جۇڭگۇ تېلېگرافىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇ تېلېگرافى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا iPhone 4S نى رەسمىي سېتىشقا باشلايدىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ كەڭ ئابونتلار ھەرقايسى جايلاردىكى جۇڭگۇ تېلېگرافىنىڭ بەلگىلەنگەن سېتىش دۇكانلىرىدىن ياكى مەخسۇس تور تىجارەت زالى www.189.cn دىن بەلگىلەنگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىملىرىنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدىكەن. بەزى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىملىرىدە ئايغا بۆلۈپ قايتۇرىدىغان پۇلنى ھېساپلىغاندا 16G,32G,64G لارنىڭ ھەممىسىنىڭ سېتىۋالغان پۇلى 0 يۈەنگە توختايدىغانلىرى بار ئىكەن. 3-ئاينىڭ 2-كۈنى(جۈمە)دىن باشلاپ تور ئارقىلىق ئالدىن زاكاس قىلىشقا بولىدىكەن.
تۆۋەندىكىسى ئورگان تەرەپنىڭ ئاشكارلىغان بىرقىسىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىم ئەھۋالى:
يۇقارقى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىملىرىنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئوخشاش باھادىكىسىگە سىلىشتۇرغاندا مەيلى سۆزلىشىش مىنۇت سانى بولسۇن، مەيلى تور ئېقىم مىقدارى بولسۇن تېلېگرافنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە قارىغاندا كۆپرەك ئىكەن.
ئورگان تەرەپ تاكى ھازىرغىچە، iPhone 4S نىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى، يۇقارقى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىملىرى بويىچە ھەر ئايدا قانچە پۇلدىن قايتۇرىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىمىدى. لىكىن بەزى ئۇچۇر ئىگەللىگۈچىلەرنىڭ خەۋىرىچە نومۇرنى ئىچىگە يازىدىغان بولماستىن نورمال كارتا سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن ھەم يۇقارقىلاردىن باشقا تېخىمۇ ئەرزان(بەلكىم 49يۈەن دىن باشلىنىدىغان) يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىملىرى بار ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى جۇڭگۇ تېلېگرافى بازارغا سالماقچى بولغان iPhone 4S نىڭ جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەستىقلىنىپ ئىجازەت بىرىلگەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇر:
بۇنىڭدىن بىز ئۈسكۈنە تىپى دىگەن يەرگە A1387 دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. A1387 تىپتىكى iPhone 4S بولسا «بىرلمەشمە خەۋەرلىشىش ۋە ئالمىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئورگان تور بېتىدە ھازىر سېتىلىۋاتقان كىلىشىمسىز 行货 نەشىرىدىن باشقا» دۇنيادىكى بارلىق نەشىردىكى iPhone 4S بىلەن ئوخشاش. بۇنىڭدىن بەزىلەر باشقا دۆلەت نەشىرلىرىدىكى iPhone 4S لەردىمۇ جۇڭگۇ تېلېگرافىنىڭ كارتىسىنى سىلىپلا CDMA تورىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ دەپ قارىماقتا(مەنمۇ بۇ توغرىسىدا بىر تىما يازماقچى).
تۆۋەندىكىسى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بازارغا سالغان iPhone 4S نىڭ جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەستىقلىنىپ ئىجازەت بىرىلگەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇر:
بۇنىڭدىنمۇ بىز ئۈسكۈنە تىپى دىگەن يەرگە A1431 دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. A1431 تىپتىكى iPhone 4S بولسا ئالما شىركىتى پەقەت جۇڭگۇ ئۈچۈن، بىرلمەشمە خەۋەرلىشىش ئۈچۈنلا ياساپ بەرگەن نۇسقىسى ھىساپلىنىدۇ. ئۈستىدىكى ئۇچۇردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، قوللايدىغان تورموھىتىنىڭ ئارىسىدا CDMA دەيدىغان گەپ يوق، بۇ(A1431) نەشىردىكى iPhone 4S دە CDMA قىسمى پۈتۈنلەي ئېلىۋىتىلگەن بولۇپ، بۇ نەشىردىكى iPhone 4S دە CDMA تورى ئىشلىتىش خامخىيال ھىساپلىنىدۇ. ئەكسىچە جۇڭگۇ تېلېگرافى بازارغا سالماقچى بولغان iPhone 4S دە CDMA دىن باشقا يەنە GSM/WCDMA نىمۇ تەڭلا قوللايدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان.
شۇڭا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىمى بويىچە سىتىۋالىدىغانلاردىن باشقىلار ھازىرچە (A1431 تىپىدىكى iPhone 4S نىڭ) 行货 نەشىرىنى سېتىۋىلىشقا ئالدىرماي تۇرۇڭلار.
—
پاسىبان كۇلۇبىدىن Uzboy يازمىسى.









































ماڭا رەنجىيەن لازىم
گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم.
بۇ بۇرادەر مەنچە 软件 دىمەكچى ئوخشايدۇ.
ئەگەر بىرنى ئېلىپ كانى بىر ئىككى ئاي ئىشلىتىپ تاشلىۋەتسەك تېلىفۇننى يەنە داۋامىلىق ئىشلىتىشكە بۇلامدىكەن؟
بېرنى ئالسىڭىز ئۈچ تۆت مىڭ سوملۇك سۆزلىشىش ھەققىنى مانچە ئايغا سوزۇپ ئۇرۇپ بېرىدىغان كارتىنى تاشلىۋېتەمسىز؟ ئەجەپ ئىسىل ئىشىڭىز باركەن، نەرگە تاشلىۋىتىسىز، ماڭا دەپ بېرىڭا
باھاسى نىمانچە قىممەت كاساپەتنىڭ 5780 يۈەن خەلىق پۇلىنى بىر قېتىمدا تۆلەيدىغان ئىشكەن تېخى .
سېتىۋېلىشقا ئالدىرىماڭ دىگىنىڭىز تىلگىراف تارقاتقانىمۇ ياكى ئادەتتىكىسىمۇ؟
سېتىۋېلىشقا ئالدىرىماڭ دەپ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭكىنى ياكى 行货 نەشىرىنى دىمەكچى.