شۇنداق. مۇشۇ سىرىنىڭمۇ ساختىسىنى ياساپتۇ. سىرىنىڭ خەنچە تىل ئاڭلايدىغان نۇسقىسى يوق ئىكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن جۇڭگولۇق پروگراممېر iPhone 4 نىڭ ئۆزىدىكى ئاۋازلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇنى سىرىغا ئۆزگەرتىۋاپتىمىش.
بۇ تاغتۇرا سىرى گەرچە iPhone 4S تىكى سىرىغا ئوخشاش ئەمەس، يېقىنلاشمىسىمۇ بۇنى سىرى دەپ ئاتىۋالغىنىغا غىدىقىم كەپقالدى. ساختىسى يوق مۇشۇ قاپتىكەن، ئەمدى بۇنىمۇ نومۇس قىلماي سىرى دەپ ئاتىۋاپتۇ.
iPhone ۋە iPad تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.
بۇ پەقەت بايا ئېيتقاندەك iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئاۋازلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان نەرسە بولۇپ، ھەممىسى ئالدىنئالا تەڭشەپ قويۇلغان ئاۋاز. بۇنى ئەلۋەتتە سىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىلگىرى بار ئىقتىدارنى ئۆزگەرتكەنلىك، يەنى سېستىمىنىڭ نېگىزىنى ئۆزگەرتكەنلىك. شۇڭا بۇنى ئەپ قىلىپ ياسىغان تەقدىردىمۇ App Store دا ساتالمايدۇ. بىلمىدۇق Cydia دا ئەتە-ئۆگۈن چىقىپ قالامدۇ يوق.









































بىر ھەپتە بۇرۇن cydia دا كۆرگەن ئىدىم بۇنى.
دېمىگەن بىلەن خېلى ياخشى قىپتۇ!
سوراپ باقسام بىزمۇ شۇنداق قىلالامدۇق؟
خىجىل بولماي سورىيالىغانكىن بۇ سۇئالنى ئۆزىڭز ئاۋۋال ئۇيغۇرچە ئەپپتىن بىرنى ئىشلەپ چىقارسىڭز بولمامدۇ ئاۋۋال؟
ئىشقىلىپ يوقتىن ياخشىكە! تىرىشچانلىقىغا قايىلمەن بۇ خەخنىڭ!
ۋۇ..ۋۇ… ۋۇخا..خا …ۋۇخا.ۋۇخا……… ماۋۇ تاغ تۇرالىق سىرىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تىلىقپ قاپتىمەن ………………
نوكىيا نىڭ نەچچە يىل بۇرۇن چىققان تىلفۇن لىرىدىمۇ ئاۋاز ئارقىلىق تىلفۇن ئۇرغىلى بولاتتى ئالما تىلفۇنىمز دىمۇ بولامۇ ؟
بولىدۇ. قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ. مۇشۇ سىندىكى جاي چىقىپ سىزدىن نېمە بۇيرۇقۇڭ بار دەپ سورايدۇ. مۇزىكا قويۇش، تېلىفون ئۇرۇش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدۇ.