كەسپىي فوتوگراف ئاپاراتلىرى بولغان يەككە رېفلىكىسنىڭ زاتۋور ۋاقتىنى نەچچە ئون سېكونت، ھەتتا نەچچە مىنۇت تەڭشىگىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن تەڭشەش ئارقىلىق ئاپاراتنىڭ ئالدىدا ھەرخىل رەڭدە نۇر تارقىتىدىغان نەرسىلەرنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگىچە رەسىملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەنمۇ ئىلگىرى ئاپاراتنىڭ ئالدىدا ئايفوننىڭ چاقمىقىنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ خەت يېزىپ باققان ئېدىم.
مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قاتار رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق فىلىم ئىشلەش بۇلارنىڭ خىيالىغا قانداق كەلدىكىن، قاملاشقان بىر ئېتىشۋازلىق فىلىمى پەيدا بوپتۇ. فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر كارتون فىلىمدىكىدەك ناھايىتى ئوماق، ئوبرازلىق بولۇپ، ئاۋازمۇ ناھايىتى ياخشى ماس كەلگەن.
ئايفون، ئايپەدتە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار