بۈگۈن مۇشۇنىڭغا ئائىت ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن تورنى ئارىلاۋېتىپ بۇ رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام خېلى سۈزۈك ئىكەن. چاپقۇرلارغا، بولۇپمۇ ماۋۇنىڭدەك تەلۋە چاپقۇرلارغا ئامراق دوسلار خېلى كۆپقۇ دەيمەن. كىچىككىنە ماشىنا ئىچىگە پەقەت ئىككىلا ئادەم سىغسا، ئۇنى تارتىدىغىنى 700 ئاتنىڭ كۈچى بار ماتور بولسا، ماي تەپكىسىنى كۈچەپ بىر دەسسىسەك نېمە بولا ھە؟
پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.
ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار