىنىڭ نېمىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىچارە ئۆزىمۇ بىلمەيدىغۇ دەيمەن.
ھەر بىر كىچىك زاپچاسنى ئايرىم-ئايرىم بۇيرۇتۇپ ياسىتىدىغان، مەلۇم مىقداردا زاكاس قىلىدىغان گەپ. مىقدارى ئاز بولسا باھاسىمۇ ئۆرە بولىدۇ. بۇ دەر ھەقىقەت.
ئالما شىركىتى بىر پەسىلدە 17 مىليون دانە تېلىفوننى ساتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زاپچاسلارنى 3 ئاي بۇرۇنلا زاكاس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن SAMSUNG نىڭ سېتىۋېلىش بۆلۈمى مۇدىرىمۇ ھەتتا ئەتە قانداق زاپچاسلارنى كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى، كېلەر ھەپتە ئاللىقانداق يېڭى نۇسقىلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
يەنە بىر سەۋەب شۇكى، iPhone نىڭ لايىھەسى ھەممىگە ياقىدۇ. شۇ بىر لايىھەدىكى تېلىفون، بازاردىكى نەچچە يۈز خىل تېلىفونلارنى ئارقىغا چۆرۈپلا تاشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېتىش مىقدارىمۇ چوڭ سەۋەب بولىۋاتىدۇ. پايدا ئاز بولغان تەقدىردىمۇ نەچچە ئون مىليون، نەچچە يۈز مىليون دانە سېتىش… بۇ كىچىك سان ئەمەس!









































راس گەپ قىلسام بەزى باشقا يازما ۋە بۇ يازمىلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىدىن iphone نى كۆتۈرۈپ باشقا تىلفۇنلارنى چۈشۈرگەندەك ھىس قىلدىم ، ئەمدى ھەممە ئادەمنىڭ ئوي پىكىرى بىر خىل بولمىغاندىكىن يۇقىرقىدەك پەرىق كىلىپ چىقىدىغان گەپ ، ئالما ھەر قانچە ئىلغار ، ھەر قانچە پىششىق بولسىمۇ يەنىلا ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىشى بولىدۇ ، نىمىشقىكىن مۇشۇ ئالمىغا پەقەت قىزىقمايمەن ، iphone 4 نى بىر مەزگىل ئىشلىتىپ باقتىم ، قەتتى كۆنەلمىدىممەن ، بۇ ئىنكاس قۇسۇر تىپىش مەقسىتىدە يىزىلمىدى ، پەقەت ھىس قىلغانلىرىمنى يازدىم ، نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي …
ئېيتقانلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق. بىراق، ئالمغا باشقا ئەقىلفونلار تۇتقان پوزىتسىيە تۇتۇلسا شۇنداق زېرىكىدىغان ئىش چىقىشى ئېنىق. ئەمما ئالمىنى ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ 10 نىڭ 9 ى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇ نوقۇل تېلېفون بولۇشتىن ئىبارەت پاسسىپ قاراشنى ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىغان. ئۇنىڭغا يېڭىچە كۆز، يېڭىچە ئىدىيە بىلەن قاراش كېرەك، كەينىمىزگە ئەمەس بەلكى ئالدىمىزغا قاراش پوزىتسىيەسىدە بولساقلا ئالمىدىن زېرىكمەيمىز.
مەن تۇنجى قېتىم ئالما 4 يانفونى ئالغاندا قولۇمدا Nokia N8 بار ئىدى. ئالمىنى ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش… تەڭ ئادەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتەلمەي زېرىككەنلىكىمنى ھازىرمۇ ئېتىراپ قىلىمەن. شۇ چاغدا N8 چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئالمىنى ئالغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلغان… ئەمما نېمىشقىدۇر، N8 نى (باشقا ئەقىلفونلارنى ئىشلەتكەندىمۇ شۇنداق بولغان) ئىشلىتىپ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى زېرىكىپ قالاتتىم. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۈزلۈكسىز ئەقىلفون ئالماشتۇرۇش كېسىلى يۇققانىدى… ئەمما شەرت قىلىۋاتقاندەكلا باشقا ھەر قانداق تېلېفون ئۇز كۆرۈنسە شۇنى ئالاتتىم-يۇ، ئالما ئالماپتىكەنمەن. بولمىسا باشقىلارنىڭ قولىدا كۆرسەم ئۇز كۆرۈنەتتى. شۇنداق قىلىپ مەن ئالما بىلەن ئەڭ كېيىن ئۇچراشقان بىر ئەقىلفون ھەۋەسكارى بولۇپ قالدىم. ئالما ئىشلەتكەندىن باشلاپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئىشلەتكەنسېرى ئامراق بولۇپ قالىدىغان، خىسلىتىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلدۇرىدىغان، مەڭگۈ سېھرىي كۈچىدىن قالمايدىغان ئەقىلفون يەنىلا ئالما ئىكەن. ئالما ئىشلەتكەندىن بېرى باشقا ئەقىلفونلارنى ئىشلىتىپ بېقىش خىيالىدا بولۇپ باقمىدىم. ئەمەلىيەتتە مەن ئالما ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئاندىروئىد، Win Mobile، Symbian قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ئەڭ نوچى يانفونلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ باققان. ئاخىرى بېرىپ مۇشۇ پۇچۇق ئالمىدا توختاپ قالدىم.
مەنمۇ بۇ سۆزلىرىم بىلەن ئالمىنى ماختاپ باشقا ئەقىلفونلارنى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلمىدىم. بۇمۇ مېنىڭ ئالما ئىشلىتىۋاتقان بىر يىلدىن بىرى ھېس قىلغانلىرىم، خالاس!
2008-يىلىغۇ دەيمەن تۈنجى قىتىم ئايپود كۆرۈپ سۈزۈكلىگى..سەزگۈر ئىكرانى،نىپىزلىگىگە ھەيران قالغانتىم…ئات تاپقۇچە ئىشەك مىنىپ يۈرگەندەك ئالما تىلفۇنغا ئىرىشكۈچە نوكىيا5800 ئىشلىتىپ يۈردۈم ئىككى يىل ئۆتمەيلا ئالما تىلفۇننىڭ باھاسىمۇ خىلىلا چۈشۈپ بىزنىڭ قولىمىز يەتكىدەك ھالەتكە كەلدى…قانچىنجى ئەۋلاتنى سىتىۋىلىشنى مەسلەھەت قىپ يۈرگەن ۋاقىتتا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ4-ئەۋلات تىلفۇننى سىتىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ سىتىۋالدىم ،باھاسىنى ئاڭلىغان خىزمەتداشلىرىم نىمانچا قىممەت دىيىشتى..چۈنكى بۇ بىر تىلفۇن پۇلىغا جوڭگودا ئىشلەنگەن زاپەر تىلفۇندىن 100-200 تىلفۇن سىتىۋالغىلى بولاتتى… قىممەت دىيىشتىيو قولىغا ئىلىپ كۆرۈپ باققانلار بىر بىر- بىردىن 2-3-ئەۋلات ئالما تىلفۇنى سىتىۋىلىشتى…..
باشقىلارنېمە دېسە دىسۇن ، مەن iphoneنوقۇل ھالدىكى يانفون دەپ قارىمايمەن ، كەمىنە يانفون بىلەن رەسمى ئۇچىراشقىلى 15 يىل بولاي دەپ قاپتۇ ، تاكى ھازىرغىچە رەڭسىز تېلېفوندىن تارتىپ ، رەڭلىككىچە ، زاپەر تېلېفوندن تارتىپ ، ئەقلىفونغىچە ھەممىنى ئىشلىتىپ باقتىم ، ئەڭ رازى بولغىنىم iphone .
مەن iphone نى يۇقىرى تېخنىكا ، كومپىيۇتېر ، يانفون ۋە سەنئەتنىڭ ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن بىرىكتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايمەن .
قايسى بىر ماقالىدە ئۇقۇغان ئىدىم، ئالما شىركىتى بىرىنجى ئەۋلاد يانفون بازارغا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يېڭى ئەۋلاد يانفوننىڭ يېڭى لاھىيىلەردىن بىر قانچىنى تاللاپ چىقارغان.ئاندىن دەسلەپكى نۇسخىسىنى ياساپ پۈتتۈرگەن ۋە ئىچكى قىسىمدىن ئون نەپەر باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىنى تاللاپ،مېڭە دۇلقۇنلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق قايسى نۇسخىسىدىكى يانفوننىڭ بەكرەك قىزىقىش قوزغايدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن.شۇڭلاشقىمۇ بىز ئۆزىمىز ئىشلەتسەك ئانچە چىرايلىق كۆرۈنمىگەن بىلەن باشقىلارنىڭ قولىدا كۆرسەك چۇقۇم بەك چىرايلىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن.
چاقچاق بولسىمۇ شۇنداقراق ئويلىدىم..
ئالما شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى مەنچە يانفون ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئەمەس،سىرلىقلىقى ۋە سىتىۋ جوبىس بولدى. ئۇندىن قالسا بىزلەردەك ھەۋەسكارلارنىڭ ھەقسىز ئېلانى بولدى.بىلىپ بىلمەي ئالمىنى ماختاپ تەييار ئېلان ئىشلەپ بېرىمىز. چۈنكى بىز رازى بولغان.ئاندىن باشقىلار ئاڭلاپ سېتىۋالىدۇ،ئەمما ئۇلار ئىشلىتەلمەي خاپا بولۇشىمۇ مۇمكىن.ئىشقىلىپ بۇ دەۋىر ئەمدى ئاياغلاشتى.سىتۋجوبىس ئۆزىنىڭ قاتتىق-قوللۇقلىقى بىلەنلا ھەر قېتىم خېلى مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلاتتى.تەلەپكە يەتمىسە تارقىتىشقا قۇشۇلماي ۋاقىتنى سۈرۈپ،تېخىمۇ قىزىقىش قوزغايتى.بىر چالمىدا نەچچە پاختەكنى سوقۇپ.
بۇ قېتىم iphone 4s تارقىتىلغاندا توكى يىتىشمەسلىكى ۋە باشقا نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى سەپرا جوبىس ئاڭلاپ تېخىمۇ بەك سەپرا بولۇپ،ئالەمدىن كەتكەنمىكىن دەيمەن…….
بۇنىڭدىن كىيىن ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئالمىدىكىلەر ئادەملەرنىڭ «ئەگىشىش» پىسخىكىسىدىن پايدىلاندى. iPhone نى قانچىلىك ماختاڭ ئۇ يەنىلا بىر تېلىفۇن! ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، يەنە شۇ يانفۇننىڭ ئورنىدا سىزگە خىزمەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە كىچىك ئىقتىدارلارنىڭ سىزگە قولايلىق يارىتىدىغىنى راست، ئەمما ئۇ سىزگە قانچىلىك قولايلىق يارىتىپ كەتكەندۇ؟ ئەمدى سىز 24 سائەت يانفۇن ئوينايدىغان ئادەم بولسىڭىز بەلكىم سىز جىق ھوزۇر بەرگەندۇ، ئەمما ماڭا ئوخشاش كۈندە 1-2 قېتىم تېلىفۇن ۋە قىسقا ئۇچۇر بېلەن ھەپىلىشىپ، ئازراق تورغا چىقىدىغان، ئويۇن ئوينىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن iPhone ئۆزى بىر ئارتۇقچە نەرسە! iPhone ئىشلىتىپ كىم بىر تىلغا ئالغۇدەك چوڭ ئىش قىلىپ باقتى؟ ۋاقت ئىسراپچىلىقى خالاس!
ئايفون سىزگە قاتتىق ئىسراپ بولىدىكەن. ىسز ئايفوننى تامامەن چۈشەنمەيدىكەنسىز ياكى قىممىتىنى ھىس قىلمايدىكەنسىز. سىزگە ئايفوننى 1000 يۈەنگە بەرسىمۇ قىممەت كۆرىسىز. سىزگە 200 يۈەنلىك نوكىيا ياكى سامسۇڭ بولسا بولىدىكەن. بۇنداق بىر كىشى ئۈچۈن ئايفۇن بىر ئىسراپچىلىق. شۇڭا سىز قاپىقىڭىزنى ساتقاچ نوكىيارىڭىز بىلەن ئۇچۇرىڭىزنى يوللاپ تورىڭىزغا چىقىۋىرىڭ.
قاپاق ساتقۇچە قاپاق كاللا بوپ قالدىمۇ نىمە بەزەنلەر؟ ھىلى قوي مىجەز دەپ، ھىلى يەنە بىر نىمە دەپ. قول يەتمىگەن ئۈزۈمغۇ ئاچچىق زادى