ئالمىنىڭ گوگلغا يۈرگۈزگەن سىتراتېگىيەلىك جېڭىدىكى تۇنجى قەدەم - سىرى

Apple بىلەن Google نىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ. iPhone تارقىتىلغان ۋاقىتتا Google ئالمىنىڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچى شىركىتى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئالما شىركىتى Google دىن ئىزدەش، خەرىتە، Youtube دېگەندەك كۆپلىگەن Google مەھسۇلاتلىرىنى iPhone غا بىرلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى.

 

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە Google مۇ يانفون ساھەسىگە كىرىپ كەلدى. مۇشۇ سەۋەبلىك ئىككى شىركەتنىڭ مۇناسىۋېتىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ئالمىنىڭ شۇ چاغدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Steve Jobs (ستىۋ جوبس) HTC ياسىغان Android تېلىفوننى كۆرۈپ، Google نىڭ كەڭ كۆلەمدە ئالمىنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خاپا بولغان ۋە Google غا قارشى «ئاتوم ئۇرۇشى» قوزغاپ Android نى يوقۇتۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

شۇنىڭدىن كىيىن Android سۇپىسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. ھازىرقى كۈنلەردە بولسا ئەقىللىق تېلىفونلارغا ئەڭ كۆپ قاچىلانغان يانفون سېستىمىسى بولۇپ قالدى. iOS بولسا 2-ئورۇنغا ئۆتتى. Windows Phone نىڭ نەتىجىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغۇچىلىكى يوق. webOS بازاردىن يوقۇلۇش ھالىتىدە، BlackBerry نىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن iOS ۋە Android باشقا رىقابەتچىلىرى ئىچىدە ناھايىتىمۇ ئالدىدا.

Goolge غا تايىنىۋېلىش ھازىرقى دەۋىردە ئالمىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئالما ئۆزىنىڭ كەڭ ئابونتلىرى بىلەن Goolge غا 250 مىليون ئىشلەتكۈچى تېپىپ بېرىۋاتىدۇ. ئالما ئەگەر كاللىسىنى ئىشلەتسە ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىگە بۇنچە كۆپ پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپمۇ تاشلىيالايدۇ.

Siri ۋە ئىزدەش

iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان «كاتىپى» بار بولدى. ئەڭ دەسلەپ iPhone ئېلان قىلىغان چاغدا Google شىركىتى ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە ئىقتىدارى بىلەن Microsoft نىڭ ئىزدەش مۇلازىمېتى Bing ئۈستىدىن غالىب كەلگەن ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ چاغدا Google تېخى Android نى ئېلان قىلمىغان ئىدى. ئەگەر ئېلان قىلغان ۋاقىتتا بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئىش ئەلۋەتتە باشقىچە بولغان بولىشى مۇمكىن ئىدى.

Siri ئارقىلىقمۇ ناھايىتى قولاي ھالدا ئىزدەش مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئىزدەش ماتورى يېڭىچە بولۇپ، ئالما ئاستا-ئاستا Google دىن يىراقلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. سىرىغا ئىشلەتكەن ئىزدەش مۇلازىمېتىنى Yelp ۋەWolfram Alpha دەيدىغان ئىككى ئورۇن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئاۋاز ئارقىلىق نەتىجىگە بىۋاستە ئېرىشىلىدۇ.

سىرى ئارقىلىق رېستۇران، تاماقخانا ئىزدەشكە بولىدۇ. گەرچە Google دىمۇ بۇ مۇلازىمەت بولسىمۇ، ئالما سىرىغا Yelp شىركىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرنى باغلىۋەتكەن. سىرى ئەڭ دەسلەپ ئېلان قىلىنىۋېدى، بۇ ئىككى ھەمكارلاشقۇچىنى تاپتى. ئەگەر سىرى داۋاملىق مۇكەممەللىشىپ، كىشىلەر ئۇنى ئىشلىتىشكە راۋۇرۇس كۆنسە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلاشقۇچىلار پەيدا بولىدۇ.

سىرىنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. Google نىڭ CEO سى ئېرىك شىمىت Eric Schmidt مۇ يېقىندا بۇنىڭغا ئىقرار بولۇپ «سىرى Google نىڭ ئىزدەش ساھەسىدىكى ئورنىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت» دېدى.

سىرىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان شىمىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار ئۆتكەن يىل 6-ئايدا ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىنى ئۇزارتقان. لېكىن ئاللىقاچان iOS 4 تە ئىزدەش ماتورىنى Google ياكى Bing قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدىغان ھالەتكە كېلىپ بولدى.

خەرىتە

خەرىتە iOS نىڭ يىلتىزىغا ئورناپ كەتكەن. بۇ بولمىسا iOS iOS بولماي قالىدۇ. ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە Google شىركىتىنىڭ خەرىتە ئۇچۇرلىرى ئۆزىدىن باشقا پەقەت ئالما شىركىتىگىلا تەۋە ئىكەن. يەنى Android تېلىفونىدىن سىرت پەقەت iOS كىلا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. مەسىلەن HP نىڭ TouchPad كە بۇ ئۇچۇرلار تەمىنلەنسە بولمايدىكەن.

Google پەقەت خەرىتە ئۇچۇرلىرى، ئورۇن ۋە سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى تەمىنلەيدىكەن. بۇنى بىر تەرەپ قىلىش يەنىلا ئالمىنىڭ ئۆزىدىكى ئىش ئىكەن. 2009-يىلىدىن باشلاپ ئالما شىركىتى GEO Team دەپ ئاتىلىدىغان گورۇپپا تەشكىللەپ مەخسۇس خەرىتە پروگراممىسى ياساشقا باشلىغان. شۇ يىلى Placebase دەپ ئاتىلىدىغان خەرىتە ئېچىش شىركىتىنى سېتىۋالغان. 2010-يىل 7-ئايدا Google نىڭ رىقابەتچىسى Poly9 نى، 8-ئايدا 3D لىك خەرىتە ئېچىش شىركىتى C3 Technologies نى سېتىۋالغان. ئىشقىلىپ شۇ يىللاردىن كىيىن ئالما شىركىتى توختىماي خەرىتىدە Google نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشقا تېرىشىۋاتىدۇ.

بۇ يىل يىل بېشىدا iPhone نىڭ ئارقا سۇپىدا ئىز قوغلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ئالما تەرەپ چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىش ئارقىلىق يېڭى بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇلازىمەتنىڭ كەلگۈسى 2 يىل ئىچىدە كۆپچىلىك بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ مۇلازىمەت قاتناش ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پىشىپ يېتىلگەندە يېقىن مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنكەن.

Youtube

Youtube نىڭ ئالمىغا تەسىرى چوڭ ئەمەس. بۇ ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان فىلىملىرىنى يوللايدىغان، ھەمبەھرلىنىدىغان بىر سۇپا. كۆپلىگەن كىشىلەر Youtube دىكى فىلىملەرنى FaceBook ۋە  Twitter قاتارلىق تور بەت يۈزلىرىدىلا كۆرىدۇ.

Google نىڭ Youtube غا ياسىغان ئەپلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى. لېكىن بۇ Google غا ئېلان كىرىم يارىتىپ بېرىشتە رول ئوينىمايدۇ. بەلكى iOS كە تېخىمۇ پايدىلىق. كەلگۈسىدە گەرچە ئالما iCloud ئارقىلىق فىلىملەرنى توردا ساقلاش دېگەندەك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش خىيالى بولسىمۇ، بۇ شەخسلىشىپ كەتكەچكە Youtube غا ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ.

Google غا بولغان تەسىرى

بەزىلەر سورىشى مۇمكىن. Google Android نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى iOS تىن خېلىلا كۆپ تۇرسا، نېمىشقا Google بۇنىڭدىن شۇنچە ئەنسىرەيدۇ؟

StatCounter دېگەن سىتاتىستېكا ئورگىنىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا دۇنيادا %97 يانفون ئابونتى تېلىفوندا ئىزدەش ئۈچۈن Google نى ئىشلىتىدىكەن. مۇشۇ ساننىڭ ئۆزىلا Google نىڭ يانفون ئىزدەش ساھەسىدىكى پادىشاھلىق ئورنىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. لېكىن بۇنىڭ ساق 3/2 سى iOS ئابونتلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ Android ئابونتلىرى ئەمەس ئىكەن.

ئەگەر ئالما Google نى بۇ ساھەدە پەسكە ئۇرىمەن دەپقالسا ئۇنىڭغا بۇ ئاسان توختايدۇ. شۇ سەۋەپلىك مىكروسوفتنىڭ Bing مۇلازىمىتى يانفون ئىزدەش ساھەسىنىڭ باش سەردارىغا ئايلىنالايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا Google نىڭ ئىزدەشتىن كېلىدىغان ئېلانىغا قانچىلىك تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

نۆۋەتتە Google نىڭ پەقەت يانفون ئىزدەش كەسپىدىكى ئېلاندىن قىلىدىغان كىرىمى 2 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ پۇلنى تېپىپ بېرىدىغانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىم ئابونتلىرى iOS ئىشلەتكۈچىلىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئالما Google نى سىقىپ چىقىرىش سىتراتېگىيەسىنى جانلىق يۈرگۈزۈپ قالسا Google غا كېلىدىغان زىيان 3/2 دېگەن بۇ ساندىن خېلىلا كۆپ بولىدۇ.

كەلگۈسى

ئالمىنىڭ Google مەھسۇلاتلىرىنى iOS تىن ئايرىپ تاشلاش، Google غا بېقىنىۋالماسلىق سىتراتېگىيەسىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغىنى ئېنىق. قانچىلىك ئايرىش، قانچىلىك ئايرىيالاش … بۇنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىلىمىز. لېكىن Google يانفون ساھەسىدىكى رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، Google ناھايىتى زور كۈچ بىلەن Android سۇپىسىنى تەشۋىق قىلىشى، كېڭەيتىشى لازىم.

مەنبە: Google

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. گۇگىل خەرىتە رەسىملىرىنى بىر يېڭىلىسا بولاتتى 2007.يىلدىكى رەسىمنى ساقلاۋەرمەي

  2. Jobs ھايات ۋاقتىدا مۇخبىرغا: ئەگەر شۇنداق بىر زۆرۈرىيە تېپىلسا ئىدى، ئالمىنىڭ بانكىدىكى 40 مىليارد مەبلىغىنى چىقىرىپ Android نى يەر يۈزىدىن پاك-پاكىز سۈپۈرىۋەتكەن بولاتتىم- دەپتىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىشى. بىزگە نىسبەتەن رىقابەت قانچە كۈچلۈك بولسا شۇنچە ياخشى. ئالمىنىڭ ھەقىقەتەن خەرىتە يۇمشاق دېتالى تەتقىق قىلىۋاتقىنى راست. ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭكىگە باغلايدىغان، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئالقىنىدىن چىقارمايدىغان ئالمىلىقلار ئۈچۈن، بۇ كەلگۈسىدە ھامان يېتىپ كېلىدىغان بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ.
    iPhone 5 يەنە قانداق ئىنقىلابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ مېنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

    • شۇنداق. ئۇلار قانچە رىقابەتلەشسە بىز ئىشلەتكۈچىلەر شۇنچە پايدا ئالىدىكەنمىز. رىقابەتچىسىنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى. بۇلارمۇ بىر-بىرىنى دوراپ، تولۇقلاپ مۇكەممەللەشكىلى تۇردى.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش