مەن ئالدىنقى قىتىم يوللىغان ماقالەمدە ئىيتقىنىمدەك، 4S دە CDMA كارتىسى ئىشلىتىش توغۇرلۇق ماقالە يېزىشقا بۈگۈن ۋاقتىم يېتىپتۇ. ئاساسى مەزمۇننى سۆزلەشتىن بۇرۇن بەزى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى سۆزلەپ ئۆتەي…

iPhone 4S بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى سىلىپ ئىشلەتكۈچىلەردە، بەزىدە ئۆزىچە سىگنال يوقاپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ بىرلەشمە خەۋەرلىىشىش سېتىۋاتقان(ياكى جۇڭگۇ دۆلەت ئىچى行货 نەشىردىكى) iPhone 4S لەردە بۇ خىل ئەھۋال خىلى كۆپ كۆرۈلگەن. كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر توختىماستىن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان. ھەم بۇ ئەھۋال توردا كەڭ تارقىلىپ 移动门,频段门 دەپ ئاتالغان. ئالما شىركىتىمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەقەت iPhone 4S ئۈچۈنلا يېڭى بىر iOS نەشىرى 5.0.1r1(يەنى 9A406 دەپ يېزىلغان نۇسقىسى) نى ئېلان قىلغان. گەرچە بۇمۇ 5.0.1 بولسىمۇ بۇرۇنقى 5.0.1 دە 9A405 دەپ يېزىلغان، يېڭىسىدا 9A406 دەپ يېزىلغان.

كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ ئارقىدىنلا ئېنىقلىما بىرىپ بۇ مەسلىنىڭ تۈزىتىلگەنلىكىنى، 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ زاۋۇتتىن چىققان iPhone 4S لەردە بۇنداق مەسىلىنىڭ كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بۇرۇن سېتىۋالغانلارنىڭ بولسا 3-ئاينىڭ بېشىدىكى ئالما شىركىتى ئېلان قىلىدىغان يېڭى سىستىما نەشىرى(يەنى 5.1 نى دىمەكچى) گە يېڭىلىغاندىن كىيىن ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مەسىلە ئەمەلىيەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ياكى ئۇنىڭ SIM كارتىسى بىلەن ئالاقىدار بولماستىن بەلكى بىرلەشمە خەۋەرلىىشىش سېتىۋاتقان، ياكى جۇڭگۇ ئىچىدىكى قانۇنلۇق نەشىرى(行货) نەشىردىكى iPhone 4S لەردە CDMA قىسمىنىڭ چەكلىۋىتىلگەنلىكى، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بىر قىسىم EDGE چاستوتىسىنىڭ بۇنىڭغا بەك يېقىن بولۇپ قالغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.

ئەمدى ئاساسىي تىمىغا كەلسەك بولىدۇ. دىمەك قولىڭىزدىكى 4S گە CDMA كارتىسى سېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كىرەك:

1. قولىڭىزدىكى iPhone 4S نىڭ تىپى A1387 بولۇشى كىرەك، بۇنى ئايفوننىڭ ئارقىسىغا قارىسىڭىز تاپالايسىز . A1431 دا بولمايدۇ.(يەنى بىرلەشمە خەۋەرلىىشىش سېتىۋاتقان، ياكى جۇڭگۇ ئىچىدىكى قانۇنلۇق نەشىرى(行货) لىرىدە بولمايدۇ). A1387 ۋە A1431 توغۇرلۇق تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز بۇ ماقالىنى ئوقۇڭ.

2. سىستىما نەشىرى 5.0.1r1(يەنى 9A406 دەپ يېزىلغان نۇسقىسى) بولۇشى كىرەك بۇنى بۇ يەردىن چۈشەرەلەيسىز.

3. 9A406 نى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز،ئەمدى تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ(تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ).

4. Cydia دا بۇ مەنبەنى قوشۇڭ: http://iphone.tgbus.com/cydia . قوشۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ مەنبەدىكى 电信Bundle文件 نى ئىزدەپ تىپىپ قاچىلاڭ.

5. ئاندىن يەنە بۇ مەنبەنى قوشۇڭ: http://v.backspace.jp/repo . قوشۇپ بولغاندىن (ئىزدەش ئىقتىدارنى ئىشلەتمەستىن) شۇ مەنبەنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ CommCenter نى قاچىلاڭ.(چوقۇم مۇشۇ مەنبەدىكىنى قاچىلاڭ، باش مەنبەدىكىلىرى ياخشى ئەمەسكەن.)

ئەمدى CDMA كارتىنى سېلىپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ! ئەگەر شۇ ھامان سىگنال چىقمىسا سەل كۈتۈپ تۇرۇڭ…
ياكى 设置-电话-SIM应用程序 گە كىرىپ خالىغان تاللانمىنى بىسىپ ئۇچۇر ئەۋەتكۈزۈڭ، مۇشۇنداق قىلغاندا تىزراق تونۇيدىكەن. چوقۇم غەلبە قىلالايسىز.

CDMA كارتىنى سېلىپ ئىشلىتىشتە ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغىنى ئامېرىكىنىڭ Verizon قۇلۇپسىز نۇسقىسى(ئەگەر كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى پەقەتلا سالمايمەن دىسىڭىز قۇلۇپلۇق نۇسقىسىمۇ بولىۋىرىدۇ). بۇنى توردا V版无锁 دەپ ئاتايدىكەن، ئەگەر سىزدە iPhone 4S سىتىۋىلىش نىيىتى بولۇپ، تىخى سىتىۋالمىغان بولسىڭىز Verizon قۇلۇپسىز نۇسقىسىنى تاللاپ سىتىۋالغىنىڭىز ياخشى. ئەكسىچە جۇڭگۇ ئىچىدىكى قانۇنلۇق نەشىرى(行货) سىتىۋىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چۈنكى CDMA چەكلىۋىتىلگەن ھەم يۇقارقىدەك بەزى كەمچىللىكلىرى بار.

iPhone 4S نىڭ قايسى تىپتىكىسى قەيەرنىڭ نۇسقىسى ئىكەنلىكىنى بۇ بەتتىن كۆرۈۋالالايسىز.

مەن ئۆزۈممۇ شاڭگاڭ نۇسقىدىكى iPhone 4S تە سىناپ باقتىم. لېكىن مەندىكى CDMA كارتىسى كونا تىپتىكى 32KB لىق UTK بولغاچقىمىكىن، 3G تورىغا ئۇلىنالمىدى. ئەڭ ياخشىسى ھازىر يېڭى خىلدىكى 128KB لىق OTA كارتىسى بولسا ياخشىكەن.

تۆۋەندىكىلىرى مەن سىناق قىلغاندا تارتىۋالغان سۈرەتلەر:

 

پاسىبان كۇلۇبىدىن Uzboy يازمىسى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



40 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدىن بىرسى ھەل بولۇپتۇ. ئۇچۇر يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىنىڭ ئىشلەتكىنىم شاڭگاڭ نۇسخىسى ئىدى سىز يۇقاردا تېلغا ئالغان شەرتلەرگە چۈشىدىكەن ، كۆرسەتمىنىڭىز بۇيىچە قىستۇرمىلارنى قاچىلدىم, بىردەم سىگىنال ئىزدەپ 无服务 دەپلا تۇرىدۇ . قىلىشقا تىگىشلىك بىرەر يەر تېلغا ئېلىغسىز قالدىمۇ يا

  3. مەنمۇ 4s نىڭ مۇشۇنداق بىر قىچىقى چىقىدۇ دەپ ئويلىغان. بەك ياخشى بولدى. ئەگەر يۇقىرىقى قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ قويساق GSM كارتا يەنە ئىشلەرمۇ؟ مەنمۇ ھازىر ئاۋۇ مەنبەلەرنى قېتىۋاتىمەن… بىر سىناپ باقاي خوتۇندىكى تېلېگرافنىڭ كارتىسىنى سېلىپ.

  4. تىلگىرافنىڭ ئېلان قىلىنسا ئۇنىمۇ كۆچمىدە ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلى چىقىدۇ.
    مەنچە تېلىگىرافنىڭ بىر قەدەر ئىشەنچلىك.

  5. سىگىنال چىقتى لېكىن تېلفۇن ئۇرساملا يوقاپ يەنە سىگىنال ئىزدەپ يەنە تېپىپ يەنە ……… مۇشۇنداق باشقىلار تەسىراتىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇڭلار

  6. 设置-电话-SIM应用程序 ئۇچۇر يوللىسام سىگىنال چىقتى ، تېلفۇن قىلاي دەپ چىكىنىشىمگە سىگىنالمۇ چىكىنىپ كەتتى ، قايسىڭلار ئۇتۇقلۇق قىلدىڭلار ؟ قايسىڭلار مەندەك مەسىلىگە يولۇقتۇڭلار

  7. بولدى ئوڭۇشلۇق بولدى ! كۆپ رەھمەت ! ئالدىرماي قايتا -قايتا سىنىساق بۇلىدىكەن

  8. سىگنال مۇقىم بولماسلىقى نورمال ئىش ئوخشايدۇ

  9. مەنمۇ ئوخشاش شۇ مەسىلىگە يولۇقتۇم. قارىغاندا بىرەر قىستۇرما جايىدا قاچىلانمىغاندەك. مەن بىر قېتىم تېلېفون قىلالىدىم. تېلېفنىڭ كارتىسىنى سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندىم،
    ئەمدى سىستېمىنى يېڭىباشتىن قاچىلاپ نورمال ھالەتكە ئەكىلىپ كۆچمىنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىۋىرەي. مەن بەرىبىر نومۇر ئالماشتۇرالمايمەن.
    ھازىر مەن تېلېگراف بازارغا سالغان نۇسخىسىدا GSM كارتىنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ بولمامدۇ، قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى،
    مەن بىر ئامىركىنىڭ Iphone 美版) ئالاي دىگەن، سەۋەبى باھاسى خېلىلا ئەرزان ئىكەن. ئەمما بەزى دۇكاندار خوجايىنلار شىياڭگاڭ نىكىنى ئال، ئامىركىنىڭكىنى ئالساڭ نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرسەڭ ئۇ بولىدۇ، بۇ بولىدۇ دەپ يېقىن كەلتۈرمەيۋاتىدۇ. مەن شۇ بۇ يىل يەتتىنچى ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ شەھەردىن كىتىپ قالسام، چاتاق چىقسا ئۇلارنى يەنە ئىزدەپ كىلەلمەيمەن، شۇڭا بۇ ئامىركا نەشىردىكى ئايفوندىن ئازراق ئەنسرەۋاتىمەن، ئەمما باھاسى بولسا ناھايتى مۇۋاپىق تۇيۇلىۋاتىدۇ. بۇ توغۇرلۇق توردىن ماتىريال ئاختۇرۇپمۇ تۈزۈك تاپالمىدىم، بولسا مۇشۇ ئىشقا بىر مەسلىھەت بېرەلەرسىزمۇ؟
    ياكى ياخشى يامان تەربىپىنى تەپسىلي سېلشىتۇرۇپ يېزىلغان يازمىلارنىڭ ئادرىسىنى كۆرسۈتۈپ بەرىڭىزمۇ بولاتتى.
    رەھمەت سىزگە!

    • ئامېرىكا نۇسخىسىنىڭ قۇلۇپسىزلىرىمۇ بار. قولۇپسىزلىرىنى تاپالىسىڭىز شۇنى ئالسىڭىز كېيىن سىستېما نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىزمۇ قۇلۇپلىنىپ قالىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. دېمەك، خاتىرجەم ئىشلىتەلەيسىز. قۇلۇپلۇق، قۇلۇپسىز بولۇشىدىن باشقا ھېچقانداق پەرقى يوق. چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى (بىرلەشمە ۋە جۇڭگوغا قارىتا بازارغا سېلىنغان، رەت نومۇرى A1431 بولغان ئايفونلار) نى ئالمىغىنىڭىز ياخشى. ئەمەلىيەتتىمۇ باھاسى ئەڭ قىممىتى چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى.

  11. مەن ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇ Cydia دىن قاچىلىنىدىغان ئىككى خىل ياماق، پۈتۈنلەي بىخەتەر بولۇپ، پەقەت ئايفونغا تىلگىراف شىركىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قوشىدۇ. 9A406 تېخىمۇ شۇنداق، بۇ نۇسقىدىكى 5.0.1 دە ھەرقانداق شىركەتنىڭ كارتىسىنى ياخشى تونۇيدىغان بولغان،ھەم بۇ ياماقلارنى قاچىلىغاندىن كىيىن كۆچمە ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىلىرىنى ئىشلىتىشكە قەتئى تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا سىناپ بولغاندىن كىيىن بۇ ياماقلارنى ئۆچۈرىۋىتىش، سىستىمىنى قايتا قاچىلاش ھاجەتسىز.
    سىگنالنى تونۇشى مۇقىم بولمىغانلىق توغرىسىدا، بىرەر قىستۇرما كەم ياكى جايىدا قاچىلانمىغانلىقتىن ئەمەس. ئەسلىدىنلا بۇ ئامال ئامېرىكا Verizon قۇلۇپسىز نۇسقىسى(MD276LL/A دىن MD281LL/A گىچە)لىرى ئۈچۈن ياسالغان ئىكەن. بۇ نۇسقىلىرىدا بۇ ياماقلارنى قاچىلىغاندىن كىيىن خۇددى GSM كارتا سېلىپ ئىشلەتكەندەك، سىگنالمۇ ئۈزۈلۈپ كەتمەي، ھەممە يەر جايىدا ئىشلەيدىكەن. ھەتتا توردا بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە Verizon قۇلۇپسىز نۇسقىسىنى 9A406 گە يېڭىلىغاندىن كىيىن تۈرمىدىنمۇ قاچۇرماي بىۋاستە CDMA كارتىسىنى سالسىلا تونۇپ كەتكەن ئىشلارمۇ بوپتۇ. ھەم تاۋباۋدا ھازىر مۇشۇ Verizon نۇسقىسىنى CDMA كارتىنى تونۇيدۇ دەپ كاپالەت بېرىپ سېتىۋاتىدۇ.
    ئەگەر CDMA كارتىنى سېلىپلا تونۇپ بولالمىسا، ئۈستىدە دىيىلگەندەك قىلىپ بېقىڭ، ئاندىن 228* گە تېلېفۇن ئۇرۇپ بولۇپ 蜂窝数据网络 نى ئېچىپ ھەم تورغا ئۇلىۋىتىڭ. مۇشۇنداق بولغاندا سىگنال مۇقۇمراق بولىدىكەن. ئاندىن 128KB لىق OTA كارتىسى بولسا ياخشىراق بولىدۇ.
    مېنىڭچە كىلەر ھەپتە 5.1 نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ تېلېگراف نۇسقىسىمۇ بازارغا سېلىنىپ بولىدۇ. 5.1 دە بۇ ئامال تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن.
    ئوڭۇشلۇق بولغانلار 3G تورىغىمۇ ئۇلىنالىدىمۇ؟ سىناپ باققىنىڭلار قەيەرنىڭ نۇسقىسى ئىكەنلىكىنى، ياكى MD276LL/A گە ئوخشاش تىپ نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار.

  12. ھە مۇنداق دەڭ، بۇ قېتىم بازارغا بارسام قۇلۇپسىزى نەچچە پۇل، قۇلۇپلۇقى نەچچە پۇل دەپ سوراپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا سنگاپورنىڭ itouch 4 نى سېتىۋالغان، چوڭ قۇرۇقلۇق نەشىرىدىكىدىن ئاران 200 يۈەن پەرقلەنگەنتى.دەسلەپتە چاتاق چىقسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەن، ھازىرغىچە چاتاق چىقمىدى.
    بۇ قېتىم Iphone 4s نىڭ شىياڭگاڭ نۇسخۇسىنى 4650، چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنى 4850 دەيدۇ. يەنە شۇ ئارانلا 200 يۈەن پەرقلىنىدىكەن.
    ئەمما ئامىركا نۇسخىسىنى 2800 يۈەنلەرگە ئالغىلى بولىدىكەن. قۇلۇپلۇق مۇ قۇلۇپسىزمۇ سوراپ باقماپتىمەن. بۇ قېتىم سوراپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
    يەنە بىر سورايدىغىنىم، ئامىرىكا نۇسخىسى مەيلى قۇلۇپلىق بولسۇن ياكى قۇلۇپسىز بولسۇن بۇ تىلفوننى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ھېلىقى «卡贴» دىگەن نەرسە كىتەمدا؟
    رەھمەت سىزگە.

    • iPhone 4s نىڭ قۇلۇپلۇق ئامېرىكا نۇسخىسىنىمۇ ھەرگىز 2800 دىن ساتمايدۇ (iPhone 4 نىڭ قۇلۇپلۇقلىرىنى مۇشۇنداق ئالغىلىمۇ بولىدۇ دەپ ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە. لېكىن 4s نى ھەرگىزمۇ بۇنداق ساتمايدۇ). بۇنىڭغا ئىشەنمەڭ. ھەقىقىي 4s بولسا مەنمۇ يەنە بىرنى ئېلىپ قويىمەن ھازىر.

  13. ئاۋۇ 2800 دىگەن باھا iphone 4 نىڭ باھاسىكەن جۇمۇ، 4s ئەمەسكەن.

  14. iPhone 4S نىڭ بازارادا سىتىلىۋاتقان ئامېركا نەشىرلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرى قۇلۇپسىز(无锁). ھازىر iPhone 4S نى ئەڭ ئەرزىنى كورىيەنىڭ قۇلۇپسىز نەشىرىمىكىن، 16GB لىقى 4250 يۈەن بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر ھازىر بۇ باھادىن بەك ئەرزان بولسا ئاساسەن قۇلۇپلۇق نەشىرى(有锁) بولىدۇ.مەيلى iPhone 4S بولسۇن ياكى iPhone 4 بولسۇن، سېتىۋالغاندا قۇلۇپى بار يوقلۇقىنى ئېنىق سوراپلا ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر قۇلۇپى بار يوقلۇقىنى ئېنىق بىلەلمىسىڭىز 设置-通用-关于本机-型号 غا قاراپ شۇ نومۇرنى تورغا يازسىڭىز ياكى كۇلۇبىمىزدىن سورىسىڭىز قەيەرنىڭ نۇسقىسى ئىكەنلىكىنى، قۇلۇپى بارمۇ يوق بىلگىلى بولىدۇ. سۈپەت جەھەتتە ھەممە يەرنىڭ ئوپمۇئوخشاش، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.
    iTouch نىڭ قۇلۇپى بولمىغاندىكىن، قەيەرنىڭ ئالسىڭىز بولىۋىرىدۇ. سۈپىتى ئوخشاش.
    «卡贴» دىگەن نەرسە پەقەت قۇلۇپلۇق ئايفونلار ئۈچۈنلا كىرەك بولىدۇ. قۇلۇپسىزلا بولسا بۇ نەرسە كەتمەيدۇ.

  15. مەن يۇقاردا دىيلگەن ئۇسۇللارنىڭ ھەممىنى قىلدىم سىگىنال مۇقىم ئەمەس بىر قېتىم پاراڭلىشىپ قارىسام يەنە يوق . 128ك لىق كارتا ئىدى، سىگىنالنىڭ مۇقىم بۇلۇشقا بىر ئامال قىلساق بۇلاتتى(شاڭگاڭ نۇسخىسى)

  16. بۇئىش بەك ياخشى بوپتۇ،ئەمدىكى مەسىلە تىلگىراف بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنى بىللە ئىشلەتكىلى بولدىغان قوش كارتا قىلىپ ,چاپلاق چىقسا ياخشى بولاتتى بۇتىخىمۇقولايلىق بولاتتى..ھى ھى ھى :o))):

  17. پاسىبان قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ تېمىنى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىدىن بەك بەك خوشال بولدۇم….بۇدا شىۋىتسىيەدىن 10 دانە ئايفون4s كىرگۈزگەن مەنمۇ ئاق رەڭ 32گ دىن بىرنى ئۆزەمگە ئېلىپ قالغان ئىدىم….مىنىڭ دەل پاسىبان ئەپەندىم دېگەندەككەن يەنى A1387 ئەمدى ۋەتەنگە قايتسام تېلگىراف شىركىتىنىڭ كارتىسنى ئىشىلىتەلەيكەنمەن…..دوستلارغا مۇشۇنداق تېلفۇن لازىم بولسا بىرلىشىپ زاكاس قىلىڭلار ياۋرۇپادىن ئەكەلدۈرۈپ ئەسلى زاۋۇت ئورالغان ھالەتتە ۋەتەنگە سېلىپ بېرىمەن باھاسى ئەلۋەتتە ۋەتەندىكىدىن ئەرزان
    ئالاقە 1726637943 كوت-كوت

  18. تاموژنىدىن بىخەتەر ئۆتەلەمدىكەن بۇنداق مال؟ باھاسى قانچە؟ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىسىڭىز ئالىدىغانلار چىقاتتى.

  19. ئاخىرى ئؤيغؤرچە يازدىم ياخشى بولدى

  20. شۇ ئەمەسمۇ ، تامۇزنىدىن بىخەتەر ئۆتەلىسە مەنمۇ بىرنى زاكاس قىلسام بۇلاتتى .

  21. مىنىڭ تىلفۇنىمدا ئۇيغۇرچە خەتلەر نىمىشقا سىزنىڭكىدەك چىرايلىق چىقمايدۇ؟
    is5 گە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى قاچىلىغىلى بولامدۇ؟

    • ئەلۋەتتە بولىدۇ تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىزلا. ئۈسكۈنىنى iTools قا چېتىپ ئۇيغۇرچە قوشۇلغان فۇنتنى (بۇ فۇنتنى شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى، پاسىبان مۇنبىرى، بىلىك كۇلۇبى قاتارلىق مەنبەلەردىن تاپالايسىز) تۆۋەندىكى مۇندەرىجە ئاستىغا قاپلاپ كۆچۈرۈۋەتسىڭىز ئاندىن ئايفوننى قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئۇيغۇرچە خەتلەر ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك چىرايلىق چىقىدۇ:
      /System/Library/Fonts/Cache

    • جاۋاب جايىدا بېرىلىپتۇ. ئۇ فونتنى ماۋۇ يەردىن تېپىڭ :
      /hezine/comment-page-1#comment-2027

  22. سگنال توراغلىك ەمەسكەن 3تورىغا نورمال ىولاندى سەىۇد ەرەبستان

  23. مەن موشو خەتىنى ىاران يازدېم

  24. ھۆرمەتلىك پاسىبان مەن بىرلەشمە شىركىتىدىن س4سېتۋالغان مېنىڭ بۇ يانفونومغا سىلەر تونۇشتۇرغان بۇتىلگىراف كارتىسنى سېلىپ تىلپۇن ۇرشۇم مومكىن بولماسمۇ؟ناۋادا راسلام مومكىنچىلقى بولمىسا مېنىڭ كۆڭلۈم بىر ۆمۈر يېرم بولدىغان وخشايدۇ،مېنىڭ بىردىن بىر ۈمۈدۈم يەنلام شۇ پاسىبان ەپەندىدە قالدى بىر امالىنى تېپىپ بەرسە دىگەن ۈمۈتتە؟؟؟؟؟؟

    • بۇنىڭغا ئابدۇرەشىتكام جاۋاب بېرىپ بوپتۇ. جۇڭگو نۇسقىسىدىكى iPhone 4S تىن بۇ ئىقتىدارىنى چىقىرىپ تاشلىغان. يازمىدىمۇ ئېنىق دېيىلگەن.
      سىز بۇنىڭلىققا بىر ئۆمۈر كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ يۈرمەي بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىۋەرسىڭىز بولمىدىمۇ؟ بەرىبىر ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا 3G تورى. تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا CDMA نىڭ كارتىسىنى سالسىڭىز باتارىيە تېزراق خورايدۇ تېخى.
      ئەسلىدىنلا يوق نەرسىنىڭ يوق بولغىنىنى بىلىپ بىر ئۆمۈر كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ يۈرمەي كۈلۈپ ياشاڭ. قولىڭىزدا تېخى 3G تورىنى قوللايدىغان iPhone 4S تۇرۇپتۇ. :o))):
      مەن تېخىچە قۇلۇپى بار iPhone 4 ئىشلىتىپ يۈرىۋاتىمەن. مەندە يا 3G كارتىسىى يوق، يا قورقماي سېستىما يېڭىلىيالمايمەن. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ تېخى بەزىدە قاقاقلاپ كۈلۈپمۇ قويىمەن. :o))): كۆڭلۈم يېرىم بولماي يۈرۈيمەنغۇ ئەنە…

  25. مېنىڭچە بۇ مۇمكىن بولمايدۇ، ئالما تەرەپ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسىدىكى iPhone 4s نىڭ CDMA بۆلىكىنى قىسقارتىۋەتكەن.

  26. رەھمەت يازماممنى كۆڭۈل قويۇپ زىيارەت دوسلۇرۇمغا مەن ئويلايمەن لەنتۇڭنىڭ بۇ3ج تور بولسا ناھىيە ئىچىدە نۇرمال بولدىكەن يېزلاردا بولسا نۇرمال ئىشلىمەيدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چىدماس لەنتۇڭ شىركىتى ئۆزى سۆزلىشىش ھەققى ئۇرۇپ بەرگن يەنى شۇ ئايفون بىلەن بىرگە بەرگەن كارتا ئايفوندىن ئايرىلىپ باشقا يانفونغا قاچلانسا شىركەت ئۇرۇپ بېردىغان ئايلىق سۆزلىشىش پۇلنى ئۇرۇپ بەرمەي سەن بىز تەمىنلىگەن كارتىنى تىلپۇندىن ئايرىپ ئىشلىتىپسەن دەپ تۇرۋالدىكەن.مېنىڭ ئايفون ھەۋەسكارلىردىن ئاڭلىشىمچە س4كە قانداق كارتا سېلىپ ئىشلەتسە بولدىكەن دەپ ئاڭلاپ قىزقىپ ئالغان ئىدىم ئەمدى بولسا شۇ لەنتۇڭ كارتىسىغا شىركەت ئۇرۇپ بېردىغان شۇ پۇلى تۇككىچە 2يىل مۇھتاج بولدىكەنمىز شۇنداقمۇ؟يەنە تلگىراف شىركىتنىڭ بولسا 3ج تورئاڭلاشلارغا قارغاندا  ھەرقايسى يېزا قىشلاقلاردىمۇ نۇرمال ئىشلەيدكەن.ۋە تور سۇرئەتمۇ تىز بولامىش لەنتۇڭ شىركىتى تەمىنلىگەن بۇ توۋسەنلەرنىڭ ئايلىقى ئۆلچىمى بولسا يۇقرى تىلپۇن ئۇرۇش مىنۇت سانى ئاز تور مىقدارى يۇقرى ئىكەن بۇنداق بولغاندا دوسلار بىلەن بولغان تىلپۇن ئالاقىمىز ئەندىشە ئىچىدە بوپ قالدىكەن،ئەمدى مېنىڭ ئاساسى مەخسىتىم بولسا مۇشۇ خىل ئايفون ئىشلەتكۈچى ھەۋەسكارلىرمىز بولسا سىلەر توردا ئېلان قىلغان ھېلقى تىلگىراف كارتىسى ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن مەھرۇم بولامدۇق؟ياكى ئىجدىيەتچى ئجادكار دوسلىرمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بۇ ئايفونلاردىمۇ پەن تېخنىكىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئامال بوپ قالارمۇ دىمەكچى؟ئەگەر شۇنداق ئامال بوپ قالسا بۇ خىل ئايفون ئىشلەتكۈچى ھەۋەسكارلار ناھايىتى مەمنۇن بولغان بولتتۇق.مەن ئويلايمەن شۇ ئىجادكارلىرمىز ئاخىرى شۇ ئۇسۇلدىن بىزنىمۇ بەھرىمان قىلالايدۇ دەيمەن ياراتقۇچى ئاللا قولۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن.

    • ئالماشتۇرىمەن دېسىڭىز ئۇلار سىزنى ئاۋارە قىلغاندىكىن، 联通 دىن ئالغاندىن كىيىن شۇنىڭكىنى ئىشلىتىۋېرىڭ. ياكى نومۇر بىلەن قوشۇپلا باشقىلارغا سېتىۋېتىپ 电信 گە كۆچۈپ كېلىڭ.

  27. بۇ تىلگىراف شىركىتى سېتۋاتقان س4ايفوندا بىرلەشمە ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىللىرنى ىشلىتىشكە بولارمۇ ياكى بۇلارمۇ باشقا كارتا ىشلىتىشنى چەكلەپ قويغانمىدۇ؟؟؟؟

  28. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى!
    تۈنۈگۈن 4s سېتىۋالاي دەپ Iphone نىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بارسام، CDMA ئالامسەن ياكى GSM مۇ دەيدۇ، مەن CDMA ئالسام كىيىن GSM سالغىلى بولامدۇ دىسەم ياق دەپ جاۋاپ بەردى. دىمەك چوڭ قۇرۇقلۇقتا تارقىتىدىغان نۇسقىسىدا بىرنى ئىشلەتسە بىرنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.
    مەن ئىككىلىسى ئىشلەيدىغاننى ئالاي دىگەن، قارىغاندا شىياڭگاڭ نۇسخىسىنى ئالىمەنمۇ ئەمدى؟ بۇغۇ چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىغا قارىغاندا تۆت بەش يۈز سوم ئەرزان ئىكەن. سىز دىگەندەك شىياڭگاڭ نۇسخىسىنى ئالسام cdma ۋە GSM لارنىڭ خالىغىنى ئىشلىتەلەيمەنمۇ؟ شىياڭگاڭ نۇسىخىسىنى ئالسام ئۇلار تالون چىقىرپ بەرمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئالما دۇكىنىدا ئۇنى بىر يىلللىق مۇلازىمەتكە ئىگە قىلغىلى بولامدۇ؟
    رەھمەت

    • شىياڭگاڭ نۇسقىسىنىڭ ئەرزان بولىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئۇنىڭ ھەقسىز رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى بولمايدۇ. مېنىڭچە سىز شىياڭگاڭ نۇسقىسىنىلا ئېلىڭ.

  29. سىياڭگاڭ نۇسخىسىنى تاغتۇرا (山塞) تېلغۇن ساتىدىغان گۇيلاردىن ئېلىشقا توغرا كىلىدىكەن. ئالما دۇكىنى ئۇنى تەمىنلىمەيدىكەن.
    ئەمدى شۇ مۇشۇ پۇل دىسە ھەممىنى قىلىدىغان گۇيلاردىن ئەنسىرەپ قالدى ئەدەم.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5 نىڭ كونا نەشىر ئابونتلىرى 5.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 5.0.1 5.1
iPhone 4 5.0.1 5.1
(iPhone 4 (CDMA 5.0.1 5.1
iPhone 4S 5.0.1 5.1
iTouch 3 5.0.1 5.1
iTouch 4 5.0.1 5.1
iPad 1 5.0.1 5.1
iPad 2 Wifi 5.0.1 5.1
iPad 2 3G 5.0.1 5.1
iPad 2 CDMA 5.0.1 5.1
iPad 3 WiFi - 5.1
iPad 3 4G - 5.1
iPad 3 4G CDMA - 5.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.6 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac].

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0228 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش