10 ئاي مۇقەددەم «جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)» دېگەن بىر يازمىمىزدا يېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جەمئىي 15 تۈرلۈك ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن شۇ يازمىمىزنى داۋام قىلىمىز.
16. تورموزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ABS بولمىغان ماشىنىلاردا جىددىي تورموز تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە، كۈچەپ بىرلا دەسسىۋەتسەك چاق سىيرىلىپ كېتىپ تورموز ياخشى تۇتمايدۇ. شۇڭا قاتتىق بىرلا دەسسىمەي، سەل يىنىكرەك 2-3 قېتىم دەسسەپ تۇتۇش كېرەك. چۈنكى چاق – سىيرىلىشنىڭ كىچىككىنە ئالدىدىكى ئاشۇ پەيتتە ئەڭ ياخشى تۇتىدۇ. بىز ئۆزىمىز مۇشۇ پەيتنى بايقاپ تۇتالىساق ئەڭ ياخشى تورموز ئۈنىمىگە ئېرىشىمىز.
17. يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئىنچىكىلىك بىلەن ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇڭ. بۇ ئىقتىدار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مۇكەممەللىشىدۇ. يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ بەلكى سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى كۆرۈپلا ئارقىسىغا قايتىشى، ياكى يا ئالدىغا يا ئارقىغا قايتىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ ئالدى-كەينىگە تەمتىرەپ مېڭىپ يۈرىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى دەل مۇشۇ ئىش. بۇ ۋاقىتتا بىز ئىنتايىن دىققەتتە تۇرىشىمىز، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ سىزگە ۋە پىيادە كىشىگە خەۋپ ئېلىپ كېلەلمەيدىغان سۈرئەتكە چۈشۈرىشىمىز كېرەك. ئاستا سۈرئەتتە ھەرقانداق بىر خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىشى مۇمكىن. يولدىن ئۆتكۈچە بىز ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان كىشىلەردىن ياشانغانلار، كىچىك بالىلار، تېلىفون ئۇرۇپ مېڭىۋاتقانلار، يامغۇرلۇق كىيىم بىلەن مېڭىۋاتقان (يامغۇرلۇق كۈندە) ياكى كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭغانلار، كۈلكە-چاقچاق بىلەن شالاقشىپ كۈلۈپ مېڭىۋاتقانلار قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى كىشىلەر سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا تېزدىن ئىنكاس بىلدۈرەلمەسلىكى مۇمكىن.
18. تورموز چىراقلىرىنى، بۇرۇلۇش چىراقلىرىنى ۋە ئۇزۇن-يېقىن چوڭ چىراقلارنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش لازىم. ھۆل-يىغىنلىق كۈنلەردە چىراقلارنى سۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. تورموز چىراقلىرىنىڭ خۇنۈك يېقىلىشى سەۋەبلىك كەينىدىن كەلگەن ماشىنا سىزگە ئاسانلا ئۆزىنى ئۇرىۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ تورموز چىرىقىڭىز سەۋەبلىك ئارقىدىن كېلىپ ئۇرىۋالغان بىرەر ھادىسىدە گۇناھنى ئارقىدىكى ماشىنىغا ئەمەس، سىزگە يۈكلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ چىراقنىڭ كۈچلۈك، يورۇق يېقىلىشى سىزنىڭ پىيادىلەرگە ياكى ئالدىدىكى خەتەرگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىشىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئامىل. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن شوپۇرنى مەسئۇلىيەتسىز، تەجرىبىسىز شوپۇر دېيىش تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق.
19. داۋانغا يامىشىۋاتقاندا بىرەر يۈك ماشىنىسىغا يولۇقسىڭىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن دىققەت قىلىڭ. تار، تىك داۋانلاردىن ئىلاجنىڭ بېرىچە يۈك ماشىنىلىرىدىن يىراقراق ئارىلىق ساقلاپ مېىڭىشىڭىز كېرەك. يۈك ماشىنىلىرىنىڭ داۋاندا تولا خەتەر چىقىرىدىغانلىقىنى كونا يۈك ماشىنا شوپۇرلىرىدىن ئاڭلاپ باققان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. داۋاندىن چۈشكەندىمۇ ئوخشاشلا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە تۇرغىنىڭىز ئەۋزەل. چۈنكى ئېغىر يۈك بىلەن داۋاندىن چۈشىۋاتقان يۈك ماشىنا شوپۇرلىرى تورموزدىن باشقا ماتور ئارقىلىق تورموز تۇتۇپ چۈشىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە تورموزدىن ئاسانلا كاشىلا كۆرىلىشى مۇمكىن. خۇدا ساقلىسۇن، ئېغىر يۈك بىلەن داۋاندىن چۈشىۋاتقان يۈك ماشىنىسىنىڭ تورموزى تۇتماي قېلىشىدىن … مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولغىنىڭىز ياخشى.
20. 3 چاقلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ياكى تراكتور دېگەندەك دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنى ياندىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇرۇلۇش چىرىقى يوق، شاۋقۇنىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. بەزىلىرىدە شوپۇر ھەرقانچە قىلىپ بېشىنى سىرتقا چىقارسىمۇ ئارقا تەرىپىنى ئېنىق كۆرۈپ بولالمايدىغان بولغاچقا، سىز سېگنال بەرسىڭىزمۇ ئاڭلىماي قېلىپ، دەل يانداپ ئۆتىۋاتقاندا بىرەر خەتەر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
21. ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرىشى ئاستا بولىدۇ. ۋېلىسىپىت، موتىسىكىلىت مېنىۋالغانلارنىڭ قوللىرى مۇزلاپ كەتكەن بولغاچقا ھەرىكىتى ئاستا بولغانلىق سەۋەبىدىن جىددى پەيتتە تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
22. ئېكىس X شەكىللىك يولدىن ئۆتكەندە ئالاھىدە دىققەتتە بولىشىمىز شەرت. X ھەرىپىنىڭ تۈزىلىشىگە قارىساق ئېنىقلا كۆرىۋالالايمىز. A نوقتىدىن كەلسىڭىز X نىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشقاندا ئاندىن D دىن كېلىۋاتقان ماشىنىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ 十 شەكىلدىكى يولغا قارىغاندا بىر ئاز خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، يىراقتىنلا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ كېلىشىڭىز كېرەك. سىز دىققەت قىلسىڭىزمۇ قارشى تەرەپتىكى ماشىنا دىققەت قىلمىسا خەتەر ئوخشاشلا سادىر بولىدۇ. بۇ ئېسىڭىزدە بولىشى كېرەك.
23. ئالدىمىزدا كېتىۋاتقان ياكى يىراقتا تۇرغان كونتىنىر، ئۇزۇن يۈك ماشىنىلىرى دېگەندەك ئۇزۇن ماشىنىلارغا ھۇشيار بولىشىمىز لازىم. ئۇلار كەينىگە ياكى يانغا بۇرۇلغاندا بىراقلا 3 يولنىڭ ھەممىنى ئېگەللەيدۇ. سىز بۇنىڭغا ئالدىن تەييارلانمىغان بولسىڭىز سۈرئېتىڭىزنى كونترول قىلالماي ئۇدۇل كېلىپ سوقىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
24. تاكسى، كىرا قىلىدىغان 3 چاقلىق موتىسىكىلىت ياكى ماشىنا، 2 چاقلىق كىرا موتىسىكىتلىرى، كوچا ئاپتۇبۇسى، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس قاتارلىقلاردىن ئۇزۇن تۇرىشىڭىز، مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىشىڭىز لازىم. چۈنكى ئۇلار پۇل تېپىشنىڭ كويىدا ئۆزى خالىغان چاغدا جىددىي تورموز قىلىشى مۇمكىن. ئارقىغا سىز ئۈسسىۋالسىڭىز مەسئۇلىيەت سىزگە ئارتىلىۋېرىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ يەرلىرىدىن خاتىرجەم. سىز ئۆزىڭىز بۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن دەسلىۋېدىرەك پەخەس بولىشىڭىز لازىم.
25. تولۇقسىزدا ئېنرتسىيە دېگەن بىر ئۇقۇمنى ھەممەيلەن ئۆگەنگەنغۇ دەيمەن. جىسىملارنىڭ ئەسلىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئالاھىدىلىكىنى ئېنىرتسىيە دەيمىز. تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئەمدىلا چۈشۈپ شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا شوپۇرلار ئۆزىنى يەنىلا تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغاندەك ھېس قىلىپ ئاستا ماڭغۇسى كەلمەيدۇ. بۇنى مۇشۇ ئېنىرتسىيە بىلەن ئادەتلىنىشنىڭ بېرىكمىسى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىش ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان بەزى ماشىنىلار ئۆزىنى تۇيمايلا تېز سۈرئەتتە كېلىپ ۋەقە چىقىرىپ قويىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بىز مۇشۇنداق جايلاردىن ئېھتىياتتا ئۆتىشىمىز ۋە مۇشۇ شوپۇرنىڭ ئۆزى بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
26. يول تار شارائىتتا (ئادەتتە شەھەر-ناھىيە يوللىرى مۇشۇنداق تار، لېكىن سۈرئەت تېز بولىدۇ) ئەگەر قارشى تەرەپتە بىر ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنىنى يانداق چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولساق، بىزمۇ دەرھال ماشىنىمىزنى ئوڭ تەرەپكىرەك تارتىپ مېڭىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇلۇش چىرىقىنى يېقىپ سىزنىڭمۇ ئالدىدىكى ماشىنىنى ياندىماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئارقىڭىزدىكى ماشىنىغا بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ ئارقىڭىزدىكى ماشىنا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قارشى تەرەپتىن يانداپ كېلىۋاتقان ماشىنىنى كۆرمەي سىزنى يانداپلا چىقىپ قېلىپ قارشى تەرەپتىكى ماشىنىغا ئۆزىنى ئۇرىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز ئارقىڭىزدىكى ماشىنىغا ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە بۇ ياردەمنى قىلىپ قويغىنىڭىز ياخشى. مۇشۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ياندىماقچى بولغىنىڭىزنى كۆرگەن ئارقىڭىزدىكى ماشىنا سىزنى ياندايمەن دېمەي ئارقىڭىزدىن مېڭىشى، سىزنىڭ ھوشيارلىقىڭىزدىن بىر چوڭ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قالالىشىڭىز مۇمكىن.
27. ئەگىمىدە يانداش – ۋەقە يۈز بېرىشتىكى يەنە بىر سەۋەب. ئەگىمە يولدا سىزنىڭ قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ماشىنىنى كۆرىشىڭىزغا ئالدىدىكى دەرەخ، قۇرۇلۇش ۋە باشقا نەرسىلەر توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەگىمىدە سىزنىڭ كۆرۈش دائىرىڭىز 50-100 مېتىرچە بولىدۇ. لېكىن تولۇق يانداپ ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن بۇ ئارىلىق پەقەتلا يەتمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئەگىمىدە ياندىغاندا ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ يولىغا چىقىپ كېتىدىغان گەپ. سىز دەل يانداپ ئۆتىۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىنى كۆرمەي قالغان بولسىڭىز چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. شۇڭا بىر ئاز ساقلاپ تۇرۇپ يول تۈزلەنگەندە قارشى تەرەپتىكى ماشىنىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاندىن يانداپ ئۆتۈڭ.
28. ئالدىڭىزدا سىزنىڭ قارشى تەرەپتىكى يولدا بىرەر ماشىنا بۇزۇلۇپ توختاپ قالغان ياكى يولنى رېمونت قىلىۋاتقان ئەھۋالنى بايقىسىڭىز ھوشيارراق بولۇڭ. چۈنكى قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ماشىنا بۇزۇلغان ماشىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز چىقىپ قالغان ئادەم ياكى بىرەر نەرسىدىن ئۆزىنى درھال قاچۇرۇپ سىزنىڭ يولىڭىزغا ئۈسۈپلا كىرىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقىسىڭىز «ۋەقە مېنىڭ يولۇمدا ئەمەسكەنغۇ» دەپلا قارىغۇلارچە مېڭىۋەرسىڭىز بىخەستىلىك قىلغان بولىسىز.
29. ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدە شەھەر ئىچىدە ماشىنا ھەيدىگەندە تاسما باغلىمايدىغان ئادەت بار. ئاددىيسى مەنمۇ ئانچە-مۇنچە تاقاپ قويىمەن. لېكىن شەھەردىن چىققاندىن كىيىن مەيلى شەھەر سىرتىدىكى يېزىلارغا بارىدىغان يولدا بولسۇن، مەيلى شەھەرلەر ئارا يول بولسۇن، بىخەتەر تاسمىسىنى چوقۇم ۋە چوقۇم باغلىۋېلىشىڭىز كېرەك. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ستاتىسكىسى بويىچە ۋەقە يۈز بەرگەندە يەل خالتىسى ھاياتىنى قوغداشقا پەقەت %10 ، بىخەتەر تاسمىسى % 90 ياردەمدە بولىدىكەن. مېنىڭ ماشىنامدا ھاۋا خالتىسىدىن 6سى بار، 12 سى بار دېگەنلەر ۋاقتى كەلگەندە تاسما تاقىمىسا يەنىلا ئوخشاش دېگەن گەپ. بىخەتەر تاسما گەرچە ئاددىي بىر قۇرۇلما بولغىنى بىلەن مۇشۇ سەۋەبلىك ئاللاھ بىزنى خېلى چوڭ بالايى-قازالاردىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا چوڭ-كىچىك سەپەرلەردە چوقۇم تاسما تاقاشقا ئادەتلىنىڭ. چۈنكى سىز ئاستا ماڭغىنىڭىز بىلەن قارشى تەرەپ تەلۋىلەرچە مېڭىپ سىزگە سوقۇلسا ئوخشاشلا چوڭ خەتەر چىقىپ قالىدۇ. سىز ئۆزىڭىز ئاستا ماڭىمەن دەپ كاپالەت بېرەلىگەن بىلەن سىزدىن باشقىلارغا، سىزگە سوقۇلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق بىر نەرسىگە كاپالەت بېرەلمەيسىز. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئاخىرىدا دوستلارنىڭ سەپىرىنىڭ بىخەتەر، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بولىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. تۆۋەندە ئىككى دانە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاشنى تەۋسىيە قىلىدىغان تەشۋىقات فىلىمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي.









































ياخشى بىلىملەر
2-فىلىم پەيزى كەن جۇما
تمىنى ئوقۇغاچ ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتنى ئەسلەپ قاپتىمەن دىسە !
يازمىنىڭ ئاخىرىدىكى بىخەتەرلىك تاسما تاقاش توغرىسىدىكى فىلىم ماڭا بەك تەسىر قىلدى. سەپەردىن كېپ بولغان ئوخشىمامسىز؟