تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئېلان قىلغان 4.2.1 نەشىرىدىكى بەزى يوچۇقلارنى ئالما يەنە ئالدىراپ-تېنەپلا 4.3.2 دەپ ئاتالغان يېڭى نەشىرنى ئېلان قىلىپ قايتا يامىدى. تام ئېگىزلىگەنسىرى ئىت يامانلىشىپتۇ دەپ، خاككىرلىرىمىزمۇ بوش كەلمىدى. يېڭى نەشىر ئېلان قىلىنىپ پەقەت قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە بۇنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى.
بۇنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرى ئىلگىرى بىز يوللىغان iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى (رەسىملىك) دېگەن تېمىدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت يېشىش قورالى ئوخشىمايدۇ. تۆۋەندە iOS 4.3.2 گە كېتەرلىك دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەيمەن.iOS 4.3.2 گە ماس كېلىدىغان قاتتىق دېتاللاردىن 3-ئەۋلاد iPhone ، iPhone 4 GSM، iPad 2، iPad ۋە iPod touch نىڭ 3-، 4-ئەۋلاد نۇسقىلىرى بار. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىپ مۇناسىۋەتلىك ئورگان تەرەپ بولىقىنىڭ 4.3.2 نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ.
ئايپەد 1 : 4.3.2 (8H7)
ئايپەد 2 WiFi نۇسقىسى : 4.3.2 (8H7)
ئايپەد 2 WCDMA + WiFi نۇسقىسى : 4.3.2 (8H7)
ئايپەد 2 CDMA + WiFi نۇسقىسى : 4.3.2 (8H8)
3-ئەۋلاد ئايفون : 4.3.2 (8H7)
ئايفون 4 : 4.3.2 (8H7)
3-ئەۋلاد ئايپود تاچ (ئايتاچ) : 4.3.2 (8H7)
4-ئەۋلاد ئايپود تاچ (ئايتاچ) : 4.3.2 (8H7)
بۇ ئۇلانمىلاردىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولاقنى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن ئەڭ يېڭى iOS 4.3.2 نەشىرىنى مەخسۇس يېشىدىغان قورال Redsn0w 0.9.6rc14 نى چۈشۈرۈڭ. rc14 نۇسقىسى ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى بولۇپ، بۇ ھازىرقى ئەڭ يېڭى iOS 4.3.2 نەشىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ. ئۇلانما ئادرىسىدىكى Win بولسا Windows نەشىرى، mac بولسا Apple Mac نەشىرى. ئۆزىڭىزگە ماس نەشىرىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ نەشىرىمۇ ئالدىنقىسىغا ئوخشاشلا قۇلۇپى بار نەشىردىكى ئايفونچىلار، بولۇپمۇ قۇلۇپى بار ئايفون 4 ئىشلىتىۋاتقانلار ئاۋايلاپ ئىش كۆرگەي. چوقۇم TinyUmbrella ئارقىلىق مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. قۇلۇپى يوق ئايفونداشلار يېڭىلاۋەرسە بولىدۇ.
خوش، يۇقارقىلارنى ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆرۈڭ. بۇ ئۇلانمىدىكى iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى بولۇپ، قىستۇرغان رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى مۇشۇ نەشىرگىمۇ ماس كېلىدۇ. پەقەت يېشىش قورالى پەرق قىلىدۇ. شۇڭا رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشنى iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى (رەسىملىك) دېگەن تېمىدىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ.









































ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى.مەن يانفۇنۇمنى itunesبىلەن دەسلەپ تۇنۇشتۇرغان ۋاقىتلاردا global navigationدەيدىغان بىر دېتالنى چۈشۈرگەن ئىدىم.يول باشلاش سېستىمىسى ئىكەن بىر مەزگىل ياخشى ئىشلەتكەن ئىدىم.يېقىننىڭ ياقى ئىشلىمەس بولۇۋالدى ئۆچۈرۋېتىپ قايتىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش…ئويلاپ باقسام يانفۇننىڭ نەشرىنى 4.3.1گەكۆتۈرگەندىن كىيىن ئىشلىمىگەندەك قىلىدۇ.بۇرۇنقى نەشرىدە ئىشلىگەن نەرسە كىيىنكى نەشرىدە ئىشلىمەيدىغان ئىشمۇ بولامدۇ ؟
….
ئەگەر سىلى بىلىدىغان باشقىراق يول باشلاش سېستىمىسى بولسا مەلۇم قىلىپ قويسىلا بوپتىكەن
凯立德导航系统 ياكى 高德导航系统 مۇشۇ ئىككىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ھەم ئەڭ تولۇق يول باشلاش سېستىمىسى. چوڭلۇقى ھەر ئىككىسىنىڭ تەخمىنەن 1.5 GB ئەتراپىدا كېلىدۇ.
凯立德导航系统 نىڭ ئالما دۇكىنىدىكى سېتىۋېلىش ئادرىسى:
http://itunes.apple.com/cn/app/id363966906?mt=8
高德导航系统 نىڭ ئالما دۇكىنىدىكى سېتىۋېلىش ئادرىسى:
http://itunes.apple.com/cn/app/id324101974?mt=8
سىز دىگەن win نۇسخىسى بىلەن mac نۇسخىسىنى تازا چۈشەنمىدىم؟! ئىككىسىنىڭ نىمە پەرقى بار شۇنى دەپپىرەمسىز؟!
بىرسى Windows نۇسقىسى، يەنە بىرسى Mac نۇسقىسى. سىز Windows نۇسقىسىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. Mac دېگەن ئالما كومپىيۇتېرنىڭ ئاتىلىشى.
كۆپ سىنىدىم لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرالمىدىم……چۈشۈرگىنىم ۋىن نۇسخىسىتى بولمىسا…ياردېم قىلىۋېتەمسىز…. يەنە بىرسىگە ئايفۇننىڭ ھازىرقى نەشرى 4.3.2 مەن بۇنى قايتىلاپ 4.3.1 نەشرىسىنى قاچىلايدەپمۇ قاچىلىيالمىدىم….بىزلە بىلمەيدىغان ئامال چارىلە بولسا ئېيتىپ بېرېمسىز…كۆپچىلىك تەڭ ھوزۇرلانساق…رەھمەت .ئاۋار ە قىلدىم….
4.3.1 نىڭ SHSH سىنى زاپاسلىغان بولسىڭىز ۋە ئەسلىدىكى ئورگان تەرەپ بولىقى بولسا قايتۇرغىلى بولىدۇ. قاچىلاش ئۇتۇقلۇق بولسا سېستىما نەشىرى تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن مودېم نەشىرى تۆۋەنلىمەيدۇ. مەن بۇنى سىناپ باقمىغان ئىكەنمەن. ماۋۇ ئادرىستىكى ئۇسۇل بويىچە سىناپ بېقىڭ
http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-645718.html
ئەمما مىنىڭ ئىشىم چاتاق بولدى دەڭلا پاسىبانكا….. كومپىيوتىرمدا java قوزغالمايدۇ…. TinyUmbrella مۇ قوزغالمايدۇ……(سېستىما win7 7600 ultimate) ئىلگىرى 4.3.1 نى ئۆزلىرى كۆرسەتكەن بويىچە بىر ئوبدان تۈرمىدىن قاچۇرۋالغان دەڭلا….ئەمدى ماۋۇ 4.3.2 نەشىرنى چىقىرشىغىلا نەشىرنى كۆتۈرۋاپتىكەنمە …بۇنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسسۇلىنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆزۇم بىلەن كۈتتۈم …ئەمدى بولسا تۈرمىدىن قاچۇرالمايۋاتىمەن…نەشىرنى 4.3.1 گە چۈشۈرۈپ شۇنى ئىشلىتەي دىسەم ،بولغان ئىش شۇ (shsh نى زاپاسلىمىغان)…. ھە_____ي
كومپىيۇتېر Java نى قوللىمىسا http://www.java.com/zh_CN/ دىن چۈشۈرسەك بولىدۇ. يېڭى نەشىرىگە قورقماي يېڭىلاۋەرگىنىڭىزگە قارىغاندا سىزنىڭ قۇلۇپى يوق نەشىردىكى ئايفون ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولسا TinyUmbrella نىڭ ۋاستىسىسىز تېمىدا كۆرسىتىلگەندەك بىۋاستە تۈرمىدىن قاچۇرىۋېرىڭ. TinyUmbrella نى SHSH نى ساقلىۋېلىشقىلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا سىزگە ئىشلىمەيدۇ. چۈنكى سىزنىڭ قۇلۇپى يوق ئايفون
چۈشەنمىدىلا ھە ……سىز تەمىن ئەتكەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى ( redsn0w_win_0.9.6rc14) ئاچتىم (browse ) نى باستىم ، سىز كۆرسەتكەن سېستىما بۇلىقى (iPhone3,1_4.3.1_8G4_Restore) نى تاللاپ بەردىم ،ئەڭ ئاخىردا كۆزنەكنىڭ ( تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالىنىڭ كۆزنىكىنىڭ) ئوتتۇر قىسمىدا unable to recognize IPSW دىگەن خەت چىقىۋالىدۇ…مەشغۇلاتىم توختايدۇ شۇنىڭ بىلەن…….
ئوغاۋالىنى!
redsn0w_win_0.9.6rc14 دېگەن مەخسۇس iOS 4.3.2 نى يېشىدىغان تۇرسا، ئەكىلىپ 4.3.1 نى يەشكۈزسەك ئەلۋەتتە بولمايدۇدە. ئۆزىمىزنىڭ ئالمىمىزغا ماس كېلىدىغان IPSW قۇيرۇقنامىدىكى سېستىما بولىقىنى چۈشۈرۈپ شۇنى تاللاپ بېرىپ ئاندىن قاچۇرىلى تۈرمىدىن. ئۆزلە تۈرمە دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ تۈرمە باشلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا كۆسىلە… بۇنداق قىلساق شۇ توختاپ قالىدىغان ئىش با
خاتا بوپقاپتۇ ….خااتا يېزىپتىمە…. :…: ئەجەپ سەتلەشتىما….
شۇ iOS 4.3.2 تى….4.3.1 دەپ ……….
ئەسلى ماۋۇتتى iPhone3,1_4.3.2_8H7_Restore …ئىككىلىسى بىريەدىتتى كۆسلە….