ئالما دۇكىنىنىڭ نىيۇ-يورك مەركىزى ۋوگزالدىكى مەخسۇس سېتىش دۇككىنى – نۆۋەتتىكى ئەڭ ھەشەمەت، كاتتا قىلىپ سېلىنغان ئالما دۇككىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۇككاننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى جۈمە سەھەر سائەت 10 دا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.
ھازىر بۇ دۇككان ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، تۆۋەندىكىسى ئاشۇ مۇخبىرلارنىڭ قولىدىن چىققان رەسىملەر.
يۇقارقىلىرى سىرتقى ۋە ئىچىدىكى كىرىش ئېغىزلىرى ئىكەن. بۇ دۇككاننىڭ ئىش ۋاقتى مىنەپتە كۈندە سەھەر سائەت 7 دىن كەچ سائەت 9 غىچە ئىكەن. شەنبە كۈنى ئەتىگەن 10 دىن كەچ 7 گىچە، يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 11 دىن چۈشتىن كىيىن 6 گىچە ئىكەن.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئالمىنىڭ بۇ دۇككىنىدا 315 ئىشچى ئىشلەيدىكەن. « 15 مىنۇتتا بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس تونىلى » دەپ ئاتىلىدىغان جاي بولۇپ، خېرىدارلارنى تېز سۈرئەتتە مەخسىتىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.









































3115 ئىشچى ئىشلەيدىغىنى بىر دۇكانمىكەن؟
بىزنىڭ بىر ناھىيىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن
ھەممە نىمە بار ئوخشىمامدۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ؟ ئاشخانا ، ياتاق ……..
خان سارىيغىلام ئوخشايدىكەن.
مايەرنى مەن تونۇپ قالدىم . (ماداغاسغار)دىگەن كارتوندىكى ئاداشلار تۇتۇلۇپ قالدىغان يەر شۇغۇ !