ئىنتايىن ئوماق ئەپ - «ۋاقىتنى تارتىش»

App Store دا ئەپلەرنىڭ تۈرىمۇ، سانىمۇ دەھشەت سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. كىشىنى خوش قىلىدىغىنى شۇكى، بۇ تەرەققىيات پەقەت بىر خىللا شەكىلدىكى ئەپلەرنى لايىھەلەشكە ئەمەس، ئادەمنىڭ كاللىسىغا كەلمەيدىغان، ئەقلىنى لال قىلىدىغان بىر شەكىلدە بولۇشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى بۇ ئەپنىڭ لايىھەسىمۇ كۈچلۈك ئىجادچانلىققا ئېگە ئىنتايىن ئوماق بىر ئەپ.

بۇ ئەپنىڭ لايىھەسى App Store دىكى ئوخشاشلىشىش دولقۇنىنىڭ سىرتىغا قېچىپ چىققان بىر شەكىلدە. بۇ ئەپ ئەمەلىيەتتە بىر ۋاقىتنى تەتۈر سانايدىغان ۋە قوڭغۇراقلىق سائەتئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئېگە.


لېكىن ۋاقىت توغرىلاشتا بۇرۇنقىدەك سائەتنى رەقەم بىلەن توغرىلاپلا قويماستىن، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى «تارتقۇ» نى ئاستىغا سۆرەپلا ئەكەلسەك بولىدۇ. قايسى ۋاقىتقا توغرىلانغىنى ۋە ئۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى شۇ ھامان كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز خالىغان جايغا كەلگەندە قويۇۋەتسەك ئىش تامام.


ۋاقىت توغرىلاش مانا مۇشۇنداق ئاددىي. كۆرۈنمە يۈزىمۇ بىز دائىم كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان كونا شەكىلدە ئەمەس. UI نىڭ كۆركەملىكىگە ئەپ ياسىغۇچى ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن.


بۇ ئەپ ئارقىلىق يەنە ھەر كۈنى سائەت مانچىدە ئەسكەرتىش بەر دەپ تەڭشەپ قويغىلىمۇ بولىدۇ.

ئەپ ئىسمى : Pull Time 2

ساتقۇچى : d’mind project

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 20.0 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ما تېمىغا راستىنلا تېخىچە ئىنكاس چۈشمەپتا ؟ ھەممەيلەن مۇنبەر ئوينايدىغان بوپ كەتتىمۇ نېمە ؟

  2. ۋاي پۇللۇق بوپ كىتىپتۇ

  3. كىچىكىپ قاپتۇق ئەمەسما … 30 كويلاق ئەپتىن قۇرۇق قاپتۇق …

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش