ھازىر iPhone كىشلەر تۇرمۇشىغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ، جەمئيەتتە ئالما قىزغىنلىقى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. ئوغرى-قاراقچىلارمۇ جەمئىيەتكە ماسلىشىشى كېرەكتە؟ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە شۇنداق ئىشتىن بىرى يۈز بېرىپتۇدەك. iPhone 4 مودا بولۇپ ھەممە ئوتتەك قىززىۋاتقان ياخشى «پەيت» نى تاللىغان «ئۆمۈچۈك پالۋان» يېقىندا قانۇن تورىغا چۈشۈپتۇ.
ئۆتكەن يىل 11- ئايدا شاڭخەي جيادىڭ رايونىغا جايلاشقان «iPhone 4 مال تەقسىملەش ئامبىرى» غا ئوغرىلىققا چۈشكەن لۇ فامىلىلىك 24 ياشلىق بۇ ياش، پەقەت 2-يىللىققىچە مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن بولسىمۇ كىنو-فىلىم، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىستىمال تەلىپى دېگەنلەرنى ئۆزىگە قاتتىق «تەدبىقلىيالايدىغان» كاللىغا ئېگە بولغاچقا مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا 65 «نەپەر» iPhone 4 نى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئېدى.
11-ئاي مەزگىلى iPhone 4 نىڭ سېتىلىشى ئىنتايىن يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىت ئىدى. ئالماخۇمارلار ھەر كۈنى «باققال»لارنىڭ دۇكىنىنى يوقلايدىغان مەزگىل بولغاچ لۇ بۇ پۇرسەتنى ناھايىتى بەلەن تاللىغان. شۇ كۈنى 29-نويابىر كەچ ۋاقتى ئىدى. بۇ يىگىت «ئۆمۈچۈك پالۋان» فىلىمىنى بىر-ئىككى قېتىم كۆپرەك كۆرىۋەتكەنمۇ، 2 مىڭ نەچچە يۈز يۈەنگە يامىشىش ئۈسكۈنىلىرى، خەنجەر، پايپاق دېگەندەك جابدۇقلارنىڭ ئېلىپ تەق بولىدۇ. بۇنىڭ نىشانى – پۈتۈن دۆلەتكە تارقىتىلىشنى ساقلاپ تۇرغان، ئالماخۇمارلارنىڭ كۆزى 4 بولۇپ ساقلاپ تۇرغان iPhone 4 نىڭ «مال تەقسىملەش ئامبىرى» ئېدى. كەچتە ھەممە تارقاپ خالىي ۋاقىت تاپقاندىن كىيىن ئوت ئۆچۈرۈش شوتىسى بىلەن ئۆگزىگە يامىشىدۇ. خەنجىرى بىلەن ئۆگزىدىن كامار تەشكەندىن كىيىن يامىشىدىغان جابدۇقلىرى بىلەن كاماردىن پەسكە ساڭگىلاپ چۈشىدۇ. گەرچە باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىغىچە ئوقۇغان بولسىمۇ كىنونى كۆپ كۆرگەندە؟! ئەڭ ئاۋال بىخەتەرلىك كامېراسىنىڭ سىمىنى ئۈزىۋېتىدۇ. ئاندىن خاتىرجەم ھالدا تارقىتىلىشنى كۈتۈپ ئارام ئېلىۋاتقان iPhone 4 تىن جەمئىي 65 «نەپەر» نى خورجۇنغا ئارتىپ، كەلگەن «يول» بىلەن تامدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ، دەريانى كېسىپ ئۆتۈپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ يىگىتنىڭ ئومومى ئوغرىلىغان زاڭمالنىڭ قىممىتى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى.
تامدىن ھېچكىشىگە تۇيدۇرماي يامىشىپ چىقىش، تورۇستىن ھېچ زېدە-چاقىسىز يەرگە ساڭگىلاپ چۈشۈش، كامېرانى ئاۋال «توغرىلاش»، مودا بولىۋاتقان iPhone نى نىشان قىلىش … بۇ پەقەت 2-يىللىققىچە ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن خېلى كۈچ كېتىدىغان تەۋەككۈلچىلىك ۋە ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىدى. بۇ تەۋەككۈلچىلىك كىنودىن ئۆگەنگەن تېخنىكىلارنى ئۆزلەشتۈرۈشتە «لاياقەتلىك» بولۇپ باھالىنىشقا ئەرزىيتتى. گەرچە بۇ بىچارە شۇنچە ھۈنەر ئىشلېتىپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولسىمۇ، بۇ خۇشاللىق ئۇزاققا داۋاملاشمىدى. ساقچى تەرەپ پەقەت 3 كۈن سەرپ قىلىپلا بۇ «ئۆمۈچۈك پالۋان» نى تورغا چۈشۈردى. ئۆمۈچۈك ئۆزى تور توقۇيدىغان تۇرۇپ يەنە تورغا چۈشۈپ قالسا ئاجايىپ ئاڭلىنىدىكەن كىشىگە …
ئوغرىلانغان مۈلۈك 300 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ئوغرىلىق دېلوسى قاتارىغا كىرىدىكەن. نەچچە كۈن بۇرۇن شاڭخەي شەھىرى جيادىڭ رايونىلىق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ لۇ XX غا 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، سياسى ھوقوقىدىن 2 يىل مەھرۇم قىلىش ۋە 20 مىڭ يۈەن تۆلەم جازاسى ئېلان قىلدى. لۇ بۇ جازاغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكتىن قارار شۇ كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئېگە بولدى.
PS: لۇ ئەمدى تۈرمىدە 10 يىل ياتىدىكەن. ئەگەر «تۈرمىدىن قېچىش» نى بەنە بەكرەك كۆرىۋەتكەن بولسا ئەتە-ئۆگۈن يەنە قانداق يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولىمىزكىن تاڭ؟ ئەڭ دەسلەپ كىنو بارلىققا كېلىپ يۇرتىمىزدا قويۇلغان ھېندىستاننىڭ «ئاباراھۇم» دەپ ناخشا ئوقۇيدىغان بىر كىنوسى بولىدىغان، ئىسمى ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. شۇ كىنو قويۇلغاندىن كىيىن جەمئىيەتتە يانچۇقچىلىق قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتكەن ئىكەن. كىنو بەرىبىر كىنو ئېدى، لېكىن تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن. بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى 2012 بولسا كېرەك. بىچارە دىنسىزلارنى خېلى دەككە-دۈككىگە سېلىۋاتىدۇ. خۇدا ساقلىسۇن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ قېلىشتىن…









































碟中谍 دىكى تام كروستەك چۈشۈپتىكەن بۇ ئاداش، ئەينى چاغدا خەۋەرنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئىچىمگە ئوت كەتكەن.
63دانە iPhone نى بىرتەرەپ قىلىشمۇ تەس ئىش…بولۇپمۇ ئۇنىڭ 型号 رەتلىك…ئىشلەتكەن ھامان ئۇنى تېپىپ چىقىۋالالايدۇ…. ئۇ لۇ فامىلىلىكنىڭ قانداق تۇتلۇپ قالغىنىغا قىززىقىۋاتىمەن…..
ئۈلۈشكىنىمۇ مېنىڭ تېلىفۇنۇم يۈتۈپ كېتىپ ، تۈنۈگۈن بەك تەستە تاپتىم ، ئەسلى مەن ئۇنى ھاجەتخانىدا ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن
تېلىفۇن قىلىۋەتسەم يا ئالمايدۇ ، يا گۈنجى دەپ چىقمىدى ، قانداق دۆت ئوغرىدۇ بۇ دەپ ئاچچىقلىنىپ ئاخشىمى قارىسام ھاجەتخانىدا گىزىرىپ تۇرمامدۇ … ئۇف خۇداغا شۈكىرى دەپ موككىدە يانچۇقۇمغا سالدىم .يۈتكەن بولسا دادامغا نېمە دەر بولغۇيتۇم ،،، ۋۇ دۆت گۇي …. ئىككىنجى ساڭا تېلىفۇن ئېلىپ بېرىدىغان بولسام دەپ خاپا بولۇپ 200 كويلۇق زاپەر تېلىفۇندىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قوياتتىدە 
ئەمدى ماۋۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان دۆت ئوغرىدەك كالامپايلىق قىلمايمەن . ئېسىت 65 دانە ئايفوننى ئوغۇرلاپ 3 كۈندە تۇتۇلۇپ قالغىنىنى ، ئۇنىڭدىن كۆرە ياخشى ئىشلەپ قوتاراق بولسىمۇ ئايفون 1 نى ئالسا بولمامدۇ
ياشاپ كېتىڭ….تېلفۇننى يۈتتۈرۋېتىش 感觉 سى قانداراق كەن؟!..ھېچ بولمىغاندا تېلفۇنىڭىز ساق-سالامەتكەن…مىنىڭ كىچىك ئىنىممۇ(ئەمدى تېخى 3ياش) ماڭا ئوخشاش iPhone ھەۋەسكارى….ئۆيگە كىرسەملا تېلفۇن ئۇنىڭدىن ئاشمايدۇ…بىر قېتىم مۇنۇ بلوگ قا ئىنكاس يېزىۋېتىپ ئىنىمنىڭ تېلفۇننى كۆتۈرۈپ سىرتقا ئىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قاپتىمەن ،بىردەمدىن كىيىن ئۆزى قايتىپ كىرىپتۇ تېلفۇن يوق! ئاپلاھۇ ئەكبەر!!!!
يا خۇدا ! باكەن،لېكىن قېنى؟! 


- قېنى تېلفۇن؟
-(ھىجىيىپ تۇرۇپ) يوق!
يا ئاللا، ھەممى يەرنى ئىزدىدۇق يوق! قانداق قىلغۇلۇق، يا پاققىدە قىلىپ بىرنى ئۇرغىلى بولمىسا…
تېلفۇننى توختاتماي ئۇرىۋەردىم. بىرچاغدا مەن ياختۇرۇپ ئاڭلايدىغان ياننى نىڭ (Butterfly_dance) دىگەن مۇزىكىسى (تېلفۇن ساداسىنى شۇنىڭغا تەڭشەپ قويغان )بىريەلەدىن ناھايىتى پەس ئاۋازدا چىقىۋاتماسمۇ
بىزنىڭ ئۆينى قايتا بىزەۋاتقان، شۇڭىلاشقا ئۆينىڭ ئالدىغا بىردۆۋە قۇم تۆكۈپ قويۇپتىكەن شۇنىڭ ئاراسىدىن ماتىلاپ يۇرۈپ تاپتىم.
ئەسلى بۇ شۇم تېلاۇننى شۇيەردە ئويناپ ،ئويناپ بولغاندىن كىيىن قۇمغا كۆمۈپ قويۇپتىكەن…
شۇنىڭ بېرى ئىنىم
-(ئاكا~~~~ تېلپۇنىڭنى بە~~~~ ئويىنىۋالاي!)دىسە …ئوبدان قاراپتۇرۇپ بىرنى ھومىيۋېتسەم ئۆزىنى ئۆزى بىلىپ گەپقىلماي كەينەگە ئۆرۇلۇپلا چىكىتىدۇ…
ۋاڭيى تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا Westlake بازىرىنىڭ Crocker Park Apple Store يېقىنقى كۈنلەردە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان. ئۈچ ئوغرى ئەتىگەن سائەت 4:30 ئەتراپىدا Apple Store غا بۆسۈپ كىرىپ، 20 دىن ئارتۇق iPod قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەن. كۆزەتكۈ ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى سىنغا ئېلىۋالغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوغرىلار Apple Store ئەمدىلا بۆسۈپ كىرىشىگە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئەسلىھەسى قوزغىلىپ كەتكەن. ئەمما ئوغرىلار ئازراقمۇ جىددىيلەشمەستىن، 30 سېكۇنت ئىچىدە بۇ «جەڭ»نى ئاياغلاشتۇرغان. ئۇلار جەمئىي 24 دانە MacBook ھەمدە بىر دانە iPod touch نى ئوغرىلاپ كەتكەن. بۇ ئوغرىلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۋېشىغا قاپقارا «كېچىلىك كىيىم» كىيىۋېلىپ، نىقابلىق ھالدا ئوغرىلىق قىلغان. ئېلىنغان سىندا بۇ ئوغرىلارنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قېيىن ئىكەن.
نۆۋەتتە، Westlake ساقچى تەرەپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە يىپ ئۇچى بايقالمىغان.
مەنبە : http://www.nur.cn/html/news/21895.shtml
ھاجىم، ئالغانمۇ ئوغرى ، كۆرگەنمۇ ئوغرى بولۇپ، سىلىمۇ «مايكول» بولاي دىگەنما؟