iMessage نىڭ iOS 5 تىكى يېڭى ئالاقە قورالى سۈپىتىدە iPhone, iPad ۋە iPod touch لار ئارىسىدا كۆپ قولايلىقلارنى ياراتقىنىنى يېڭى سېستىما قاچىلىغانلار بىلىشىدۇ. ئابونتلار iMessage ئارقىلىق ئۆز-ئارا ھەقسىز ئۇچۇر ئېۋەتىشەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار ئەمدىلىكتە Mac ئائىلىسىدە روياپقا چىقىپتۇ.
5.0 لىك سېستىمىدا iPhone دا تۇرۇپ قىسقا ئۇچۇر يازىدىغان جايغا كىرگەندىن كىيىن، iPhone ىڭىز تورغا ئۇلانغان ۋە Apple ID باغلانغان بولسا، قارشى تەرەپتىمۇ ئوخشاش شارائىت ھازىرلانغان بولسا iPhone دەسلەپتە iMessage ئارقىلىق ئۇچۇر ئىۋەتىدۇ. بۇ چاغدا «ئۇچۇر ئىۋەتىش» دېگەن خەتنىڭ رەڭگى كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
ئەگەر سىز قىسقا ئۇچۇر يازىدىغان جايغا كىرىپ قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىنى تاللاپ بولۇپ خەت يېزىشقا باشلىسىڭىزلا يېشىل رەڭلىك ئىۋەتىش كونۇپكىسى دەرھال كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ ئالاھىدە بىر ئۇسۇلدا قىسقا ئۇچۇر يوللاش شەكلىنى iMessage غا ئالماشتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ پۈتۈنلەي ئاپتۇماتىك.
بىز بۇرۇن FaceTime نى چۈشەندۈرگەندە (بۇ ئۇلىنىشنى بېسىپ كۆرۈڭ) FaceTime نىڭ ھەرقايسى ئالما مەھسۇلاتلار ئارا ھەقسىز سۈرەتلىك پاراڭلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدۇق. ئەمدىلىكتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئالاقە قورالى سۈپىتىدە iMessage مۇ قوشۇلۇپتۇ. بىز خۇددى FaceTime غا ئوخشاش iMessage ئىقتىدارى (iOS 5.0 دىن باشلاپ بۇ ئىقتىدار قوشۇلغان) بولغان iPad, iPod touch, iPhone ۋە Mac كومپىيۇتېرلىرى ئارىسىدا بىمالال قىسقا ئۇچۇرغا ئوخشاش ھەقسىز پاراڭلىشالايدىغان بولدۇق.
Mac سېستىمىسىدىكى iMessage نىڭ ئىسمىنى ھازىرچە Messages دەپ ئاتايدىكەن. بۇ خۇددى بۇرۇنقى iChat بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ شۇنىڭ ئورنىنى ئالغانكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پەقەت iPad , iPhone لاردىكى iMessage نىڭ ئورنىنى ئېلىپلا قالماي خۇددى بۇرۇنقىدەك AIM, Yahoo! Messenger, Google Talk, Jabber accounts قاتارلىق پاراڭ قوراللىرىنىڭ ھەممىنى قوللايدۇ.
Mac سېستىمىسىدىكى Messages نۆۋەتتە Beta نۇسقىدا بولۇپ، ھېلىغىچە سىناق نۇسقىسىدا ئىكەن. بالدۇرراق سىناپ كۆرگۈسى بار دوستلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ. چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈدىغانلار ئالما ئورگان توربىتىدىن كۆرىۋالغاي.









































بۇ بىر خوش خەۋەر ئىكەن.بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بولدى دە..
پاسىبان ئەپەندى، Face Time نىڭ ئۇلىنىشى قوشۇلمىغاندەك تۇرىدۇ.