تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل سانسىزلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاش تىرىشچانلىقنى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئاساسى دەپ بىلگەن. تەلەپچان تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل گۆھەر زىمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىگرا شەھىرى – گۈزەل غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ 1963- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى شۇ شەھەردە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
فوتو سۈرەت كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئادىل ئىسمائىلنىڭ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى 1986-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن.

ئىجتىھاتلىق، تىرىشچان ، يول ئىچىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىشتىن سىرتقى فوتوگراف بولۇپ، ئۇ فوتو سۈرەتچىلىك سەنئىتىگە كىچىكىدىن باشلاپلا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن يۇرتىنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى ، رەڭگارەڭ تۇرمۇشى ، قويۇق ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ھەم يۇرتىدىكى خەلقىنىڭ مەردانە خارەكتىرى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، تىرىشچانلىق ۋە باتۇرلۇق روھى بەئەينى ئانا سۈتىدەك ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تۈگىمەس بۇلىقى بولۇپ قالغان. فوتو – سۈرەتچىلىك سەنئىتى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ بىرى. بۇ سەنئەت يۇقىرى ماھارەت ، چوڭقۇر تۇرمۇش بىلىمى، يېتەرلىك دۇنيا قارىشى ، قايىل قىلارلىق بەدىئىي دىت، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق كەسىپ.ئۇ مۇشۇ جاپا- مۇشەققەتلىك يولدا باسقان ھەر بىر قەدىمىدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، يىگىرمە نەچچە يىلنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ، ئىزدىنىش، سۈرەت تارتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئادىل ئىسمائىل يۇرتىدىكى خەلقىنىڭ رەڭگارەڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سان – ساناقسىز سۈرەتلىرىدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىدىن قويۇق تۇرمۇش ھىدى، كۈچلۈك يەرلىك ئالاھىدىلىك ، قويۇق مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلەر بىلەن كۈچلۈك رەڭنىڭ سېلىشتۇرمىسى ھەر نۇردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ئۇنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى تەسۋىرى ، قەلب ھەققىدىكى تەسۋىرى ، چىنلىق ھەققىدىكى تەسۋىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ 2001- يىلى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن بېيجىڭدىكى ئەڭ مەشھۇر گۈزەل سەنئەت سارىيى بولغان جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئىچىشتىن ئىلگىرى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شىمالى ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ چەت يېزا – قىشلاقلىرى، يىراق تەكلىماكان بويلىرىنى ئارىلاپ، تۇرمۇش ئۆگىنىپ، مەزمۇنى ساغلام ، شەكلى خىلمۇ – خىل ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان 1500 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن مۇئەييەن بەدىئىيلىككە ئىگە 146 پارچە سۈرەتنى تاللاپ ، تۇنجى ئۇيغۇر فوتوگرافنىڭ جۇڭگو سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئالىي قەسىرى بولغان جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن 2001-يىلى 10- ئايدا ئۆز يۇرتى غۇلجا شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە ئاچتى. 2005-يىلى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان گۇاڭجۇ شەھىرىدە 3- قېتىملىق كۆرگەزمىسىنى ئىچىپ، گۇاڭجۇدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
تۆۋەندە كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەردىن بىر قانچە پارچىنى كەڭ تورداش دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.


جۇدۇندىكى ھايات

غۇنچىلار ئارىسىدا

رەئىسمۇ كۈلەلەيدۇ

تۈگىمەس يوللار

ئۇيغۇر ھويلىلىرى

يېڭى بىر كۈن

ساڭا مەن ھەمرا بولاي

تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە

ئەسىر ھالقىغان بوۋاي

تۇغۇلسىلا ھېساپما؟

ئۇيغۇر ئاسمىنىدىكى يۇلتۇز

ئۇيغۇر مىئمارچىلىقى

خېرىدار كۈتۈپ

ئۆزىمىز يول تاپايلى

ئېلى بەيتۇللاھ مەسچىتى

تەڭرىتاغ ئوغلى

بىزنىڭمۇ كۈلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى (جالالىدىن بەھرام بىلەن ئەخەت تۇردى)

سەرەڭگە ساتقۇچى بالا

قەدىمي شەھەر

بىر تىلىم قوغۇن

قاچانمۇ پۇل تاپارمەن

بىز تېخى ياشاۋاتىمىز…

قۇلىقىڭغا بىر گېپىم بار

بازارنىڭ بىر چېتىدە

مايلامچى بالا

ئوتۇنچىنىڭ ئوغلى

بىزمۇ ئوقۇغان بولساق ھە؟

ئاتا-بالا قىززىقچىلار

تەكلىماكاننىڭ چۈشى

ھالاكەت

بوۋا، نېمىشقا يىغلايسىز؟

بۈگۈن پۇل تاپالمىدىم

ئېتىز بېشىدا

يۈك

ھېيتگاھ مەيدانى

ئاخىرقى بېسات

* ئەسلى مەنبەنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. شۇڭا مەنبەسى – ئۇيغۇر تور دۇنياسى. ئاخىرىدا ئادىل ئاكىمىزنىڭ كەسپىگە ئۇتۇق، ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق ۋە بەرىكەت تىلەيمىز!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



6 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ھەر پارچە رەسىمدە شۇنچىلىك چوڭقۇر مەزمۇن يوشۇرۇنغان ئىكەن. رەسىملەرنى كۆرۈپ بولۇپ، خۇددىي نەچچە توملۇق رۇمان ئوقىغاندەك ئايىقى چىقماس ئويلارغا چۈمۈپ كەتتىم…
    ئادىل ئىسمائىلغا ئاللاھىدىن سالامەتلىك، ئىشلىرىغا يەنىمۇ زور مۇۋاپپەقىيەت تىلەيمەن.
    پاسىبانغا رەھمەت.

    • راست دەيدىلا. ئادىل ئاكىمىزنىڭ رەسىملىرىدىن ئاجايىپ زوق ئالغىلى بولىدىكەن. تۇرمۇش پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. رەسىملەردىكى سۇلغۇنلۇق، مىسكىنلىك … ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىكەن …

  2. فوتوگرافلارنىڭ مۇشۇنداق تۇرمۇشتىكى ئەڭ يورۇق نۇقتىلارنى يۇلۇپ ئالالايدىغان تالانتىغا بەك قول قويىمەن.

  3. ھەقىقەتەن يۇقىرى ماھارەتتە تارتىلغان رەسىملەركەن، بۇلۇپمۇ ‹‹ھالاكەت›› ناملىق رەسىم ئەڭ دەھشەتكەن. ماڭا بۇ رەسىم بەكلا يېقىپ قالدى. بۇنى ساقلىۋالدىم.

  4. رەھمەت سىزگە، بۇ رەسىملەرنى بەك ياقتۇردۇم! بۇ فوتوگرافنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش