2-دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىمدە كىچىك قىز لۇسىي مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناۋېتىپ باشقا بىر غايىۋانە بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاكا-ھەدىلىرىمۇ كىرىدۇ. گۈزەل نانىيا دۆلىتىگە پادىشاھ بولىۋالغان ئايال پېرخوننى تۆتەيلەن ئادىل پادىشاھ ئارسلاننىڭ ياردىمىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ نانىيالىقلارغا قايتىدىن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ كىنونىڭ ھەر بىر قىسمىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي كىنوخانىدا كۆرۈپ كەلدىم. ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىملارغا قىزىقىدىغان خاراكتىرىم بىلەن 1-سىنى تۇنجى قېتىم كىنوخانىدا كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن مەندە ئاجايىپ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. شۇندىن بۇيان نەچچە رەت كۆرۈپ چىققىنىمقىمۇ بىلمەيمەن. بۇ كىنونىڭ 2-سى، يېقىندا 3-سىمۇ چىقتى. لېكىن يەنىلا 1-سىگە يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم. شۇ چاغلاردا قۇتياردىكى rock بىلەن تەرجىمە ئىشلىرىنى تاماملىغان ئىدۇق. ئارىلىقتا تور بىرمەزگىل تاقالغاندىن  كىيىن ئۇمۇ تەڭ غايىب بوپتۇ. مېنىڭ قاتتىق دېسكاممۇ يۈتۈپ ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى يوقلا بولدى. بۈگۈن شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىكى سەركەردىلەر بۇنى قايتىدىن روياپقا چىقاردى. گەرچە ھازىر 3-سىمۇ چىقىپ بولغان بولسىمۇ 1-سىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى يەنىلا يوق. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



5 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەنمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان فىلىمدە بۇ!
    ئىككىنچى قىسمى زادى يارىمىدى، ئۈچۈنچى قىسمىدا ئازراق يېڭىلىق بار، ئەمما يەنىلا بىرىنچى قىسمىغا كۆيىمەن :beauty:

  2. مەنمۇ بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن پاسىبانغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، خەتلىك فىلىم ئىشلىرىمىز دەل سىلەردەك جاپاكەش دوستلارنىڭ ياردىمىدە ھازىرقىدەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە كەلتۈرىۋاتىدۇ

  3. ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆرەمەن دەپ كىرسەم ماۋۇ ئىككەيلەن ئولتۇرىۋاپتىيا ؟؟؟
    بوپتىلا مەن يۇۋاش بولغاندىن كىيىن كەينىدە ئولتۇرۇپ كۆرەي :appoint:

  4. يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ 3 – بۈلىمىنى كۆردۈم ، پەقەت ياخشى ئىشلىمەپتۇ ، يەنىلا 1 ، 2 بۈلىمى ياخشى ئىكەن :right:

  5. يووووووووو…….ئالامەت ،،،،، دەسلىۋىدە بۇ كىنونى كۆرگىنىمدە بۇنى كىم تەرجىمەقىلدى ، كىم تەھرىرلىدى، ھېچنىمىسىنى ئۇقمايلا كۆرۇپ تىكەنمە…..تېخى‹بۇنى تەرجىمە قىلىپ يۈرگۈچە ئاۋازلا بېرىپ ئىشلىسىچۇ› دەپ ياراتماي يۈرۈپ تىكەنمە…ھازىر ئويلاپ باقسام ئاۋاز بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن بىركىنونى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەشكە نۇرغۇن ۋاقىت ، زېھن كىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم… :oh,no2: بىزگە مۇشۇنداق نادىر كىنو-فىلملا نى تەرجىمەقىلىپ ھوزۇرىمىزغا سۇنغان ۋە سۇنىۋاتقان ئۇستازلارغا كۆپ رەھمەت… :rose: :kungfu:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش