ئەزەلدىن كارتون فىلىملەرگە ناھايىتى يېقىندىن دىققەت قىلىىپ كېلىمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو تۈرىم. بۇ يىل ئەتىيازدا قويۇلغان RIO نىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن، مېنىڭ تەبىئەتكە ۋە ئاشۇ ئوماق جانىۋارلارغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئاشتى.
فىلىمدىكى باش قەھرىمان بلۇ ئامازون ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ئەركىن ياشايدىغان شاتۇتى بولۇپ، فىلىمنىڭ بېشىدىلا ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئىنسانلار تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىپ شىمالى ئامېرىكىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. كىيىن لىندا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئەتىۋارلىق دوستىغا ئايلىنىپ ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن كىتاب دۇكىنىنى ئېچىشىپ بېرىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە برازىلىيەلىك ئەتىۋارلىق قۇشلار تەتقىقات ئورنىدىكى بىر كىشى بلۇدىن ئىبارەت بۇ قۇش تۈرىنىڭ دۇنيادا پەقەت مۇشۇ بىر دانە ئەركەك جىنسلىقى قالغانلىقىنى، ئۇلار برازىلىيەدە چىشىدىن بىرنى تېپىپ قويغانلىقى، ئۇ ئىككىسىنى جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتايىتەن برازىلىيەدىن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بلۇنىڭ رىئودى-ژانىرودىكى سەرگۈزەشتىلىرى باشلىنىدۇ. فىلىم باشتىن ئاخىرى يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق ھەم ئوماق كۆرۈنۈشلەر بىلەن داۋام ئەتكەچكە ئوغلۇممۇ بۇ كىنونى نەچچە ئون قېتىملاپ كۆرۈپ بولدى.
بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمى: (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)
بۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسقىسى تېخى چىقىپ بولالمىدى. ئەگەر BD 1080P لىك نۇسقىسى چىقىپ قالسا ئاللاھ خالىسا چوقۇم ساقلاپ قويىمەن. تۆۋەندە بۇ كىنونىڭ 720P لىك سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي. سۈزۈك فىلىمگە ئامراقلارچۈشىرىۋېلىڭلار:
كىچىكىمدىن ئائىلىدە باقىدىغان ئەرمەك ھايۋانلارغا بەك ئامراق بولغاچقا، بەكلا جىق ھايۋانلارنى بېقىپ بېقىپتىمەن. يېقىندا بىرزات ھەكىمنىڭ ئۆيدە بىر-ئىككى ئەرمەك ھايۋان بېقىپ قويسا پەرزەنتلەرنىڭ مېھر-مۇھەببەتلىك بولۇش پىسخكىسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، بىنا ئۆي بولسىمۇ مۈشۈك باققۇسى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئوغلۇمغا بىرەر خىل جانىۋارلارنىڭ ئېلىپ بېرىش ئويىغا كەپقالدىم. دەل مۇشۇ پەيتتە بلۇ ئېسىمگە چۈشتى ۋە ئىلگىرى ماڭا بەكلا كۆنگەن بىر شاتۇتىم بولىدىغان، شۇ ئېسىمگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شاتۇتىنى تاۋباۋ تورىدىن سېتىۋالدىم.
لېكىن بۇ شاكىچىكلەر بەكلا قورقۇنچاق كېلىدىكەن. جۇغى كىچىك بولغاچقىمېكىن، قېچىپلا يۈرۈيدۇ. قولغىمۇ تەستە كۆنىدىغان ئوخشايدۇ. ئالغاندىن كىيىن چوڭراقىنى ئالاي دەپ ئىزدەپ كۆرسەم چوڭراق شاتۇتىلارنىڭ باھاسى بەكلا قىممەت ئىكەن. گەپ قىلىدىغانلىرى تېخىمۇ شۇنداقكەن.
جۇغى چوڭلىرىدىن ئۈستىدىكى رەسىمدىكى رەڭدار تۇتىقۇش كۆپرەك ئۇچرايدىكەن. باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن 40~50 مىڭ يۈەنگىچە بار ئىكەن. كۆندۈرۈلگەنلىكى، گەپ قىلىش قىلالماسلىقى، رەڭلىرىگە قاراپ باھاسىمۇ ھەرخىل ئىكەن. بەزىلىرى گەپ قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپتۇ. بەدەن ئۇزۇنلىقى 70~100 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىكەن. بۇلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىپ ئۆزلىرى كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغاچقا ئېگىسىگە بەكلا يېقىن ئىكەن. 40~50 يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
مۇشۇ كىنونىڭ تۈرتكىسىدە شاتۇتىغا يەنە بۆلەكچە ئىشتىياق باغلاپ قالدىم. روزا ھېيتتا دوستۇمنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىللە خاڭجۇ ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىغا بېرىپ ئويناپ كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئەقىللىق جانىۋارلارنى خېلى ئوبدانلا كۆندۈرۈپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ بۇ خىل تۇتىقۇشنى قىممەت بولسىمۇ زادى بىر بېقىش قارارىغا كەلدىم. قىممەت ئالساق ساتقاندا يەنە قىممەت ئالىدىكەن ئەمەسمۇ.
ئەقىللىق جانىۋار شاتۇتىنىڭ بىر قانچە قىزىقارلىق ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
RIO فىلىمىدىكى سەلبى ئوبراز رولىنى ئالغان نايجىل ئىسىملىك ئاق تاجلىق شاھتۇتى «ئۇسۇل ئويناش ئىنسانلارنىڭ پاتېنتى ئەمەس» ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويدى. (03:25 تىكى جايى سىننىڭ يورۇق نوقتىسى، دىققەت قىلىڭ)
(ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)
سېنېگال شاتۇتىسى شاتۇتىلار ئىچىدە خېلى ئەقىللىقى بولۇپ بۇ ئېگىسىنىڭ مەشىق قىلدۇرىشى بىلەن ئىنتايىن چېچەن بىر جانىۋارغا ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ رەڭ تونۇشىغا قاراڭ. (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)
بۇ جانىۋارنىڭ ئەپچىللىك بىلەن «قارىغا ئېتىشىنى» كۆرۈڭ… (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)
بۇ جانىۋرا كىشىنىڭ بەكلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىكەن… (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)
بۇنداق مەشىقلەرنى قانچە ئۇزۇندا قىلىپ بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ سىننى كۆرۈپ مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەقىللىق جانىۋارىم بولغان بولسا دەپ قالدىم … (ئايفون ۋە ئايپەدتە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)
ئىلگىرى مودەن شاتۇتى دەپ ئاتىلىدىغان جۇغى كىچىك بىر شاتۇتى باققان ئىدىم. قەپەس ئوچۇق تۇراتتى. ئەتىگېنى ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ كەچتە كېلەتتى. دان ۋە سۇلىرىنى قەپىزى ئىچىگە سېلىپ بېرەتتىم. ماڭىمۇ شۇنداق كۆنگەن. ئۇنىڭغىمۇ ئەركىنلىك بېرەلىگىنىمدىن شۇنداق خۇش بولغان ئېدىم. كىيىن مەھەللىمىزدىكى بىر كەپتەرۋاز تۇتىۋېلىپ يوقاتتى. بازارغا چىقسا 40~50 كويغا ئالمايدىغان قۇشنى نېمە قىلاركىن تاڭ، سوراپ كىرسەم بەرمەسلىكىنى بىلىپ كىرمەيلا قويدۇم. بىچارە قۇش شۇنىڭ بىلەن يوقىغان بولدى.
شۇ ئۆتمۈشلىرىمگە بلۇنىڭ كىنوسىنى قوشۇپ قايتىدىن شاتۇتى بېقىش، باققاندىمۇ چوڭراقىنى بېقىش ئويىغا كېلىپ قالدىم. ئارىمىزدا چوڭراق شاتۇتى بېقىپ باققىنىڭلار بارمۇ؟ قانداق تەسىرات ۋە تەجرىبەڭلار بار؟ ئورتاقلاشساق …









































تۇتىقۇش ، شاھتۇتى … مۇشۇ ئىسىملىرىمۇ گۈزەل بۇ قۇشنىڭ. بىر دوستۇمنىڭ تاغىسى بېقىپ قوياتتى. مەن تازا سەپسالمىغانكەنمەن.
تاۋباۋدىن قانداق سىتىۋالىدۇ..خەنزۇچە نىمە دەپ ئىزدەيمىز … مەن مۇ بىلىق بىقىشنى ئويلىغان بىراق ئۆي پۇراپ قالامدىكى دەپ باقمىدىم.. شاھتۇتى بىقىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن..بىر نەۋرە ئىنىم تورغاي باقىدۇ
玄风鹦鹉 دەپ ئىزدەيمىز. ماۋۇ ئادرېستىن سېتىۋېلىڭ. شىنجاڭغا ئېۋەتەمدۇ يوق بىلمىدىم. مەن مۇشۇنىڭدىن ئالغان http://goo.gl/U5UIT
قارىسام يىۋۇدا تۇرىدىغاندەك قىلىسىز مەنمۇ يىۋۇدا، فوتودىن باشقا قىزىقىشىمىز ئوخشاشكەن، بولسا ئارىلىشىپ ئۆتىلى.