شەھەر كوچىلىرىدا قىستاڭچىلىق بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزى ئىخچام، چاققانغىنە كىچىك تىپتىكى ماشىنىلار بىزنىڭ ياخشى تاللىشىمىز بولالايدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئالالايدىغان ماشىنىلار تېمىسىدا ئالدىنقى قېتىم سۇزۇكى SX4 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئېدىم. بۇ قېتىمقىسى شۇنىڭ بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولغان خوندانىڭ فىت دېگەن ماشىنىسى.
1.5 لىك ۋە 1.3 لىك 2 خىل ماتور سەپلەنگەن فىتنىڭ ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن ماتورىنىڭ كۈچى خېلى يامان ئەمەس. 1.3 لىكنىڭ ئات كۈچى 98 ، 1.5 لىكنىڭ بولسا 118 ئات كۈچى بار. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ بىرەر ماشىنىسى بولغان بولسا 118 ئات كۈچىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلار كەم دېگەندە 2.4 لىك ماتور لايىھەلىگەن بولاتتى. خوندانىڭ ماتورلىرى ئات كۈچىنىڭ يۇقىرى بولىشى بىلەن ماشىنا چاپتۇرىدىغانلارنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر. لېكىن بىر كەمچىللىكى، ئۇ يۇقىرى ئايلىنىشتا ئاندىن كۈچ بېرەلەيدۇ. يەنى، تولغىنىش مومېنتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى 2~3 مىڭ ئارىسىدا ئەمەس، 4~5 مىڭ ئەتراپىدا.
سىناق قىلىنىشىچە 1.5 لىك ماتور سەپلەنگەن فىت بىلەن 0-100 كېلومىتىرلىق سۈرئەتكە چىقىش ئۈچۈن پەقەت 10.8 سېكونت ۋاقىت كەتكەن. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى نەتىجە. بۇ تېخى ئاپتۇماتىك خوتلۇق ماشىنىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئەگەر قول خوت بولغان بولسا تېخىمۇ تىز بولاتتى.
خوندانىڭ ماشىنىلىرى ھەقىقەتەن چىرايلىق. ھىچ بولمىسا مەن شۇنداق دەپ قارايمەن. مەيلى سۋىك بولسۇن، مەيلى ئاككورد بولسۇن، مەيلى ئوۋديەسسىي، مەيلى ماۋۇ فىت … ئىشقىلىپ پەچەت لايىھەلەپ قويىدۇ. ئىچكى بېزىلىشىمۇ شۇنداق. مۇشۇ باھادىكى بىر قەدەر چىرايلىق ماشىنا دېيىشكە بولىدۇ.
ئەگەر 3~4 نوپۇسلۇق كىچىك ئائىلىگە مىسال ئالساق، ئائىلە بويىچە سىرتقا ئوينىغىلى بېرىپ قالغاندا ئارقا تەرەپنى بۇ شەكىلدە قاتلاپ تېخىمۇ كەڭرەك بوشلۇققا ئېرىشەلەيمىز. يول بويى بۇنىڭ ئۈستىگە كۆرپە سېلىۋېلىپ بالا-چاقىلىرىمىز بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گازىر-پۇرچاق چاققاچقىنە مېڭىپ كەتسەك… ئەلۋەتتە، بۇ بىخەتەر بولمىغان ئۇسۇل. پەقەت مىسالغا ئېلىپ قويدۇم خالاس. ئۇزۇن يولدا يەنىلا ئورنىمىزدا ئولتۇرۇپ بىخەتەر تاسمىنى باغلىۋالغان ئەلا.
كىچىككىنە بۇ ماشىنىغىمۇ ئايرو-دېنامىكا ئىلىمىغا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ئۇششاق لايىھەلەر سىڭدۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، دىققەت قىلساق ئۇ يەرلەرنى بايقىيالايمىز.
ئىلگىرىكى نەشىرلىرىنى يېڭىلاپ ئالدى-كەينىنى تەخسىلىك تورموزغا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن، تورموز سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشىلانغان بولۇپ، سىناق قىلىش ئارقىلىق 100 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تورموزلىغاندا 40.8 مېتىردا توختىغان. بۇ نەتىجە ئادەمنى تولىمۇ رازى قىلىدۇ.
مەلۇماتلاردىن بىلەلەيمىزكى، قىتلانمىدىن چىققان فىت ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سىناق نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، 131 كېلومېتىر يول يۈرۈش ئۈچۈن #93 لىك بىنزىندىن 9.5 لېتىر سەپ قىلغان. بۇ ئەمەلىي سىناق بويىچە ھېساپلىغاندا 100 كېلومېتىرغا 7.25 لېتىر بېنزىن كەتكەن. توردا ئېيتىلىۋاتقان ماي سەرپىياتى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا تەمىنلىنىدۇ. ئەمەلىي ماي سەرپىياتىنى شۇ ماشىنىنى ئۆزىمىز ماي قۇيۇپ ھەيدىگەندە سەرپ بولغان بىنزىن دەل ماشىنىڭىزنىڭ ماي سەرپىياتى بولىدۇ. بەلكى مەن ھەيدىسەم 8 لېتىر كېتىشى، يەنە بىرسى ھەيدىسە 6.5 لېتىر كېتىشى، خوندا زاۋۇت تەرەپ بولسا 5.8 لېتىر كېتىدۇ دەپ ئېلان قىلىشى مۇمكىن.
خوندانىڭ ماتورىغا i-VTEC تېخنىكىسىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، بۇ تويوتا ياكى باشقا تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ ئىشلەتكەن VVT تېخنىكىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ماتورغا كىرىدىغان ھاۋانىڭ مىقدارىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن ماي سەرپ قىلىش بىلەن بىرگە، كۈچلۈك تىزلىنىش ۋە يۇقىرى قۇۋۋەتكە ئېرىشىشتەك يۇقىرى ئۈنۈمگە بىرلا ۋاقىتتا يەتكىلى بولىدۇ.
فىتنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە تاش قېپىغا ماتىرىيالنى نىپىز ئىشلەتكەندىن باشقا، بىخەتەرلەك جەھەتتە يامان ئەمەس ماشىنا. ئالدى تەرەپ ئىككى ھاۋا خالتىسىدىن باشقا، كەينى تەرەپتىكى يولۇچىلارنى قوغدايدىغان ھاۋا خالتىلىرىمۇ تولۇق بولۇپ، ياۋرۇپا 5 يۇلتۇزلۇق بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ ئاساسى تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ. لېكىن ھازىرچە ئۇ ئۆلچەمگە تېخى چۈشكىنى يوق.
ئاخىرىدا خوندا فىتنىڭ زاۋۇت تەرەپ بېكىتكەن ھازىرقى باھالىرىغا نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى.
1.3 لىك قول خوت راھەت نۇسقىسى : 86 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
1.3 لىك ئاپتۇماتىك خوت راھەت نۇسقىسى : 96 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
1.5 لىك قول خوت راھەت نۇسقىسى : 103 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
1.5 لىك ئاپتۇماتىك خوت راھەت نۇسقىسى : 113 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
1.5 لىك سپورت نۇسقىسى : 129 مىڭ 8 يۈز يۈەن.









































سىلىنىڭ ماشىنىغا ئائىت تونۇشتۇرۇشلىرىنى ئوقۇشمۇ ئاجايىپ ھوزۇرلۇق ئىشكەن جۇما، خۇددىي سىلى تونۇشتۇرىۋاتقان ماشىنىنى ھەيدەۋاتقاندەكلا …
ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىلىدە ئۆزلىرىمۇ…
ئاممىباپ تىلنى ئىشلىتەلىگەندىمەنمۇ، چۈشىنىشلىك بولغاندىمۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.