ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆيدە بولالماي قېلىپ، بلوگ تاشلىنىپ قالدى. كەپ تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت.

بۈگۈن تور بەتلەرنى ئاقتۇرۇپ قارىسام GMC نىڭ Sierra HD Concept دېگەن ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەسىملىرىنى ئېلان قىپتۇ. بەزىلىرىنى ئېكران تەگلىكى قىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

تولۇق نامى GMC Sierra All Terrain HD Concept بولغان بۇ ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ 2011 – يىللىق GMC Sierra Hd بىلەن بولغان كۆرىنەرلىك پەرقى ئالدى تەرەپتىكى سوۋۇتۇش سۇ ساندۇقىنىڭ تاشقى قېپى ئىكەن. يېڭىدىن ماتور قوغداش تەگلىكى قوشۇپتۇ.

20 سۇڭلۇق بەنداشقا مۇشۇ ماشىنا ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن BFGoodrich KM2 تىپلىق دالا چاقى قوشۇلۇپ 35 سۇڭ بولىدۇ.

بۇ چاق بىلەن ماشىنا يەنە بۇرۇنقىدىن 3 ئېنگلىز سۇڭى ئەتراپىدا ئېگىزلىگەن بولۇپ، ئېقىن ياكى ئېرىقلاردىن ئۆتۈشتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ئۇقۇم ماشىنىسى مانا مۇشۇنىڭدەك كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. خۇدا خالىسا شۇنداق بىر كۈنلەردە ئۆزىمىز بىر مەزگىللەردە رەسىمىنى كۆرۈپ يۈرگەن بىرەر ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ ئېگىسى بوپمۇ قالارمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



8 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدىكى ناھىيەلەردە ھەيدەشكە تازا باب كېلىدىغان ماشىنىكەن بۇ ! 8-O
    ماشىنا بىلەن ئېتىز بېشىغا چىقىپ، ئېچقنى ئېچىپ ئېتىزغا سۇ باشلاپ قوياپ ، چۆرگىلەپ يېنىپ كەلسە ، نېمە دېگەن راھەت :beauty: :o))):

  2. ھەجەپ ھەيۋەتلىك كۆرىنىدىكەن ۋاھ ۋاھ ۋاھ …… :-?
    بىر ھەيدەپ باقسام نېمە بوپ كىتەمەن ھە ……… :o))):

  3. بۇ ماشىنىنڭ خوتى يوقا ئاۋاز بىلەن باشقۇرۇلماس

  4. كەينىنڭ ئىككى تەرپى ئىچىلىدىكەن . نەپىسكەن!!

  5. ئالامەت ماشىنكەنغۇ :good: ئەجەپ سېتىۋالغىم كەلدى ، ئەتە قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ سېتىۋالايمىكىن :upset:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش