سىز سۈرەتكە تارتىشقا قىزىقامسىز؟ ئۇنداقتا سىزئۇنى قانداق چۈشىنىسىز؟ سۈرەتكە تارتىش سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئاپاراتنى قولغا ئېلىپلا ئوبىكتقا قارىتىپ زاتۋورنى بېسىشما؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بىرخىل ئىنتايىن يۈزەكى قاراش بولۇپ، مەنمۇ بۇرۇن ئاشۇنداق ئويلايتتىم. كېيىن بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغاندىن بۇيان ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا قولىمىزدىكى كىچىككىنە نەرسىنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن بېلىمنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، پەقەت يۇقىرىدىكى رەسىمدېكىدەك لېنزا ئورنىتىلغان كەسپىي ئاپاراتلاردىلا ئەمەس، سەل ئاساس يارىتىۋالساقلا ئادەتتىكى ئائىلىگە ئىشلىتىلىدىغان ئاپاراتلاردىمۇ ئېسىل سۈرەتلەرنى تارتىيالايدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتىم. ئەمدى سىز قولىڭىزدىكى ئاپاراتنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنالماي ئىسراپ قىلىپ يۈرمەڭ. كېلىڭ، بىللە ئۆگىنەيلى. دىققىتىڭىز كۇلۇبىمىزدا بولسۇن!









































مەنمۇ ئىشتىن سىرتقى فوتوگراف
مەنمۇ شۇنداق. ئۆزۈم كەسپىي فوتوگراف بولمىغاچقا كۆپ خاتالىشىشىم مۇمكىن. كەپتۇرۇڭ، پىكىر ئالماشتۇرايلى.