نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان App Store دا ئۇيغۇرچە ئەپنىڭ يوق بولغانلىقىدىن كۆڭلىمىز تولىمۇ يېرىم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەپ-قېزىپ يۈرۈپ، كىتاب شەكلىدە بولسىمۇ «App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپ توپلىمى» دېگەن يازمىدا بىر قانچە ئەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنمۇ بولدۇق. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ياسىغان، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەپ – خاتىرەم.
بۇ ئەپ ئوخشاشلا iPad ئۈچۈن ياسالغان (PS: ھەجەپ مۇشۇ ئۇيغۇرچە ئەپنىڭ ھەممىسى ساپ «ئاپەت»كىلا ياسىلىدىكەن دېسە!) بولۇپ، ئاساسلىقى iOS تە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. بۇنى بىز ھازىرچە تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلار «پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقان بولساقمۇ، تور مۇھىتى بولمىغان شارائىتتا بىر قىسىم قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. «خاتىرەم» مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىپتۇ، خۇدا شۇلارنىڭ مەقسىتىنى ھازىرلاپ بەرسۇن. پات ئارىدا iPhone نۇسقىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈمىد قىلىمىز!
بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە يېزىقىدا ئۇيغۇرچە يازالايمىز. يازغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ خالىغان جايلارغا كۆچۈرۈپ بارالايمىز. ئۆزىدىن بىۋاستە گۈدۈك، iMessege ۋە ئېلخەت قاتارلىق جايلارغا خەت يوللىيالايمىز. ھازىرچە ئاساسلىق ئىقتىدارلار ھازىرلىنىپتۇ. بارا-بارا باشقا ئىقتىدارلىرىنىڭ داۋاملىق مۇكەممەللىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قارلۇقنىڭ ئەمگىكىگە بارلىق iOS ئىشلەتكۈچىلىرى يۈزىسىدىن رەھمەت ئېيتىمىز! قەدىمىڭلار توختاپ قالمىغاي. ئەمگىكىڭلارنىڭ داۋامىغا تەشنامىز. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ ياخشى قىلىشىڭلار ئۈچۈن ھەقلىق ئەپ ياسىساڭلارمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى قارلۇق شىركىتىنىڭ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەدتە ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى ”كىلاسسىك ئۆلچەم“ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
☜ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى.
☜ يازمىنى گۈدۈك، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
☜ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
☜ پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار
ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى
ئەپ تەۋسىيە قىلغان تورداش «For Me» غا تەشەككۈر!
ئەپ ئىسمى : Xatirem
ساتقۇچى : Qarluq Media Tech Co.,ltd.
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 1.6 MB
باھاسى : ھەقسىز









































مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم! ios 5 تە نورمال ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىدىم! قارلۇقنىڭ داۋاملىق يېڭى ئەپلەرنى ھەقلىق بولسىمۇ ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!
ئەمدى ياخشى بولدى.ئايپەدتە ئۇيغۇرچە يازالماي بەك قىينالغان.سىناپ تەپسىلى قالدۇرىمەن ئاللا بۇيرۇسا….
ئايفونغا قاچان چىقار؟
ماۋۇ ئېسىل ئىش بوپتۇ ””
بۇ ئەپتىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق پەقەت «خاتىرەم»گىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولامدىكەن؟ ياكى خەت يازغىلى بولىدىغان ھەرقانداق يەرگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولامدىكەن؟ بولسا تەپسىلىيراق ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار.
بۇ بىر ئەپ خالاس. كىرگۈزگۈچنى App Store غا چىقارمايدۇ. بۇ سېستىمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش. بۇنى ئالما تەستىقلىمايدۇ. بۇ ئەپ ئارقىلىق ئۆزىدە ئۇيغۇرچە يازىسىز. يېزىپ بولغاننى كۆچۈرىسىز. چۈشەندۈرىشىدىمۇ ئېيتىلغان، ئوقۇمايلا ئىنكاس يازىدىغان جايغا كېلىۋالغاندەك تۇرىسىز.
بەكلا ئىسىل ئىش بوپتۇ، مۇشۇنداق يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلغان باسىبان ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت،ئاللا ئىشىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.
يەنىلا ئەڭ ياخشىسى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلەتسەك بولغىدەك ،
تاكى ئىگە تەرەپتىن سېستىمىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تەمىنلەنگىچە ،
كۆچۈرۈپ چاپلاش بىلەن شۇنداق خوشۇم يوق مېنىڭ
ئاي پەدتە بەرىبىر تۈرمىدىن قاچۇرسىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدىغۇ دەيمەن.
https://ssl.kryptotel.net/tmp/1d9e96a12a1ae35e4e0ae1dbc3412eb9fa1b8e36.mobileconfig
ماۋۇ تور بەتنى iphone دا ئىچىپ قاچىلسا ھەممە تور بەتلەرنى xxx قىلىۋىتىدىكەن.